ئۆمۈر مەنزىلىدە ئىستەپ غۇبارسىز چىن ھەقىقەتنى ،
قەلەندەردەك كېزىپ يۈردۈم چېكىپ مىڭبىر مۇشەققەتنى .
ۋە لېكىن يوق ئىكەن تۈز يول تېپىشتا ئۇشبۇ مەقسەتنى ،
تېڭىرقاپ ئۆتتى كۆپ ئۆمرۈم چۈشەنمەي سىرى ھېكمەتنى .
ئىشىت دىلبەر ،بايان ئەيلەي ساڭا بۇ ھەقتە سۆھبەتنى.
تۇغۇلغاچ ئىككى مۆئىمىندىن، ئۆتۈپ ئەللىكتە سەككىز يىل ،
يەكۈنلەش سائىتى يەتتى ئەمدى ئۆمۈرنى ئەستايىدىل .
نەزەر سالسام بېسىپ ئۆتكەن يۇلۇمغا بولمايىن غاپىل،
ئاقۇر كۆز ياشلىرىم گويا بۇلۇپ ئېرتىش ۋەياكى نىل .
جاھاندا چەكمىگەي ھېچكىم مېنىڭدەك كۆپ نادامەتنى !
يا ھەققە ئەتمىدىم قۇللۇق، يا ئەلگە قىلمىدىم خىزمەت ،
بېغىمغا كۈز يىتىپ كەلدى ،قۇلۇمدىن كەتتى كۆپ پۇرسەت .
ھەمىشە ئۆرتىبان دىلنى يېلىنجاپ بىر ئەلەم– ھەسرەت ،
ئازابلاپ كېچەيۇ كۈندۈز قىلۇر جانىمنى بىتاقەت .
راۋادۇر قانچىلىك قىلسام ئۆزۈمگە دوق مالامەتنى ،
ئانا يۇرتۇم بېرىپ ئاق سۈت ،بېقىپ ئۆستۈردى مىڭ ئاسراپ ،
ئاۋايلاپ مايسىدەك ھەر تاڭ چېچىپ باشىمغا زەر ئاپتاپ .
بېرىپ تىل ھەم ئەقىل– ئىدراك ،قاتارغا قوشتى يول باشلاپ ،
قاناتى ئاستىغا ئالدى ئېغىر كۈنلەردە مىڭ– مىڭلاپ .
نېچۈكمۇ ياندۇرارمەن بۇ ئانالىق مېھىر شەپقەتنى ،
باھارنى كۈيلىشەر قۇشلار چېغىدا ھەر سەھەر دەمدە،
نېمىشقا بولمىسۇن بىر ھېس تىرىك پەرزەنتى ئادەمدە.
ۋەھالەنكى، ئادا بولماي ھېسابسىز قەرىز بۇ زىممەمدە،
ھامان قاينايدۇ ھەسرەتلىك پۇشايمان ئابى دىدەمدە.
ئۆمۈرنى زايە قىلما سەن ئېلىپ مەندىن بۇ ئىبرەتنى ،
خىيالىم دېڭىزى تىنماي تېشىپ مىڭ چايقىلىپ قايناق،
كېچىلەر ئاز يۇمۇپ كۆزنى ۋە گاھى تاڭغىچە ئويغاق .
چىقاردىم بىر يەكۈن ئاخىر ئۆمۈر مەنزىلىدىن شۇنداق ،
ئۆمۈردۇر بىر كۈرەش،ھەرگىز ئەمەس ئۇ بىزگە ئاۋۇنچاق.
يولاتما ئەي كۆڭۈل ئەمدى ئۆزۈڭگە زەر غەپلەتنى .
پىكىر دەرياسىغا قانچە تىرەن چۆمگەنسىرى،
كۆڭۈلنىڭ كىرلىرى شۇنچە يۇيۇلدى، تارقىدى ئەپسۇن.
ھاياتىم گەرچە پۇشمانلىق، دىلىمدۇر ناتىۋان، مەھزۇن،
ۋە لېكىن جان كىتابىغاقۇشۇلدى يۈز تۈمەن مەزمۇن.
شۈكۈركىم،قوغلىدى مەڭگۈ يورۇق تاڭ قارا زۇلمەتنى،
تەپەككۇر كۆزىلە باقساڭ ئەگەر ئالەمگە بىر كەررە،
ئەمەستۇر خالىي ھېكمەتتىن ۋە ھەتتاكى ھەسەل ھەرە.
چۈمۈلە چېغىدا تىنماي تاپۇرئۆز ئەجرىدىن مەررە،
كىشىكىم بىلسە بۇ بەلكىم خەزىنە سىرىدىن زەررە.
پىكىر قىل ھەم چۈشەن ،ئۆگەن بۇ جانلىق سىرى ھېكمەتنى .
