باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1193 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئىلىم پەن ساھەسىدىكى 10 چوڭ بايقاش.
دوستلىشىش
gayrat828
قوللىرىنى شىلتىپ، بولۇپمۇ بىگىز بارمىقىنى تەڭلە ..
دەرىجە: كۇلۇب باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 8
ئومۇمىي يازما: 387
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە387دانە
ئۆسۈش: 10650 %
مۇنبەر پۇلى: 11210 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-18
ئاخىرقى: 2011-10-20
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-01-23 23:44

ئىلىم پەن ساھەسىدىكى 10 چوڭ بايقاش.


ئالىملار 2010-يىلى ئىلىم -پەن ساھەسىدە 10 چوڭ بايقاشقا ئېگە بولدى . ئامېرىكا <<دەۋىر>>ھەپتلىىك ژورىنىلى يېقىندا 2010-يىلى ئالمىلار بايىقىغان 10 چوڭ ئىلىم-پەن يېڭىلىقلىرىنى خۇلاسىلىدى ،ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئارخئولوگىيەلىك بايقاشتىن تارتىپ ئىلىم -پەن يېڭىلىقلىرىغىچە ، پەن -تېخنىكا يېڭىلىقلىرىدىن تارتىپ ئاستىرنومىيەگىچە بولغان ساھەلەردە قولغا كەلگەن يېڭىلىقلارنىڭ ھەممىسى بار .


<<ئۈ ك گ >>  كەڭ ساي تورى .
ئالىملار <<تاج مۆڭگۈزلۈك دىنازاۋۇر>> دەپ ئاتىغان 15 مۆڭگۈزلۈك بۇ جانىۋار 76 مىليۇن يىل مۇقەددەم ئامېرىكىنىڭ يۇتا شىتاتىدا ياشىغان .ئېغىرلىقى 2500 كىلوگىرام كېلىدىغان بۇ تاشقاتما 2007-يىلى بايقالغان بولسىمۇ ، لىكىن ئالىملار ئۇنىڭ ھەقىقەتەن مەۋجۇتىلىقىنى 2010-يىلى مىزاندا ئىتىراپ قىلىپ ئۇنىڭغا ئىسىم قويغان . ئالىملارنىڭ ئۇستىخان ئەۋرىشكىسىنى تەكشۈرۈپ ، بۇنىڭدىن 65 مىليۇن يىل بۇرۇنلا بۇ خىل جانلىقنىڭ ئامېرىكىنىڭ دېڭىز بويى رايۇنلىرىدا ياشىغانلىقىنى يەكۈنلەپ ،ئۆزىنىڭ بايقىشدىن ئۆزى ھەيران قالغان ، چۈنكى بۇ بىر مۆجىزە ئىدى .

...



ئامېرىكا فۇم دۆلەت تەجىربىخانىسىدا ،ئالىملار ئەڭ يېڭى ئېلىمىېنىت سوقۇشتۇۇش ماشىنىسىدا تەجىربە ئىشلىگەندە ، بىتەرەپ bمېزۇننىڭ تەڭپۇڭسىزلىق ھالىتىنى بايقاپ ھەيران قالدى . ئالىملار كېيىن چۈشەنچە بېرىپ مۇنداق دېيىشتى ؛ <<ئالەمدە چوڭ پارتىلاش يۈز بەرگەندە ،ئوخشاش مىقداردا ماددا ۋە ئۇنىڭغا قارىشى ماددا پەيدا بولغان >> دىگەن قاراش شەككىللەنگەنىدى ، بىراق بۇنداق بولوشى مومكىن ئەمەسلىكى كېيىن دەللىلەندى . ئەڭ ئاددى ساۋات شۇكى ، ئىككى تەرەپ تەڭلىشىپ قالغاندا ، ھەر ئىككىتەرەپ ھالاك بولىدۇ ، شۇڭا بىز بۇ ئىككى ئامىل ئارىسىدا يەنە بىر نەرسىلەرنىڭ بارلىقىغا ئىشەندۇق . مانا ئەمدى bمېزۇن بايقالدى ، مۇشۇ ئىككى خىل ياقىلىمىلىق ئامىل مەۋجۇت بولغاچقىلا ، دۇنيا بارلىققا كەلگەن .

