باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 803 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: مۇھەببەت لېرىكىلىرىم
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2629
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 13
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە13دانە
ئۆسۈش: 90 %
مۇنبەر پۇلى: 150 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-04
ئاخىرقى: 2011-04-21
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-02-10 02:56

مۇھەببەت لېرىكىلىرىم

مۇھەببەت لېرىكىلىرىم 



سۈرەتىڭگە قاراپتىمەن تەلمۈرۈپ ئۇزاق،
باسالمىدىم سېغىنىشلىق ئازاپلىرىمنى.
ئۇنتۇشقىمۇ ئىجازەت يوق بولدى بۇ يۈرەك،
بەك سېغىندىم شۇنچە تاتلىق قاراشلىرىڭنى.




قانات بولسا ئۇچۇپ بارسام دەيمەن يېنىڭغا،
بۇلاق كەبى رۇخسارىڭنى كۆرسەم بىر نۆۋەت.
سىردىشىشقا بولماي پۇرسەت ئۆتتى بۇ كۈنلەر،
كۆز ئالدىمدىن كەتمىدىغۇ شۇ شېرىن سۆرەت.




تۈندىكى شۇ خىياللىرىم،
ئەگىپ ئۆتەر پەقەت سېنىلا.
نىچۈن تەقدىر بولغاندۇ بۇنچە،
ئۇچرىشالماي قالدىم يەنىلا.

نىشانلىرىم كۆپتى ئەسلىدە،
ئەقلىم بىلەن ماڭاتتىم يولدا.
قول تۇتۇشۇپ ماڭغان تۇيغۇلار،
كېتىۋەردى تاغلاردا، باغدا.

ئاھ، يۈرۈگۈم ئۆرتەندى شۇنچە،
شېئىر يېزىپ ئۇيقۇسىز تاڭدا.



بۇ دۇنيا خوشاللىق، ئازاپقا تولغان،
تەنھالىق يۈرەكنى قىلدىغۇ زەرداپ.
شۇ سەۋەب ئۇيقۇلار بۇزۇلدى تۈندە،
ساندۇغاچ بولمىغاچ كۆڭۈللەر ئازاپ.


ئەسكەرتمە: «ساندۇغاچ» تاتارچە سۆز، مەنىسى بۇلبۇل.



سۈرەتىڭگە قارايمەن كۈندە،
سېغىنغاندا كۈلۈشلىرىڭنى.
مەجنۇن بولۇپ سۈرىمەن خىيال،
يوشۇرالماي ئازاپلىرىمنى.



پىچىرلايمەن ئۆزەمگە شۇنچە،
پۇرىسام دەپ خۇشخۇي ھىدىڭنى.
تەلمۈرىمەن ئازاپلىق كۈلۈپ،
ئۇزاتقاندا ئارمانلىرىمنى.

 

يۇقارقى سۈرەتلەردىن ئىلھاملىنىپ، يۈرەكتىن ئېتىلىپ چىققان لېرىكىلىرىم. 

تاتار ئوغلى يازمىلىرى
 


كۆپچىلىكنىڭمۇ بۇ لېرىكىغا ئەگىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5811
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1557
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1557دانە
ئۆسۈش: 180 %
مۇنبەر پۇلى: 16345 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-22
ئاخىرقى: 2012-03-29

تولمۇ يالقۇنلۇق ھىسيات بىلەن يېزلغان  مىسىرالاركەن  .
كىيىنكى ئىجادىيەتلىرىڭىزگە ئۇتۇق يار بۇلسۇن   .
اللا