باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1706 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: پەرزەنت تەربىيىسگەئەھمىيەت بېرەيلى
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 4
ئومۇمىي يازما: 56
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە56دانە
ئۆسۈش: -10 %
مۇنبەر پۇلى: 560 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-18
ئاخىرقى: 2011-12-15
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-05-31 18:35

پەرزەنت تەربىيىسگەئەھمىيەت بېرەيلى

ئەسكەرتىش: بۇ يازما kangsay تەرىپىدىن چوققىلاندى(2010-05-31)
بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم
مۆھتەرەم قېرىنداشلار! ئائىلە بالىلارنىڭ ئىپتىدائىي مەكتىپىدۇر. ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ تۇنجى ئۇستازى، دەسلەپكى
 تەربىيىچىسى ۋە ئاۋۋالقى يېتەكچىسىدۇر.
ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىگە ئىللىق مېھرى بىلەن كۆيۈنۈپ، ئۇلارنى ئىنچىكە، ئەستايىدىل تەربىيلەپ،
زېرىكمەي-تېرىكمەي ئۆگىتىپ، بار-يوقىنى
ئۇلارغا ئاتىغاندىلا ئۇلارنى سۈپەتلىك، ياراملىق ئەۋلاد قىلىپ تەربىيلەپ چىقالايدۇ.
بالا ئائىلىنىڭ بەختى، دۇنيا ھاياتىنىڭ زىننىتى، ئاللاھ تەئالانىڭ رەھمىتى ۋە ئامانىتىدۇر. قىسقىسى بالا،
ئاللاھ تەئالانىڭ ئەڭ چوڭ ئىنئامىدۇر.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
«مال-دۇنيالار ۋە بالىلار دۇنيا ھاياتىنىڭ زىننىتىدۇر»- (كەھف 18/46).
شۇڭا ئاللاھقا شۇكۈر ئېيتىپ، ئۇنىڭ نېئمىتى بولغان پەرزەنتنى قەدىرلەپ، ئاسراپ، ياخشى تەربىيلەش
بىزنىڭ ئاللاھ ئالدىدىكى بۇرچمىزدۇر.
بۇ بۇرچىمىزدىن قىيامەت كۈنى چۇقۇم ھېساب بېرىمىز. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ:
«ھەممىڭلار پادىچى ۋە ھەممىڭلار ئۆز پادىلىرىڭلار توغرۇلۇق سوراق قىلىنىسىلەر. باشلىقمۇ پادىچىدۇر، ئۇ ئۆز پادىسى توغرۇلۇق سورىلىدۇ.
ئەر كىشىمۇ پادىچىدۇر، ئۇ ئۆز پادىسى توغرۇلۇق سورىلىدۇ. ئايال كىشىمۇ پادىچى، ئۇ ئۆز پادىسى توغرۇلۇق سورىلىدۇ. خىزمەتچىمۇ پادىچى،
ئۇ ئۆز پادىسى توغرۇلۇق سورىلىدۇ. دېمەك سىلەرنىڭ ھەممىڭلار پادىچى بولۇپ، ئۆز پادىلىرىڭلار توغرۇلۇق سوراق قىلىنىسىلەر»-
(بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).
جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تېگىشلىك تۆھپە قۇشالايدىغان كىشىلەر دەسلەپتە ئائىلىلەردىن تەربىيىلىنىپ يېتىشىپ چىقىدۇ.
شۇڭا بالىلارنى ياراملىق قىلىپ تەربىيلەپ چىقىش ئۈچۈن،
ئەڭ مۇھىمى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ھېسابنى ئاسان بېرىش ئۈچۈن ئائىلىدە بالىلارنى تەربىيلەشكە ئالاھىدە كۈچ چىقىرىش،
 زېھىن ئىشلىتىش ۋە مەبلەغ سېلىش كېرەك.
ئاللاھ تائالا: «ئى مۇئمىنلەر! ئۆزۈڭلارنى ۋە بالا-چاقاڭلارنى دوزاختىن ساقلاڭلار»- (تەھرىم سۈرىسى، 6- ئايەت) دەپ
ئاتا-ئانىلارنى قاتتىق ئاگاھلاندۇرغان.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ ئايەتنىڭ بايانى ماھىيىتىدە مۇنداق بىر ھەدىسى بار: «ئاللاھقا ئەڭ ياخشى كۆرنىدىغانلار،
بالا-چاقىلىرىغا ئەڭ ياخشىلىق قىلغۇچىلاردۇر» (بەيھەقىي رىۋايىتى).
بالا-چاقىلىرىغا ئەڭ ياخشىلىق قىلىش، ئۇلارنى ماددىي جەھەتتىن بېقىش ۋە مەنىۋى جەھەتتىن تەربىيىلەش بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ.
