باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1074 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: جەننەتتىكى خوشنا
ئەپۇچانلىق - ئىنسان تەبئىتىدىكى گۇزەل ئەخلاق.
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1589
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 128
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە128دانە
ئۆسۈش: 1060 %
مۇنبەر پۇلى: 2065 سوم
تۆھپىسى: 2 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-06
ئاخىرقى: 2012-01-04
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-01-21 13:19

جەننەتتىكى خوشنا

بىر كۈنى مۇسا پەيغەمبەر خۇدادىن: <ئاللاھىم بۇ دۇنيا چەكلىك دۇنيا لېكىن، ئۇ دۇنيادا، جەننەتتىكى چەكسىز ھاياتىمدا قانداقراق ئادەم بىلەن خوشنا بولىمەنكىن دەپ ئويلىنىپ قالىمەن، چۈنكى ھەر كۈنى ئىشىگىمنى ئاچسام ئۇنى كۆرۈپ تۇرىمەن، ماڭا ئۇ خوشنامنىڭ كىم بولىدىغانلىقىنى دەپ بەرسەڭ؟ > دەپ سوراپتۇ. ئاللايىتەئالا ئىنسانلارنىڭ بىلمىگەن ئىشلارنى بىلگىسى كېلىدىغان ئادىتىنىڭ بارلىقىنى، ئادەم ئەلەيھىسالامنىڭ جەننەتتىكى چەكلەنگەن بۇغداينى يېيىشىدىن تارتىپلا بىلگەنلىكتىن، ھېچ ئىككىلەنمەستىن مۇسا پەيغەمبەرگە: <سېنىڭ جەننەتتىكى خوشناڭ ھازىر دۇنيادا ياشاۋاتقان ئىنسانلاردىن بىرى، بەكرەك بىلگىڭ كەلسە، ئۇ ھازىر خوراساندىكى چوڭ مەسجىدنىڭ يېنىدىكى قۇشخانىنىڭ خوجايىنى> دەپتۇ. B>m*!n: l  
ھەزرىتى مۇسا ئەلەيھىسالام ئەسلىدە ئۆزىنىڭ جەننەتتىكى خوشنىسىنى بىرەر پەيغەمبەر ياكى ھېچ بولمىسا تونۇلغان بىرەر شەخس بولىشى مۈمكىن دەپ ئويلىغان ئىكەن. ئويلىمىغان يەردىن ئۇنىڭ قاسساپ بولۇپ چىققانلىغىدىن پەيغەمبىرىمىز، <ئۇ ئادەم قانداق خاسىيەتلىك بىر ئىش قىلغاندۇ!؟ بولمىسا نە ۋەجىدىن ئۇ مېنىڭ جەننەتتىكى خوشنام بولالايدۇ> دەپ، ئۇ كىشىنى كۆرۈپ باقماقچى بولۇپ خوراسانغا يولغا چىقىپتۇ. rF"p7  
ھەزرىتى مۇسا ئەلەيھىسالام خوراسانغا بېرىپ ئۇ قۇشخانىنى تېپىپتۇ. قۇشخانا خوجايىنى ئورتابوي، كېلىشكەن بىر كىشى بولۇپ، خېرىدارلار بىلەن سودىلىشىۋاتقان ئىكەن. ئۇ مۇسا ئەلەيھىسالامنى كۆرۈپ قىزغىن سالام بېرىپ، تىنچ-ئامانلىق سوراپتۇ. پەيغەمبەرىمىز خىيالىدا <ئەجەبا بۇ قاسساپنىڭ يېقىملىقلىقى، سۆزىنىڭ گۈزەللىكى، مەن بىلەن جەننەتتە خوشنا بولۇشقا لايىقمىدۇ؟> دەپ ئويلاپتۇ. شۇ ئەسنادا ئۇنىڭ گۆشلەرنى ئادىللىق بىلەن خېرىدارلارغا جىڭلاپ بەرگىنىنى كۆرۈپ <ياكى جىڭدا ئادىل بولغىنى ئۇچۇنمىدۇ؟