..



ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىدىكى مۇتەخخەسسىسلەر يېقىلغۇسى تۈگىگەن راكىتانى ئاي شارىنىڭ جەنۇبى قۇتۇبىغا سوققاندىن كېيىن ، بۇ ھالنى كۈزىتىپ تۇرغان سۈنئى ھەمراھ مۇنداق يەكۈننى چىقاردى ؛ ئاي شارىدا سۇ بار ، بولغاندىمۇ بىزنىڭ مۆلچەرىمىزدىن 54% كۆپ ، بۇ سۇنى ئالماق ناھايىتى ئاسان بولوپلا قالماستىن ،ئېلىش تەننەرخىمۇ تۆۋەن ، ئۇ كەلگۈسىدە بولىدىغان ئاي شارىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىگە يېتىپ ئاشىدۇ .

...



مۆشۈك سۇ ئىچكەندە نېمىشقا ئاستىنقى كالپۇكى ھۆل بولمايدۇ ؟

ئامېرىكىلىق تەتىققاتچىلار ئېرىشكەن يېڭى پاكىتلاردا مۇنداق ئەھۋال چۈشەندۈرۈلدى ؛ سۇ ئىچكەندە مۈشۈكنىڭ ھەركىتى تولىمۇ سىپايە بولىدۇ ، يەنى ئۇ تىلىنى تۆۋەنگە يۆگەپ قاچىسىدىكى سۇنى سۇنىڭ يۈز قىسىمىدىن باشلاپ ئىچىدۇ ، بۇ چاغدا مۈشۈك تىلىنىڭ قاتلىنىىشى سېكىنۇتىغا تۆت قېتىمغا يېتىدۇ . مۈشۈكنىڭ تىلى تېز سۈرئەتتە يۇقۇرى-تۆۋەن ھەركەتلەنگەندە ، بۇ خىل دەرىجىدىن تاشقىرى يۇقۇرى سۈرئەت يۇقۇرغا يۈزلەنگەن كۈچ دەستىسىنى پەيدا قىلىدۇ . ئۇنىڭدن پەيدا بولغان كۈچلۈك تارتىش كۈچى ،ئىزچىللىققا ئېگە ھەركەت ئۇسسۇلى ۋە سۇيۇق جىسىمنىڭ ھەركىتىدىن شەكىللەنگەن ئۈنۈم تولىمۇ ئىجابى بولىدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر قېتىم ئىچىلىدىغان سۇنىڭ مىقدارى 0.1 مىللىمىتىردىن ئاشمايدىغان بولغاچقا ، سۇ ئىچىش داۋامىدا سۇ چېچىراپ كېتىدىغان ئەھۋال كۆرۈلمەيدۇ ، شۇڭا مۈشۈكنىڭ لەۋلىرى ، ئىڭىكى ، بۇرۇتلىرىغا سۇ تەگمەيدۇ . ئىتنىڭ ھەركىتى مۈشۈكنىڭ ھەركىتىگە دەل قارىشى كەلگەچكە ، ئىت سۇ ئىچكەندە ئىڭەك ۋە لەۋلىرى شالتاق بولوپ كېتىدۇ .<<شۇڭا ئىتنى سۆيگەندە سۈرتىۋىتىپ سۆيۈڭ >> چاخچاق ..مەن قېتىپ قويدۇم .

.....



مېكسىكىنىڭ تېئوتخۇا كان  ئەلئېھرامى تا ھازىرغىچە بىر سىر ئىدى ،مۇتەخخسسسلەر 2010-يىلى ئۇنىڭ ئىچىگە سىنئالغۇ ئېلىپ ماڭغان ماشىنا ئادەمنى كىرگۈزۈپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق ، كەڭلىكى 3.65 مېتىر كىلىدىغان بىر كارىدۇرنى بايقىدى . مۇتەخخەسسسىلەر مۇنداق دېيىشتى ؛ 2000يىل مۇقەددىم بېنا قىلىنغان بۇ كارىدۇر ئەينى چاغدىلا ئېتىۋىتىلگەن ، ئۇ بەلكىم ئەل ئېھرام ئىچىدىكى نەزىر سۇپىسىغا تۇتۇشىشى مومكىن  . ناۋادا بۇ قاراش دەللىلەنسە ، بىز ئوتتۇرا ئامېرىدىكىدكى بۇ قەدىمىي قۇرلۇشلارنى بىنا قىلغانلارنىڭ تۇرمۇشىنى تەسسەۋۋۇر قىلالايمىز .