بۇنى قىلمىغانلار ئاللاھ تەئالاغا ياخشى كۆرۈنمەيدۇ، چۈنكى بۇلار يۇقارقى ئايەتنىڭ ھۆكمىگە ئەمەل قىلمىغان بولىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا-ئانىلارنىڭ، بالىلىرىنىڭ قولىغا «يە» دەپ كەمپۈت ۋە شاكىلات تۇتقۇزشنىڭ ئورنىغا «ياز» دەپ دەپتەر-قەلەم تۇتقۇزۇشى،
«ئوينا» دەپ ئويۇنچۇق بېرىشىنىڭ ئورنىغا «ئوقۇ» دەپ كىتاب بېرىشى مۇھىمدۇر. ئۇلارنىڭ، بالىلىرىغا «بۆشۈك توي»، «تۇغۇلغان كۈن»،
«خەتنە توي»… قىلىپ بېرىشنىڭ ئورنىغا، ئۇلارغا كومپيۇتېر، كىتاب-كىچەك، دەپتەر-قەلەم… ئېلىپ بېرىشى كېرەك.
ئۇلار شۇنداق قىلغاندىلا ئۆزلىرىنىڭ ئاتا-ئانىلىق مەجبۇرىيىتىنى، ئاللاھ تەئالا ئەمر قىلغان پەرزنى،
 پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يولغا قويغان سۈننەتنى ئادا قىلىشقا تىرىشقان بولىدۇ.
ئاتا-ئانىلار، بالىلىرى ئۈچ ياشقا كىرگەندىن باشلاپ تۆۋەندىكى ئىشلارغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك:
1- بالىلىرىنىڭ ئەقىدىسىگە كۆڭۈل بۆلىشى كېرەك. يەنى بالا مەكتەب بوسۇغىسىدىن كىرىپ بولغۇچە،
مەن ئاللاھنىڭ بەندىسى، مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتى،
ئىسلام دىنىنىڭ بىر ئەزاسى، دۇنيادا مۇسۇلمان بولۇپ ياشىشىم كېرەك، بولمىسا ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ھېساب بېرەلمەيمەن دېگەن
چۈشەنچە ئۇنىڭ كاللىسىغا يەرلىشىپ بولغان بولۇشى لازىم.
مانا مۇشۇنداق بولغاندا بالا كېيىنكى ھاياتىدا ھەرقانداق بوران-چاپقۇنغا دۇچ كەلسىمۇ ئۆزىنى يوقتىپ قويمايدۇ
ھەمدە ئاتا-ئانىسىغا ئۇلار ۋاپات بولۇپ
كەتكەندىن كېيىنمۇ پايدا يەتكۈزۈپ تۇرىدۇ. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«ئىنسان ئۆلسە، ئۇنىڭ بارلىق ئەمەلى توختايدۇ. پەقەت ئۇنىڭ ئۈچ تۈرلۈك ئەمىلىنىڭ ساۋابى توختىماي
نامۇئەمالىغا يېزىلىپ تۇرىدۇ: بىرىنچى، ساۋابى ئۈزۈلمەي بولۇپ تۇرىدىغان سەدىقە. ئىككىنچى،
ئەلگە پايدىلىق ئىلىم. ئۈچىنچى، ئارقىسىدىن ئاتا-ئانىسى ھەققىدە دۇئا قىلىپ تۇرىدىغان ياخشى بالا»-
(مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).
2- بالىلىرىنىڭ ئەمەل-ئىبادىتىگە كۆڭۈل بۆلىشى كېرەك. يەنى بالا كىچىك چاغدىلا ئاتا-ئانىسى تەرىپىدىن
كۈندىلىك ئەمەل-ئىبادەتكە كۆندۈرۈلىشى لازىم.
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«ئائىلەڭنى نامازغا بۇيرۇغىن، ئۆزۈڭمۇ ئۇنى ئادا قىلىشتا چىداملىق بولغىن» (تاھا 20/132- ئايەت).
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ:
«بالىلىرىڭلار يەتتە ياشقا كىرگەندە، ناماز ئوقۇشنى ئۆگىتىڭلار. ئون ياشقا كىرگەندە ناماز ئوقۇمىسا ئۇرۇڭلار»-
(ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان).
يۇقارقى ئايەت ۋە ھەدىستىن ئاتا-ئانا بولغۇچىلارنىڭ بالىلىرىنى كىچىكىدىن باشلاپ ناماز ئوقۇشقا ئادەتلەندۈرۈشى
ۋە ئۇلارغا نامازنىڭ ئەھمىيىتىنى،
ئەھكاملىرىنى ئۆگىتىشى كېرەكلىكى، ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلەرنى توغرا يولغا باشلاشتا ئالدى بىلەن ئۆزلىرى
 ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىپ ئۇلارغا ئۈلگە بولۇشى كېرەكلىكى،
ئاتا-ئانا بولغۇچى ئۆزى ناماز ئوقۇماي تۇرۇپ بالىلىرىدىن ناماز ئوقۇشنى تەلەپ قىلىشنىڭ ھېچقانداق پايدىسى
 بولمايدىغانلىقى چىقىدۇ.
3- بالىلىرىنىڭ ئەدەپلىك، ئەخلاقلىق بولۇشىغا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دېگەن:
«سىلەر ئىنسانلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان ئەڭ ياخشى ئۈممەتسىلەر. ياخشىلىققا بۇيرۇيسىلەر،
