مىنى ئەمدى دادىسى يوق دىمەڭلار
(كىشلىك دۇنيانىڭ ئۆتكۈنچى ھەۋەسلىرىگە بېرلىپ، سەبى بالىلىرىنڭ بەختىنى نابۇت قىلۋاتقان بىر قىسىم مەسئۇلىيەتسىز ئاتا –ئانىلارغا، خەتنە تويلاردا مىكرافۇن ئالدىدا تەمتىرەپ تۇرغان سەبىلەرگە بىغشلايمەن !.. )
ھايات ئاچچىق، قىسمەتلەرگە تولسىمۇ ،
سەبى دىلىم تۇگۇشلەردىن قاتسىمۇ .
ئانام ياشلام بەرگىى غازاڭ بولسىمۇ ،
مېنى ئەمدى دادىسى يوق دىمەڭلار .
ئازغۇن دادام ئەسىر بولۇپ تۇتۇنگە ،
سۇرۇپ چەكتى زامىن بولۇپ جېنىگە .
تىلىم كۇيەر بۇ دەرتلەرنى دىمەككە ،
مېنى ئەمدى دادىسى يوق دىمەڭلار .
بەخىتلىكمەن بوۋام، مۇمام بار بولغاچ ،
بەخىتلىكمەن كۇندە چۆچەك ئاڭلىغاچ .
بەخىتلىكمەن ماڭا دۇسلار يار بولغاچ ،
مېنى ئەمدى دادىسى يوق دىمەڭلار .
مەن كۆكلەيمەن ئانا يۇرتتا چىناردەك ،
ۋايسىمايمەن كۇلپەتلەردە تۇغراقتەك .
قىلاي پەرۋاز پەن– بىغىدا شۇڭقاردەك ،
مېنى ئەمدى دادىسى يوق دىمەڭلار... مەنبە :قەلەم