باردۇ ساڭا ھۆرمىتىم
ياپ يېشىللىق يېزىدا تۇغۇلدۇم،
پەپىلەشلىرىڭ ئاستىدا چوڭ بولدۇم.
ئۆلگە ئېلىپ ئىسىل خىسلىتىڭدىن،
ئىمان-ئىتقات ھايالىق قىز بولدۇم.
ھايا پەدىشەپ بىلەن ياشايمەن،
يۇقاتماي ئەسلى ۋەسلىمنى ھەرگىز.
باقى ئالامگە كەتسەممۇ گەرچە،
ساقلايمەن ئىپپىتىمنى مەن جانسىز.
ئەجرىڭ ،مىھرىڭگە لايىق چوڭ بولدۇم،
ھەر بىر ئېغىز سۈزۈڭ ماڭا نىشان.
ئۈمۈدۈڭنى قويمايمەن غەپلەتتە،
تەرگە چۈمسەممۇ بۇ يولدا ھامان.
ئىرادەم بار گاھ ،بۈيۈك تاغلاردەك،
قەيسەر ،جەسۇرلۇقۇم ماڭا ھەمراھ.
گاھ، تۆھمەت ،ھەسەتلەرگە چىدايمەن،
سىنىڭ ھەر بىر سۆزۈڭ ماڭا ھەمراھ.
غادايغانلارغا تىز پۈكمەي غاديىپ،
ئۆز ئىرادەم نىشانىمدا ياشايمەن.
سىنىڭ خىسلىتىڭنى رىغبەت ئەيلەپ،
شاۋقۇنداچۆكمەي قەيسەر بۇلايمەن.
باردۇر ساڭا ئالەمچە ھۆرمىتىم،
سەن قەلبىمدە چاقنىغان بىر قۇياش.
تەرىپىڭنى قىلىپ تۈگتەلمەسمەن،
ئالدىڭدا قول باغلاپ تۇرساممۇ شاش.
مەنبە قەلمىم