يامانلىقتىن توسىسىلەر، ئاللاھغا ئىشىنىسىلەر»-
(ئال ئىمران 3/ 110).
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«ئاتا-ئانا ئۆز بالىسىغا ياخشى ئەدەپ-ئەخلاق ئۆگىتىشتىنمۇ ئۇبدانراق ئوزۇق بېرەلمەيدۇ»- (تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان).
دېمەك بالىلارنى ئەدەپ-ئەخلاقلىق تەربىيىلەش، ئۇلارغا ياخشى ئىش ۋە ياخشى خۇلق ئۆگىتىش، ئۇلارنى خاتا ئىش،
گۇناھتىن توسۇش دىنىمىزنىڭ ئەمرى ۋە
ئاتا-ئانىلارنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتىدۇر.
رەسۇلۇللاھنىڭ تەربىيىسىدە بولغان ئۇمەر ئىبن ئەبى سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
 مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەربىيىسىدە تۇرۇۋاتقان بالا ئىدىم. تاماق يەۋاتقان چاغدا قولۇم لېگەندە چېپىپ يۈرەتتى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:
«ئى بالا! ئاللاھ تائالانىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن، دەپ ئوڭ قولۇڭ بىلەن ئۆزۈڭنىڭ ئالدىدىن يېگىن»، دېگەن.
شۇنىڭدىن بۇيان تاماق يېيىش ئۇسۇلۇم ھامان رەسۇلۇللاھ دېگەندەك بولۇپ كەلدى.
(بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).
بۇ ھەدىستىنمۇ پەرزەنتلەرنى ئىسلام ئەدەپ-ئەخلاقلىرى بىلەن تەربىيىلەش، ئۇلارنىڭ خاتالىق،
 سەۋەنلىكلىرىنى ۋاقتىدا كۆرسىتىپ تۈزىتىشكە يېتەكلەش لازىملىقى چىقىدۇ.
خۇلاسە
قېرىنداشلار! ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرى ئۈستىدە ھەقلىرى بولغاندەك، پەرزەتلەرنىڭمۇ ئاتا-ئانىلىرى ئۈستىدە ھەقلىرى بار. پەرزەنتلەرنىڭ ئاتا-ئانىلىرىنىڭ ھەقلىرىنى
ئادا قىلىشى قانچىلىك مۇھىم بولسا، ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ ھەقلىرىنى ئادا قىلىشىمۇ شۇنچىلىك مۇھىم.
ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرى كىچىك چاغدىن باشلاپ ئۇلارنىڭ ئەقىدىسىنىڭ توغرا، ئەمەل-ئىبادىتىنىڭ تۈزۈك،
ئەدەپ-ئەخلاقىنىڭ گۈزەل بولۇشىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىشى،
ئۇلار ئوقۇش يېشىغا كەلگەندە مەكتەپلەرگە بېرىشى، بۇ مەكتەپلەردە ئوقۇش جەريانىدا ئۇلارنىڭ ئەقىدە،
ئىبادەت ۋە ئەدەپ-ئەخلاقلىرىغا نازارەت قىلىپ تۇرۇشى،
بالا ئوقۇش ئۈچۈن تەلەپ قىلغان لازىمەتلەرنى تەييارلاپ بېرىشى، توغرا كەلسە ئالىي بىلىم يۇرتلىرىغا ئەۋەتىشى،
بۇ ئارقىلىق مۇسۇلمان بىر ئالىم، مۇسۇلمان بىر ئىنژېنېر يېتىشتۈرۈپ جەمئىيەتكە سۇنۇشى لازىم.
مانا مۇشۇنداق قىلغاندىلا «بالا» دېگەن نېئمەتنىڭ شۈكرىسىنى ئېيتقان بولىمىز.

   مەنبە: مۇسۇلمانلار تورى
باھالاش خاتىرىسى:
  • 铜币:+1(kangsay) مۇنەۋۋە ماقا ..
  • ھەق گەپ ئاچچىق بولسىمۇ ھەق سۆزلىگىن
    دەرىجە: سەھىپە مەسئۇلى

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 65
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 13
    ئومۇمىي يازما: 1676
    ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1676دانە
    ئۆسۈش: 5125 %
    مۇنبەر پۇلى: 19322 سوم
    تۆھپىسى: 29 كىشى
    ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-05-31
    ئاخىرقى: 2011-06-30
    يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2010-05-31 19:06

    ەققققككقRe:

    اللە رھەمەت قىلسۇن بۇرادەر ناھايتى ياخشى يوللاپسىز.
    تېخىمۇ ياخشى تىمىلىرىڭىزنى كۈرۈشكە ئىنتىزارمەن