ئىزدەيمەن ئۆزۈمنى كەچمىشلىرىمدىن،
ۋەلىكىن تاپالماي بولىمەن سەرسان.
چۈشلرىم قاراڭغۇ گاڭگىرىغان مەن،
ئىزدەيمەن روھىمنى خىياللار تامان.
كۆرۈنۈپ تۇرساڭمۇ كۆزۈمگە ئەمما،
قول سوزۇپ يېتەلمەي بولىمەن ھەيران.
ئاڭلىنىپ تۇرسىمۇ ھەربىر تىنىقىڭ،
ئازاپلىق نىدالار يەتمەس سەن تامان.
تېلىفۇن قىلساممۇ ئارىلىق يېقىن،
ئاڭلايمەن ئاۋازىڭ ئاڭلىمىدىڭ سەن.
تەلمۈرۈپ بارساممۇ مەھەللەڭگە مەن،
تونۇدۇم مەن سېنى تونۇمۇدۇڭ سەن.
ئېزىلدى يۈرەكلەر توختىدى نەپەس،
ئازاپلىق تۇمانلار توستى كۆزۈمنى.
قاپ-قارا بىلىندى ئالەم يەر جاھان،
يىقىلدىم چوڭ يولغا بىلمەي ئۆزۈمنى.
يېنىمدىن ئۆتمەكتە ماشىنا ھارۋا،
سەنمۇ ھەم نەچچە رەت ئۆتتۇڭغۇ دەسسەپ.
ئورنۇمدىن تۇرۇشقا تىرىشتىم شۇنچە،
تۇردۇميۇ يىقىلدىم تۇرالماي دەڭسەپ.
يىقىلسام تەمتىرەپ يەنە تۇرىمەن،
تۇرىمەن دەقىقە يەنە يىقىلىپ.
تاكسىلار توختىماس مېنى مەسكەن دەپ،
ئۆتكەنلەر قارايدۇ كۈلۈپ تېلىقىپ.
قاچانمۇ تاڭ ئاتار قاچان تۈگەر چۈش،
بامداتنىڭ ئەزىنى كېچىكتى نىچۈن.
خورازلار نىمىشقا چىللىماس بولدى،
داپەنجى قىلدۇقمۇ زاكۇسكا ئۈچۈن.
يا..........ق قۇتقۇزۇڭلار................
ئىلتىجا جامائەت ئۆتۈنەي ئەل يۇرت،
چۈشۈمدىن ئويغۇتۇپ قويۇڭلار مېنى.
چۈشۈمدە كۆرگىنىم ئاچچىق قاباھەت،
بىئەجەل ئۆلتۈرۈپ قويمىسۇن مېنى.
2011-يىلى 21-يانۋار
[ بۇ يازمىنىpadarدە2011-01-22 23:11قايتا تەھرىرلىدى ]