ئادىل تۇنياز
مەن شئېرنى باشلىشىم بىلەن
كۇچكە تۇلۇپ چىڭقىلدى قەلەم،
جەنۇپ گۇيا بىر ۋاراق قەغەز
يېرتىلىپ تۇراتتى ئېلھامىم بىلەن.
مەن تۇپىدا ئويناۋاتقاندا
ئۇستەڭدە سۇ سەكرەپ،ئويناقلاپ
چوڭ بۇلۇشنى ئويلاۋاتقاندا
جەنۇپ مەندەك بىر جۆندەك ئىدى
ئىېشتىنىنىڭ ئېغىدىن
ئۇغۇل باللىقى چىقىپ تۇراتتى.
ئاپتاپتا كويگەن قارام يىگىتلەر
بۇقىدەك ئىتىلىپ تۇراتتى.
چۇمبەل ئىچىدىن،گۇللۇك كىچىدىن
جەنۇپ يىرتىلىپ تۇراتتى.
جەنۇپ يىرتىلىپ تۇراتتى
تاغلىرىدىن
باغلىرىدىن
ئىېقىپ چىقىپ ئەركەك سۇلىرى.
سۇغا تىكىلپ تۇرغاندا بىردەم
سۇ كوزۇمگە قىزىل كورۇندى،
سۇدىن قىزىل گۇللەر كورۇندى
گۇلگە تولغان كۇنلەر كورۇندى...
جەنۇپ كۇكسىدە
قۇياش دۇپۇلدەپ سۇقۇپ تۇراتتى،
ئاخشامنى يۇلتۇزللار چۇقۇپ تۇراتتى
زاۋۇتلار دېۋىدەك سالغاندا قىيقاس
قۇشقاچلار تىمتاس قۇرقۇپ تۇراتتى.
ھاۋانىڭ ساپ سۆيگۇ خىتىنى
تۇرخۇنلار قاپقارا ئۇقۇپ تۇراتتى.
مەن قەنۇپتا تۇغۇلغان
يۇمشاق قەلبىم بىلەن،
قاتتىق تاغلار بىلەن
بوران،قۇم-تۇپا،يامغۇر يىېشىن
مىۋىلىك چۆل،گۇل-باغلار بىلەن.
جەنۇپ يىرتىلىپ تۇراتتى
نىېفىتى پاتماي ئىچىگە
دۆۋە-دۆۋە پاختىلاردىنئ
قەۋەت-قەۋەت بىنالاردىن،
يېيىشكە ،كېيىشكە بۇلدىغان
كۇندىلىك تۇرمۇشتىكى بىنالاردىن.
ئىس ھىدى كىلەتتى سانائەتنىڭ
پۇرىقى كىلەتتى ئۇپا -ئەڭلىكنىڭ
شەپىسى كىلەتتى غەلىتە، يىېڭى
بايلىقنىڭ،كىسەلنىڭ،تەڭلىكنىڭ.
"خۇدايىمنىڭ
بەزى كۇنلىرىدىن ئۆرگۇلۇپ كىتەي،
بەزى كۇنلىرىنىڭ قۇڭىغا تىپەي"
دەيتىتى دىھقان تاغام مەتنىيازخان
كېۋەزلىكىگە يۇقلاپ بارسام.
مەن جەنۇپنى سۇيىمەن،
جەنۇپ يىرتىلىپ تۇراتتى
كىيۋەرگەچكە يىل بۇيى مەن،
شىمالدىكى ئۇيۇمدە مەن.
مەزكور شېئر "شىنجاڭ مەدەنيىتى"ژۇرنىلنىڭ 2010-يىللىق 3-ساندىن مۇنبەرگە يولىلاندى،ئەمگىكىمگە ھۇرمەت قىلىڭ ،باشقا مۇنبەرلەرگە يوللاشتا مەنبەنى ئەسكەرتىڭ.