....



قېرىلىقنى كونتۇرۇل قىلىدىغان پەۋقۇلئاددە گېن .

نېمىشقا تەڭ قۇراملىق كىشىلەرنىڭ ياشىنىش دەرىجىسى ئوخشىمايدۇ ؟ ئەنگىلىيەلىك مۇتەخخەسسسسىلەر 2010-يىلىTERCبەلگىلىك ئۈزۈلگۈچى فېرمېنىتنى بايقىدى ھەمدە ئۇنىڭ رولىنىڭ قېرىشقا ،ئاغرىق -سىلاققا تەسىر كۆرسىتىش ئىكەنلىكىنى يەكۈنلىدى . ئۇلا مۇنداق دېيىشتى ؛ فېرمىنىت شەكىلىدە گەۋدىلىنىدىغان بۇ خىل گېن ھالقىسى كۆپ بولسا ، ئادەمنىڭ قېرىش سۈئىتىنى ئۈچ ياكى تۆت يىل ئاستىلىتالايدۇ . بىز بۇ خىل قاراشنى دەلىللەش ئۈچۈن ، چاشقاننىڭ ئۆلگەن TERC نى تىرىلدۈرىۋىدۇق ،ئۇنىڭ ئەزالىرى ياشىرىپ ، كۆپىيىش ئىقتىدارى جانلاندى .

..



يوشۇرۇن يېڭى ئېلىمىنىت

رۇسىيەلىك ئالىملار 2010-يىلى مۇلىكۇلانىڭ سۈرئىتىنى ئاشۇرۇش تەجىربىسىدە غايەت زور نەتىجىگە ئېگە بولدى ،يەنى ئۇلار ئېلىمىنىتلار دەۋىر جەدىۋىلىدە 117-ئورۇنغا تىزىشقا بولىدىغان يېڭى ئېلىمېنىتنى بايقىدى ، گەرچە كالتىسى بىلەن تەڭ ئورۇندا تۇرالايدىغان بۇ ماددا مۇقۇملۇق جەھەتتە چەككە يەتمىگەن ،بەلگىلىك ۋاقىتتا يوقاپ كېتىدىغان بولسىمۇ ، لىكىن يەنىلا ئېىلمېنىتلار دەۋىر جەدىۋىلىدە مۇھىم ئورۇنغا ئېگە بولۇشقا لايىق .

..



تۇرغۇن يولتۇزلارنىڭ سان كۆپەيدى

ئاستىرنوملار ھەر ۋاقىت ئاسمان جىسىملىرىنىڭ <<نوپۇس>> نى تەكشۈرۈپ تۇرىدۇ 2010-يىلى ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ئورىنىغا نۇرغۇن ''يېڭى ئەزا '' قوشۇلدى . بولۇپمۇ '' HIP130446'' بەلگىلىك يولتۇزنىڭ بايقىلىشى كىشىلەرنى سامان يولى سېستىمىسىنىڭ سىرتىدىكى دۇنيانى تەتقىق قىلىشىغا جەلىپ قىلدى ،چۈنكى بۇ يولتۇز باشقا ھەمراھى بىلەن قانداقتۇ بىر چوڭ تۇرغۇن يولتۇزنى ئايلىنىپ چۆرگىلەيدىكەن . ''GLiese58lg'' بەلگىلىك تۇرغۇن يولتۇزنىڭ بايقىلىشى كىشىلەرنى ھاياجانلاندۇردى ، چۈنكى ئۇ ئۆزى مەۋجۇت سېستىمىنىڭ '' ئولتۇراقلىششىقا باپ '' بەلبىغىغا جايلاشقان بولوپ ، ئالملار ئۇنىڭ بىر مەدىنيەتلىك دۇنيا بولوشى مومكىنلىكىگە ئىشىنپمۇ قالدى .

..



''كۆرۈنمەس كىيىم '' تىكىش ئېھتىماللىقى بارلىققا كەلدى .