بىلىپ يەتكەنسىرى ئىنسان ھاياتنىڭ سىرىنى كۆپرەك،
كۆڭۈل روشەنلىشىپ ئاندىن چۈشەنگەي ئۆزىنى خوپراق.
مىسال قارغۇ نېچۈك بىلسۇن قۇياش قانداقۇ ئاي قانداق،
بىلۇر، ئەمما گۆدەك ھەتتا نېچۈكتۇر گۈل،نېچۈك ياپراق.
دېمەككى، مەرىپەتتىن جان تاپۇر ئەقلۇ پاراسەتنى،
ئۆلۈمنى ئويلىسا ھەر كىم ، بىلۇر ئۆز زاتىنى ئاندىن ،
تۇغۇلماق، سۇڭرە ئۆلمەكلىك ئاياندۇر ھەممىگە ئايدىن.
لېكىن نەدە ، قاچان ، قانداق ئۆلۈشنى كىم بىلۇر ئالدىن ،
يېشىلمەس بىر تۈگۈن بولدى بۇ ماۋزۇ دەۋرى– دەۋراندىن.
غەنىمەت بىل ئادەمزاتقا بىرەر تۆھپە ۋە خىزمەتنى.
جاھان باقىي ئەمەس ،لوقمان چېغىدا تاپمىدى دەرمان،
مىسالدۇر رۇمى ئىسكەندەر ۋە ھەتتا ئەركە چىنگىزخان.
كېلىپ كەتمەك بىلەن مەشغۇل جاھانغا بىھېساب كارۋان،
ئۆتەر دۇنيا ، كېچەر دۇنيا، پەقەت خەلقلا سۈرەر دەۋران.
ئۆمۈر مەنزىلىدىن تاپتىم ناھايەت شۇ ھەقىقەتنى .
تۇغۇلغان ھەر بۇۋاق يىغلاپ شۈشەرمىش يەرگە ئادەتتە،
ئەجەل كەلسە يەنە يىغلاپ كېتەرمىش كىشى ھەسرەتتە.
ۋە لېكىن يىغلىماي كەتكەن كىشىكەر ھەم بار ،ئەلۋەتتە.
كى شەرمەندە قىلىپ ھەردەم ئۆلۈمنى جەڭگىۋار سەپتە،
نە يەڭلىغ بەخىت ئىدى بىزگە ، ئەگەر تاپساق شۇ پۇرسەتنى!
يېتىپ كۈز، سوغ شامال تەگكەچ،غازاڭ بولغان كەبى ياپراق،
ئۆمۈر مەنزىلىدە ئاخىر بولۇرمىزبىر دۆۋە تۇپراق .
بۇ تۇپراقتا ئۈنەر بەزەن تىكەن ياكى خۇنۈك قامغاق،
ئېچىلغاي بەزىدە گۈللەر ، چېچىپ خۇش ئەترىنى ھەر ياق .
دېمەك ، ھەركىم بېرۇر شەخسەن ئۆمۈرگە ئۆزى قىممەتنى .
كىشى قىسمەتنى بىلمەيدۇ سوراپ ھەتتا سۇھەيلىدىن ،
تاپۇر ئىززەت ۋە يا كۈلپەت كۆڭۈلنىڭ زەۋقى مەيلىدىن.
نېمە تەرسە شۇنى ئالماق بولۇر ئۆز خۇيى پەيلىدىن،
نە بولدى ھالى فىرئۇننىڭ تەكەببۇرلۇق تۈپەيلىدىن.
ئۇرۇقنى تاللىماي چاچساڭ ، تىكەن باسقاي زىرائەتنى،
ئۆمۈر گويا ئېرۇر بىر شام ، تۈگەر ئەلۋەتتە كۆيگەنچە ،
ئاشار قەدرى لېكىن شۇنچە ئېرىپ جىسمى تۈگىگەنچە.
كۆرۈڭكى ، ئاشىقى پەرۋان كۆيۈپ ئىشقىدا مىڭ– مىڭچە.
تەسەددۇق ئەيلىدى جاننى كېچە شام نۇرىغا شۇنچە ،
ئۆمۈر مەنزىلىدە كاشكى ، كىشى تاپسا شۇ قىسمەتنى .
بايان قىلغانلىرىم گەرچە دېڭىزدىن تامچىدۇر ئەمما،
نامايەندۇركى، قۇياش ئەكسى بىر تامچە سۇدىمۇ ھەتتا .
مۇخەممەس ئەلگە يەتكۈزسە ئۆمۈر چىنلىقىدىن مەنا،
مۇكاپات شۇ ئىدى مەنچۈن ، ئەمەسمەن ئۆز گىگە تەشنا .
كۆچەتنى تىككۈچى مەيلى كۆرەلمەي ئۆتسە راھەتنى.
ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر شېىئىرى