غەيۋەت دىگەنلىك----بىر ئادەمدىكى زىكرى قىلىشنى ياختۇرمايدىغان بىر ئىشنى،ئۇيوق يەردە
زىكرى قىلىشتۇر.
.
ئىبنى كەسىر سۈرە ھۇجۇراتنىڭ تەپسىرىدە مۇنداق دىگەن: ھەر قانداق غەيۋەت پۈتۈن ئالىملارنىڭ كۆز قارشى بويىچە ھارامدۇر.
پەقەت ھەددىسنى قۇبۇل قىلىش ياكى قىلماسلىق مەسلىسىگە ئوخشاش ئومۇمنىڭ مەنپەئەتى كۆزدە تۇتۇلغان مەسىلىلەر
بۇنىڭدىن مۇستەسنا.
ئىمام قۇرتۇبى مۇنداق دىگەن:غەيۋەتنىڭ ھاراملىقى ۋە ئۇنىڭ چوڭ گۇناھلاردىن ئىكەنلىكىگەبىردەك ئىتتىپاق كەلگەن مەسىلىدۇر.
شۇنۇڭ ئۈچۈن غەيۋەت قىلغان كىشىنىڭ تەۋبە قىلىشى ۋاجىپتۇر . مىنىڭ بۇ سۆزۈمگە اللانىڭ مۇنۇ ئايىتى ئوپئوچۇق ئاساستۇر.
اللا تائالا مۇنداق دەيدۇ:< سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۆلگەن قىرىنداشلىرىڭلارنىڭ گۆشىنى يىيىشنى ياختۇرامسىلەر؟ ئۇنى ياختۇرمايسىلەر>
سۈرە ھۇجۇرات12-ئايەتنىڭ بىر قىسمى.
ئەمما غەيۋەتنىڭ ھارام ئىكەنلىكىگە ھەددىستىن بولغان دەلىل پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنۇ ھەددىسىدۇر:<رىبانىڭ ئەڭ
يامىنى كىشىنىڭ ئوز قىرىندىشىنىڭ ئابرويىغا تىل ئۇزۇتۇشتۇر>.
يەنە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا مۇنداق دىگەن:< شۇنداق بىر سۆزنى ئىتتىڭكى،ئەگەر ئۇنى دىڭىز
سۈيىگە ئارلاشتۇرساق،ئۇ دىڭىز سۈيىنى بۇلغىۋەتكەن بولاتتى>.
ئەگەر سەن ئۈچ ئىشقا قادىر بولالمىساڭ، ئۈچ ئىشنى مەھكەم تۇت؛ ياخشىلىق قىلالمىساڭمۇ،يامانلىق قىلما! باشقىلارغا
پايدا يەتكۈزلمىسەڭ،زىيان سالما! روزا تۇتۇشقا قادىر بولالمىساڭمۇ، باشقىلارنىڭ گۈشىنى يىمە !
ئاخىرىدا اللا تائاللادىن باھارلىق مۇسۇلمان قىرىنداشلارنى غەيۋەتتىن يىراق قىلىشنى ۋەشۇ ئارقىلىق ھەممىمىزگە بىرلىك -
ئىتپاقلىق،ئىمان ۋە نۇسرەت ئاتا قىلىشىنى تىلەيمەن، ئامىن !