ئەنگىلىيىلىك نۇر ئىلىى مارتىن مىكال 2010-يىلى دەرىجىدىن ھالقىغان ماددا ياكى باشقا مۇلىكولا قۇرۇلۇش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ ، ماگىنىت مەيدانى ئىقتىدارىنىڭ نورمال ھەركەت قىلىشىغا توسالغۇ بولىدىغان چارىنى بەرپا قىلش ئارقىلىق '' كۆرۈنمەس كىيىم '' تىككىل بولىدىغانلىقىنى شەرىھىيلەپ مۇنداق دېدى ؛ ''بۇ خىل ماددا نۇرنىڭ سۇنىشىغا توسالغۇ بولوپ قايتا گەۋدىلەنگەندە ،تەڭپۇڭسىزلىق بۇزىلىدۇدە ، ۋاقىت ۋە بوشلۇقتا پارتىلاش كۆرۈلىدۇ ، بۇنىڭ بىلەن ئادەملەرنىڭ كۆزىدىن يوقا رىئاللىققا ئايلىنىدۇ '' . بىراق بەزى ئالىملار بۇ قاراشنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىدىن گۇمانلىنىپ قالدى ، چۈنكى كىشىلەرنىڭ كۆزىگە بىر نەچچە مىنۇت كۆرۈنمەسلىك ئۈچۈن ، 100مىليۇن مېترى ئۇزۇنلىقتا تەڭپۇڭلىقىدىن ئايرىلغان نۇر بولوشى كېرەك ئىكەن .

..



ئالمىلار جەنۇبى ئافىرىقىدىكى مالايا ئۆڭكىرىدىن بۇنىڭدىن 2 مىليۇن يىل بۇرۇنقى قەدىمكى ئىنساننىڭ ئىككى تاشقاتمىسىنى بايقىدى ، ئۇلارنىڭ بىرى قۇرامىغا يەتمىگەن ئوغول بۇۋاق ، يەنە بىرى قۇرامىغا يەتكەن ئايال ئىكەن . قىسمەن قەدىمكى جانلىقلار مۇتەخخەسسىسلىرى مۇنداق دېيىشتى  ؛ '' بۇ تاشقاتما ئادەمسىمان مايمۇن بىلەن ھازىرقى زامان ئادەملىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى مۇجەسسەملەنگەن ، بەلكىم ئۇلا ئۆرە مېڭىشنى ئۈگەنگەن ئىنساننىڭ ئەجدادى ،ئۆرە مېڭىشنى ئۈگەنگەن ئىنسان ۋە ئەقلى ئىقتىدارلىق ئىنساننىڭ ئەجدادى ، ئەقلى ئىقتىدارلىق ئىنسان ھازىرقى زامان ئادەملىرىنىڭ ئەجدادى بولوشى مومكىن .>>. كەڭ ساي تورى

ئۆلۈم،ئۇ ئىشنىڭ باشلىنىشى!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 909
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 339
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە339دانە
ئۆسۈش: 590 %
مۇنبەر پۇلى: 3935 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-09
ئاخىرقى: 2011-02-18

  دۇنيادا بولىۋاتقان ئىشلارنىۇ بىلىۋالغۇلۇق.  نەزەر دائىرىمىز كىڭىيىپ  مەسلىلەر ئۈستىدە ئەتراپلىق مۇلاھىزە قىلىشىمىزغا پايدىسى تىگىدۇ.   تىما ئىگىسىگە رەھمەت.
كۆزلىرىمدە تىترەپ تۇرار بىر لەھزە ياش
ئول سەۋەبكى بەكمۇ خۇنۈك ئاجىز قۇياش
kalduk ibadat uqun,kaytimiz yisap uqun.mihmanbiz budunyada,ulimiz tirilix uqun.
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5388
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 440
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە440دانە
ئۆسۈش: 600 %
مۇنبەر پۇلى: 4850 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-01
ئاخىرقى: 2011-10-20
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-01-24 11:06

نۇرغۇن ئېشلارنى بىلىۋالدۇق رەھمەت سىزگە.
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2343
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 203
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە203دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 2050 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-26
ئاخىرقى: 2011-03-31
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-01-24 15:35

كۆرۈنمەس كىيىم بولىدىغان كەشپىياتكەن