گۇماندار لاسىدوبۇجىكې
كىرىمىل سارىيى بايراقنى يېرىم چۈشۈرۈپ پارتىلاشتا ئۈلۈپ كەتكەنلەرگە تەزىيە بىلدۈردى.
بىر ساقچى تەرەپ ئەمەلدارى بىر پارچە تىزىملىكىنى كۆرسىتىپ:"بۇ 10 نەپەر گۇماندارنىڭ تىزىملىكى بىز بۇلارنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۈزىنى قۇشۇپ پارتىلاتقانلارنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى چۇقۇم ئىنىقلايمىز "دېدى.
ساقچى تەرەپنىڭ27-چىسلا ئىشەنچىلىك خەۋرىگە قارىغاندا:تىزىملىكتىكى لاسىدوبۇجىكې ئىسىملىك بىرسى شىمالى كاۋكازادىن ئىكەن.ئۇ بۇرۇن كاۋكازانىڭ سىدافۇلوبور دىگەن چىگرىسىدىكى " نۇغاي ئىسلام تەشۋىق "گۇرۇپپسىنىڭ ئەزاسى بۇلۇپ ،بىراق بۇ قۇراللىق تەشكىلات بۇلتۇر 10-ئايدا تارقىلىپ كەتكەن.
ساقچى تەرەپ :"ئۇنى جىنايەت ئۆتكۈزگۈچى دىيەلمەيمىز،ئۇ پەقەت گۇماندار "دېدى.
ساقچى تەرەپ ھازىر ئۆزىنى قۇشۇپ پارتىلاتقۇچىنىڭ DNA ۋە باشقا تەكشۈرۈشلىرىنى ئېلىپ بارماقتا.
روسيە زۇڭتۇڭى مىدىۋىدىۋ مۇنداق دېدى:"ئۇنسۇرلار روسىيەنى باش ئەگدۈرمەكچى،بۇ مومكىن ئەمەس "
روسيە زۇڭتۇڭى ھازىر ئايرۇدۇرۇمنى ئىككىنچى قېتىملىق ھۇجۇمدىن ساقلاش ئۈچۈن ،ھۈكمەت ئەمەلدارلىرىنى ئىككى ھەپتە ئىچىدە پىلان تۈزۈشكە بۇيرىدى.
كىرىمىل سارىيى بايراقنى يېرىم چۈشۈرۈپ پارتىلاشتا ئۈلۈپ كەتكەنلەرگە تەزىيە بىلدۈردى
روسىيە تەرەپ بۇ ۋەقەدە خۇددى ئامرىكىدا2001-يىلى "9.11" ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كىيىن ئامانلىققا دىققەت قىلىپ ھېچقانداق ۋەقە يۈز بىرىشكە يول قويمىغىنىدەك ،روسىيەدىمۇ بۇندىن كىيىن ھېچقانداق ۋەقە يۈز بىرىشكە يول قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.