بىركۈنى
بالاڭ ئازسا ئاھ ئۇرما يول تاپىدۇ بىر كۈنى،
ئامان بولسا ئۇلارمۇ پۇل تاپىدۇ بىر كۈنى.
خاتا باسقان قەدەملەر قالدۇرغاندا قاتاردىن،
ئۈزى ماڭغان چاتقالغا ئوت ياقىدۇ بىركۈنى.
گەدەن كەشلىك ئىچكىمدىن ئۇدۇم ئەمەس ئۇلارغا،
ئۆزى كىلىپ ئالدىڭغا گەپ ئاچىدۇ بىركۈنى.
ئات بۇلغۇچە ئاتال تاي ھەريان چاپسا چاپمامدۇ،
ئۇلارغىمۇ بۇ دۇنيا يۈك ئارتىدۇ بىركۈنى.
ئاقنى چەككەن ئاغزىدا ئوقۇپ ئەپسۇس پۇشايمان،
قاراپ ئۇلار كەينىگە ئۇھ تارتىدۇ بىركۈنى.
كۆندۈردۇ بۇ جاھان تالاي ئىشقا شۇلارنى،
شۇلار چاپقان ئۆستەڭدە سۇ ئاقىدۇ بىركۈنى.
بۇ دۇنيادا ھەرئىشنىڭ سائىتى بار ۋاقتى بار،
خۇددى سەندەك ئۆي تۇتۇپ ئۆي باقىدۇ بىركۈنى،
تەييار توقاچ قۇلۇڭدىن يەۋەرمەيدۇ ئۇلارمۇ،
ئۆزلىرىمۇ ئۇن تارتىپ نان ياقىدۇ بىركۈنى.
پىشانەڭگە ئاسماندىن ئىللىق قۇياش نۇرچاچسا،
يۈركۈڭگە بالاڭمۇ نۇر چاچىدۇ بىركۈنى.
سەنمۇ ئاتا-ئاناڭنى كۆتكەن بولساڭ ئەزىزلەپ،
ئوغۇل-قىزلىرىڭ ساڭىمۇ تون ياپىدۇ بىركۈنى.
شۇئىشلارنى كۆرەلمەي ئۆلۈپ كەتسەڭ ئامال يوق،
ھايات بولساڭ مەيدەڭگە گۈل تاقايدۇ بىركۈنى،
يامان دىسەڭ بالاڭنى كىم بىرىدۇ ياخشىنى.
ھازىر يامان بولسىمۇ ئەس قاتىدۇ بىركۈنى.
يازغۇچى: قۇربانجان مەمەتتۇرسۇن
چ چ 1499244811