خۇنزىلار.ھېمالايا تاغلىرىنىڭ چوڭقۇر جىلغىلىردا ياشايدۇ.،60مىڭدىن كۆپرەك ئاھالىگە ئىگە بولۇپ،دۇنيا بويىچە ئەڭ ساغلام مىللەت دەپ قارالماقتا.ئۇلار دۇنيادىن مۇستەسنا ياشايدۇ،ئۇلار گۆشنى ناھايتى ئاز يەيدۇ،دائىم قوي سۈتى ئىچىدۇ،ئۆرۈك مىغىزىنى ئاساسلىق ئوزۇق قىلىدۇ،دەريالاردىكى مۇزنى ئېرىتىپ ئىچىدۇ.ئۇلار ئىنتايىن ساغلام بولۇپ،ئوتتۇرچە ئۆمىرى يۈز ياشتىن ئاشىدۇ.
كامانگالار.بولىۋىيىدە سۆزلەشنى بىلمەيدىغان كامانگا ئىندىئانلىرى ياشايدۇ،ئۇلار40مىڭدىن ئارتۇق ئاھالىگە ئىگە بولۇپ،قۇل ئىشارىسى ئارقىلىق ئالاقە قىلىدۇ.
بۇشمېرلار.ئافرىقىنىڭ سەھرايى كەبىر قۇملۇقىدا ياشايدۇ،ئۇلارنىڭ مال-مۆلۈك قارشى يوق بولۇپ،سودىدا باشقىلاردىن نەپ ئىلىشنى خالىمايدىكەن،نىمە تاپسا تەڭ بۆلۈشىدىكەن.
زۇفېنگىلار.ئەنگىليىنىڭ غەربى دىڭىز بويلىردا كىچىك ئاراللاردا ياشايدۇ.ئۇلار يىغلاش ئارقىلىق ئۆز خوشاللىقىنى ئىپادىلەشنى ئادەت قىلغان.ھەر قىتىم تويغا ئوخشاش خوشاللىق كۈنلەر كەلگەندە،بىر يەرگە يىغىلىپ ھۇ تارتىپ يىغلاپ،خوشاللىقىنى ئىپادىلەيدىكەن.
دەنمەنلەر.كۈلكىنى ياقتۇرمايدىغان مىللەت بولۇپ،سەئۇدى ئەرەبىستانىدا ياشايدۇ.ئۇلار كۈلكىنى ئەدەبسىزلىك،ئۇزاق ئۆمۈر كۆرۈشكە ھاقارەت قىلغانلىق،دەپ قارايدۇ.ئەگەر كۈلگەن كىشى بايقالسا،قەبىلە ئاقساقىلىنىڭ جازاسىغا ئۇچىرايدىكەن.
ئەما مىللەت.مىكسىكىنىڭ تاغلىق رايۇنىدىكى ئىپتىدائىي ئورمانلىقتا ياشايدۇ.ئاھالىسى300دىن ئارتۇق بولۇپ،كۆرۈش قۇۋۋىتىدىن پۈتۈنلەي ئايرىلغان ئىكەن.

پاپىلار.بېنگالنىڭ غەربىدىكى تاغلىق رايۇندا ياشايدۇ.ئۇلارنىڭ بويى بىر مىتىرغىمۇ يەتمەيدىكەن.
قوياش نۇرىدىن قورقىدىغان مىللەت.برازىليىنىڭ سان لويىس شەھىرىگە130كىلۇمىتىر كىلىدىغان بىر ئارالدا نەچچە يۈز پۇقرا ياشايدۇ.ئۇلارنىڭ چىچى،تىرىسى پۈتۈنلەي ئاق بولۇپ،كۈن نۇرىدىن ئىنتايىن قورقىدىكەن،ئۇلار كىچىلىرى سىرىتلارغا چىقىدىكەن.
قان ئېچىپ،گۆش يىمەيدىغان مىللەت.كېنىيىدىكى بىر قۇملۇقتا ئىپتىدائىي تۇرمۇش كەچۈرۋاتقان بىر مىللەت بولۇپ،چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىدىكەن.ئاساسلىق تۆگە باقىدىكەن.ئۇلار ھايۋانلارنىڭ قېنىنى ئىچىشنى ياخشى كۆرىدىكەن،بىراق گۆش يىمەيدىكەن.
بۇلاردىن باشقا يەنە بولىۋىيەدە ياشاپ كېلىۋاتقان كېلىمانكا ئادەملىرى سۆزلەشنى بىلمەيدۇ,سانى 40 مىڭدىن ئارتوق بولۇپ قول -ئىشارەت بىلەن ئالاقە قىلىشىدۇ.