باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 920 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: مەن ئاشۇنداق قاسساپ بالىمەن
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 321
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 27
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە27دانە
ئۆسۈش: 260 %
مۇنبەر پۇلى: 466 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-16
ئاخىرقى: 2012-03-03
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-01-22 12:12

مەن ئاشۇنداق قاسساپ بالىمەن

مەن ئاشۇنداق قاسساپ بالىمەن

(بىر قاسساپ دوستۇمنىڭ ئاغزىدىن)
مەن ئاشۇنداق قاسساپ بالىمەن،
بۇغاز قوينى سويۇپ تۇرىمەن.
جىڭ باسمىسا سويغان قويۇم،
ئۆپكە-جىگەر تىقىپ قويىمەن.
 
مەن ئاشۇنداق قاسساپ بالىمەن.
ئۆچكە گۆشىنى قوي گۆشى دەيمەن.
خېرىدارغا لوق گۆش سېتىپ،
ئۆزەم بولسام سۆڭەك يەيمەن.
 
مەن ئاشۇنداق قاسساپ بالىمەن،
گۆشنى ساتقاچ ئىچىپ تۇرۇمەن.
تاتقان زئىيان كۆپ بولۇپ كەتسە،
پۇلنى ئېلىپ قېچىپ تۇرىمەن.
 
مەن ئاشۇنداق قاسساپ بالىمەن
تاققا پىچاق ئېسىپ يۈرىمەن.
سويغان قوينىڭ تايىنى يوق،
قوللىرىمنى كېسىپ يۈرىمەن.
 
مەن ئاشۇنداق قاسساپ بالىمەن
يالغاننىمۇ سۆزلەپ تۇرىمەن،
بۇغاز قوينى قىسىر قوي دەپ.
پايدا-نەپنى كۆزلەپ تۇرىمەن.
 
مەن ئاشۇنداق قاسساپ بالىمەن
كۈندۈزلېرى گۆشنى ساتىمەن،
تاپقان پۇلنى يانچۇققا سەپ.
ئېسىل ساراي،ياتاقتا ياتىمەن.
 
مەن ئاشۇنداق قاسساپ بالىمەن
دەيكۇەننىمۇ ئېلىپ تۇرىمەن،
تۈگۈتېۋېتىپ بار دەسمىنى،
تىللاپ كەتسە ئىششىپ تۇرىمەن.
 
مەن ئاشۇنداق قاسساپ بالىمەن
تاپقان پۇلنى سورۇپ تۇرىمەن،
يوقسۇزلىقنىڭ قازىنىدا،
ئاتا-ئانامنى قورۇپ تۇرىمەن.
مەن ئاشۇنداق قاسساپ بالىمەن
قىمارنىمۇ ئويناپ تۇرىمەن،
ئاتا-ئانام تىللاپ كەتسە،
ئۇنۇڭغىمۇ چىداپ تۇرىمەن.
مەن ئاشۇنداق قاسساپ بالىمەن
كۆزنى بوياپ پايدا ئالىمەن،
تۈگىتىۋېتىپ دەيكۈەن پۇلنى،
ئاتا-ئانامغا زىيان سالىمەن.
 
مەن ئاشۇنداق قاسساپ بالىمەن
كۈندە بىر قىز ئەگەشتۈرىمەن،
ھەشەمەتنىڭ چىغىر يولىدا،
ئاتا-ئانامنى تۈگەشتۈرىمەن.
 
مەن ئاشۇنداق قاسساپ بالىمەن
ئىزا تارتماي يۈرىۋېرىمەن،
خام تاماكا چېكىۋېلىپ.
خام خىياللار سۇرىۋېرىمەن.
 
مەن ئاشۇنداق قاسساپ بالىمەن
قىزچاقلارنىڭ زاغىرا نېنىمەن،
تاپالمىسام پۇلنى ئەگەر،
ئاتا-ئانامدىن ئاغىرىنىمەن.
 
مەن ئاشۇنداق قاسساپ بالىمەن
پۇلنى خەجلەپ يولدىن چىقىمەن،
پۇل بەرمىسە ئاتا-ئانام،
گەپ بىلەنلا كاناي سىقىمەن.
 
مەن ئاشۇنداق قاسساپ بالىمەن
يۈزلېرىممۇ قېلىن بالىمەن،
تاياق-تىللار ئۆتمەس ماڭا،
رېزىنكېدەك سوزىلۋالىمەن.
 
مەن ئاشۇنداق قاسساپ بالىمەن
گاھى شۇنداق ئويلاپ قالىمەن،
تاپقان پۇلنى چىڭ تۇتمىدىم،
ئەمدى قانداق خوتۇن ئالىمەن.
........
كۆردۈڭلارغۇ بالىلارنى،
ئاتا-ئانىنى قەرىزگە بوغققان.
مۇشۇنداق ئەسكى بالىلارنى،
ئاتا-ئانىلار ئۆزى تۇغققان.
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 983
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 27
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە27دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 290 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-15
ئاخىرقى: 2012-01-29

قاپىيداش چىقىپتۇ...............
قەيسەر يۈرەك
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5709
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 125
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە125دانە
ئۆسۈش: 230 %
مۇنبەر پۇلى: 1472 سوم
تۆھپىسى: 5 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-18
ئاخىرقى: 2011-04-18
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-01-22 14:14

شىئېر بەك ياخشى چىقىپتۇ ، كۈلۈپ كىتىپتىمەن !!
   شىئېردا تەسۋىرلەنگىنى كەسپىي ئەخلاقى يوق قاسساپكەن !!!  قاسساپلىق كەسپىنىڭمۇ ئۆزىگە  تۇشلۇق رىئايە قىلىدىغان قائىدلىرى بار !!  شۇ ئىشلارغا رىئايە قىلىپ ، كەسپى ئەخلاقنى مۇھىم بىلسە  ئەلۋەتتە خېرىدارلارنىڭ كۆڭلىگە ياقىدىغان ، ماخشىشىغا سازاۋەر بولغان قاسساپ بولۇپ يىتشىپ چىقالايدۇ !!  
ئىتقاد جاندىنمۇ مۇھىم !!!