ئابدۇقادىر جالالىددىن
قارا ھىجران ،دەرىتكە قىلىپ ئانىلار.
پۇل تاپمەن دەپ چىڭقىلىپ دادىلار،
كىرىپ چۈشگە ۋەتەندىكى دالىلار،
سىغنىشتىن چوڭئايسىمۇ يارلار،
ئوقۇيدىكەن لوندوندىكى بالىلار.
كېلىپ راسا ئوقۇي دىگەن نىيەتكە،
كېلەي دەپ ھەم كەلگۇسىدە كىرەككە،
ئىلىم-پەندە قاتنىشاي دەپ كۆرەككە،
ئارمانلىرى ئارام بەرمەي يۈرەككە،
ئوقۇيدىكەن لوندوندىكى بالىلار.
سۇرۇشتۇرسەم سانى يۇزدىن ئاشارمىش،
ھەر تەرەپتە ھەر شەھەردە ياشارمىش،
يالغۇزلۇقتا پىغانلىرى تاشارمىش،
قاتتىقلىقتا ھايات گويا ھاشارمىش،
ئوقۇيدىكەن لوندودىكى بالىلار.
لوندون دىگەن بەكمۇ يوغان شەھەركەن،
پۇرسەتكىمۇ شۇنچە توغان شەھەركەن،
ھەر قەدىمى پۇلغا تولغان شەھەركەن،
پۇلى يوقنى يەرگە ئۇرغان شەھەركەن،
ئوقۇيدىكەن لوندوندىكى بالىلار.
خنىملاردەك تارىتتى مىنى جىلۋىسى،
تەمتىرەتتى پۇلپەزلىكتە ھىلسى،
توپلىنىپتۇ ئادەملەرنىڭ لولىسى،
دەرىتمەن ئىكەن كەلگەنلەرىنىڭ تولسى،
ئوقۇيدىكەن لوندوندىكى بالىلار.
«زىيارەتچى ئالىم»دېگەن ئاتاققا،
كېلىپ ياتتىم كاتەكچىلىك ياتاقتا،
پۇلۇم يەتمەي قالامدىم دەپ چاتاققا،
غەم قاينايدۇ كاللا دىگەن قاپاقتا،
ئوقۇيدىكەن لوندوندىكى بالىلار.
بىلگەنلىرى مىنى ھۆرمەت قىلىشتى،
بوسۇغامغا زىيارەتكە كىلىشتى،
بەزلىرى تۇز ھەم تائام بىرىشتى،
قولى يەتمەس ھىكمەتكېمۇ ئىرىشتى،
ئوقۇيدىكەن لوندوندىكى بالىلار.
بۇ شەھەردە كۈننى ئالماق تەس ئىكەن،
بالىلارنىڭ ھالى شۇڭا پەس ئىكەن،
گۈلدەك چىراي ئالتە كۇندە خەس ئىكەن ،
ياشاش دېگەن بەك مۇرەككەپ دەرىس ئىكەن،
ئوقۇيدىكەن لوندوندىكى بالىلار.
بۇ جاھاندا دەردى يوقلا نەدە بار،
گەپ سورساڭ ھەممىسىنىڭ دەردى بار ،
بەزىسىنىڭ بەزىسىدىن ئەرزى بار،
يۈرگىدە شەلۋەرگەن دەردى بار،
ئوقۇيدىكەن لوندوندىكى بالىلار.
يىگىتلەرمۇ قورامغا يىتىپتۇ،
تەنھالىقنىڭ مۇڭلىرىغا پىتىپتۇ،
كېچىلىرى خىيال سۇرۇپ يىتىپتۇ،
ئۇيقۇلىرى نەلەرگىدۇ قىچىپتۇ،
ئوقۇيدىكەن لوندوندىكى بالىلار.