
ئاسيا پۇبولچىلار جەمىيىتى ئىنتىزام كومىتىتى 19-قەھىرتان ، ئاسيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى مەزگىلىدە كۆرۈلگە ن رېپىرنىڭ ھۆكۈمىگە قايىل بولمىغانلىقىغا قارىتا جازالاش ئېلىپ باردى . ئىلىمىز پۇتبول كۇماندىسىنىڭ تېرنىرى گاۋ خۇڭبو ، ئاسيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابېقىسىنىڭ A ەۇرۇپپف مۇسابېقىسىنىڭ 3- ئايلانما مۇسابېقىسىدە (جۇڭگو بىلەن ئۆزبىكىستان ئوتتورسىدىكى مۇسابىقە داۋاملىشىپ 89 مىنۇت بولغاندا ) رېپىرنىڭ ھۆكۆمىگە قايىل بولمىغانلىقتىن ، رېپىر ئۇنى مەيداندىن چىقىرۋەتكەن بولغاچقا ، ئاسيا پۇتبولچىلار جەمىيىتىنىڭ بىر مەيدان مۇسابىقىسىگە تېرنىرلىق قىلماسلىق جازاسىغا ئۇچىردى . لىكىن ئېلىمىز پۇتبول كۇماندىسىنىڭ بۇ قېتىملىق ئاسيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابېقىسدىن شاللنىپ كەتكەن بولغاچقا ئۇنىڭغا بېرىلگەن جازا ئاسيا پۇتبولچىلار جەمىيىتى ياكى خەلىقئارا پۇتبولچىلار جەمىيىتى ئېتىراپ قىلىدىغان مۇسابېقىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدىكەن . شۇڭا ئۇ ،2001-يىلى 29- سەپەر ئۆتكۈزىلىدىغان 2014-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ تاللاش مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسىدە ، ئېلىمىز پۇتبول كۇماندىسىغا يېتەكچىلىك قىلالمايدىغان بولدى .
(بۇنىڭدىن باشقا ئاۋىستىرالىيە ماھىرى ئېمىدون ئىككى سېرىق كارتىغا ئېرىشكەنلىكتىن 4-1 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە بىر مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىشنى چەكلەش جازاسىغا ئۇچىردى ، قاتارنىڭ تېرنىرى مۇسابىقىدىن كىيىن ئاخبارات ئېلان قىلىش مەجبۇريىتى ئۆتىمىگەنلىكى ئۈچۈن ،2000 دوللا جەرىمانە قويۇلىدى .)
ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

[ بۇ يازمىنىgayrat828دە2011-01-22 21:26قايتا تەھرىر ]