
سادام ۋە ئەنگىلىيە كومىدىيە ئارتىسى كېن
ئىراقنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى سادامنىڭ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرى يازغان <جابىبا ۋە پادىشاھ > ناملىق ھىكايىسى ئەنگىلىيە كومىدىيە ئارتىسى كېن تەرىپىدىن <ئىستىبدات> ناملىق كىنوغا ئۆزگەرتىلىپ سۈرەتكە ئېلىنماقچى، ئۇ بۇ فىلىمدە ئىستىبداتنىڭ رولىنى ئالماقچى.
روسىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ 1-ئاينىڭ 21-كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، مۆلچەرلىنىشىچە بۇ فىلىم 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 11-كۈنى قويۇلۇشى مۇمكىن ئىكەن.
ئىگەللىنىشىچە، سادامنىڭ بۇ ھېكايىسىدە ئىراقنىڭ شىمال قىسمىدىكى بىر كەنىتتىكى قىز جابىبا بىلەن پادىشاھنىڭ تاساددىپىي ئۇچرىشىپ قېلىشى ۋە بىر-بىرىنى ياخشى كۆرۈشۈشى، لېكىن پادىشاھنىڭ كېيىن يەھۇدىيلار تەرىپىدىن قەستلەنگەنلىكى ، دۆلەتنىڭ خەتەر ئاستىدا قالغانلىقى، شۇنىڭ بىلەن جابىبامۇ قەستلىگۈچىلەرگە قارشى ئۇرۇشقا ئاتلانغانلىقى، ئۇنىڭ ياردىمى ئاستىدا پادىشاھ دۈشمەنلىرىنى يوقىتىپ ، خەلىقنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ ، جاھاننى تىنجىتقانلىقى، ئاخىرىدا جابىبانىڭ جەڭدە قۇربان بولغانلىقىدەك ۋەقە سۆزلەنگەن.