بىر نەچچە كۈن بۇرۇن ئامرىكىنىڭ سان-فرانسىسكو رايونىدا ياشايدىغان ئامانجان سۇلايمان ئىسلىملىك بىر ئۇيغۇر بالا تۇيۇقسىز تۈگەپ كەتكەن بولۇپ ھازىر جەسىدى ساقچى ئىدارىسىدا ساقلىنىۋېتىپتۇ. بۇبالا كەلگىلى تېخى ئۇزاق بولمىغان بولغاچقا سان-فىرانسىكودىكى ئۇيغۇرلارمۇ بۇ بالىنىڭ ئۇرۇق-تۇققان ۋە تۇنۇشلىرىنى ئۇنچە بىلىپ كەتمەيدىكەن.ساقچى ئىدارىسىمۇ بەلگىلىمىسى بويىچە ئۆلگۈچىنىڭ بىۋاستە- ئۇرۇق تۇققانلىرى ياكى يىقىن ھاۋالە قىلغان تۇنۇشلىرىنىڭ خېتى بولمىسا جەسەتنىڭ ئاخىرەتلىكىنى بىر تەرەپ قىلىشقا بەرمەيدىكەن. شۇ سەۋەپ بىلەن ۋەتەندىن جىددى بۇ بالىنىڭ ئورۇق تۇققانلىرىنى ياكى ئۇچۇرلىرىنى ئىزدەش جىددى لازىم بولۇپ قالدى.
ھازىرغىچە ئىگەللىكگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا بۇ بالا ئامرىكىغا كەلگىلى بىرەر يىلدەك بولغان. ئامرىكىغا كىلىشتىن بۇرۇن قازاقىستان، قىرغىزىستاندا تۇرغان. Facebook تىكى تولدۇرغان ئۇچۇرلىرىغا قارىغاندا ئۇ 1980-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى تۇغۇلغان، ئۈرۈمچىدكى 14-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان. قازاقىستاندىكى ئالمۇتا چەتئەل تىللىرى ئۇنۋېرسىتىدا ئوقۇغان. يەنە بەزىلەرنىڭ دىيىشىگە قارىغاندا شىنجاڭ داشۇېنىڭ روس تىلى كەسپىدىمۇ ئوقۇغان خەۋىرى بار. ئاستىدىكىسى ئۇ بالا ئۆزى Facebook بېتىدە چىقارغان رەسىم.

ئەگەر نورمال بولسا بۇ بالا 98-يىلى ئەتراپىدا 14-ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەن بۇلىدۇ، شۇنداق بولغاندا 92-98 يىللىرى ئەتراپىدا شۇ مەكتەپتە ئوقۇغان بۇلۇشى مومكىن، ئۇ ۋاقىتلاردا مەكتەپكە ئالىدىغانلارمۇ رايوننى ئاساس قىلىدىغان بولغاچقا ئۈيىمۇ 14-ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىدىغان رايونلاردا بولۇشى مۇمكىن.
بۇ بالىنى كۆرگەن، ئاتا- ئانىسى، ئورۇق- تۇققانلىرى، تۇنۇش- بىلىشلىرىنى بىلىدىغانلارنىڭ جىددى ئالاقىلىشىشىنى سورايمەن. باشقىلارمۇ ئۆزەڭلار بىلمىسەڭلەرمۇ بىلىدۇ دەپ ئويلىغان تۇنۇشىڭلار بولسا سوراپ باقساڭلار، قېرىندىشىمىزنىڭ جەسىدى تالادا قالمىسۇن.
ئەسكەرتىش: بەلكىم ھازىرغىچە بۇ بالىنىڭ بۇرۇنقى تۇنۇشلىرىنى تاپالمىغانغا قارىغاندا بەلكىم بۇ بالا ئىسىم ئۆزگەرتكەن بولۇشىمۇ مۇمكىن.
ئۇچۇر بىلىدىغانلار ماڭا ئىلخەت يېزىڭلار ياكى ئالاقە قلىش ئادېرسىنى قالدۇرۇڭلار. مىنىڭ ئىلخەت ئادېرسىم:
jeck217@gmail.com