> دەپ ھەيران بولۇپتۇ. ئۇنىڭ خېرىدارلىرى بىلەن رازىمەنلىك خوشلاشقاندىن كېيىن، ھەزرىتى مۇسا ئەلەيھىسالام ئۆزىنىڭ باشقا يەردىن كەلگەنلىكىنى ئېيتىپ، ئۇنىڭدىن بىرەر ياخشىراق ساراي تېپىپ بېرىشنى سوراپتۇ. قاسساپ <بىر ساراي بار، لېكىن بۇ كۈنلەردە سودىگەرلەر بىلەن توشۇپ كەتكەن بولىشى مۈمكىن، خالىسىڭىز مېنىڭ مىھمىنىم بولۇپ مېنىڭ ئۆيۈمدە قونۇپ قېلىڭ، مەنمۇ يالغۇز تۇرىمەن، شۇ باھانىدا سىز يۇرتىڭىزنىڭ ئەھۋالىنى سۆزلەپ بەرسىڭىز، باشقا يۇرتلارنىڭ ئاھۋاللىرىنىمۇ بىلىپ قالارمەن > دەپتۇ. d[J_iD{ &  
مۇسا پەيغەمبەر ماقۇل بوپتۇ ھەم ئىچىدە <مۇشۇنداق مىھماندوست بولغانلىقى ئۈچۈن مەن بىلەن خوشنا بولغىدەكمۇ؟>دەپ ئىككىلىنىپتۇ. كەچتە ئۇلار ئۆيگە قايتقىچە قاسساپ مېھمانلىق ئۈچۈن كۆپ نەرسىلەرنى سېتىۋاپتۇ، بۇنى كۆرۈپ <خۇدا ئۇنىڭ سېخىلىقىدىن ماڭا خوشنا قىلدىمۇ-يە> دەپ ئويلاپتۇ. ئۆيگە يېتىپ كېلىپ ئۇنىڭ ھويلىسىنىڭ پاكىزلىكى ئۆينىڭ ناھايىتى رەتلىك سەرەمجانلاشتۇرۇلغانلىقىنى كۆرۈپ <ئۇنىڭ پاكىزلىكى خۇدانىڭ كۆڭلىگە ياققان ئوخشايدۇ.> دېگەن خىيال كۆڭلىدىن كېچىپتۇ. قاسساپ ھايت- ھۇيت دېگۈچە مېھمانلىق داستىخاننى ھازىرلاپ <سىز يىراق يەردىن كەلدىڭىز، ھېرىپ-ئېچىپ كەتكەنسىز، قېنى داستىخانغا بېقىڭ، مېنىڭ ئازراق ئىشىم بار> دەپ ئورنىدىن تۇرۇپتۇ. )%MC*Z :^  
ئۇنىڭ ئۆزىنى يالغۇز تاشلاپ ماڭغىنىدىن شۈبھىلەنگەن مۇسا پەيغەمبەر ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ئەگىشىپ چىقىپتۇ. كۆرۈپتۇكى، ئۇ كىشى ناھايىتى قېرى، بىر-تېرە، بىر-ئۇستىخان بولۇپ كەتكەن بىر موماينى كارۋىتىدىن تۇرغۇزۇپ، سۈت ئىچكۈزىۋاتقىدەك. مۇسا پەيغەمبەر ئەجەپلىنىپ <بۇ موماي كىم؟ سەن ئۆزەم يالغۇز دېگەنتىڭ؟> دەپ سوراپتۇ. ئۇ كىشى جاۋابەن: <بۇ مېنىڭ ئانام، دادام ۋاپات بولغاندىن كېيىن پالەچ بولۇپ قېلىپ ھازىرغىچە ئورنىدىن تۇرالمىدى، بېلىنىڭ ئاستى تەرىپى سەزمەيدۇ. ئۆيلىنەي دېگەنتىم، لېكىن مەندىن باشقا بىر كىشىنىڭ ئانامنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشىغا كۆزۈم يەتمەي ئۆيلەنمىدىم. ئانام كەم سۆز بىر ئايال، لېكىن ئۇنىڭ بىر دۇئاسى بار، ئۇ دائىم شۇنى تەكرارلايدۇ> دەپتۇ. بۇنىڭغا قىزىقىپ، <قېنى ئاناڭنىڭ دۇئاسىنى بىر ئاڭلاپ باقسام> دەپتۇ مۇسا پەيغەمبەر. قاسساپ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ <بەكمۇ ئەقىلغە مۇۋاپىق دەپ كەتكىلى بولمايدۇ، ئەمما، ئانام دائىم: <ئوغلۇم مەن سەندىن رازى. خۇدا بۇيرىسا جەننەتتە ھەزرىتى مۇسا ئەلەيھىسالام بىلەن خوشنا بولۇرسۇن> دەپ تەكرار-تەكرار دۇئا قىلىدۇ. كۆرۈپ تۇرۇپسىز، مەن كىم، ھەزرىتى مۇسا پەيغەمبەر كىم، مەن قانداقمۇ جەننەتتە ئۇنداق بىر ئۇلۇغ زاتقا خوشنا بولالايمەن!؟ مۇسا ئەلەيھىسالام <خۇدا بۇيرىسا، ئاناڭنىڭ ئىستىگى ئەمەلگە ئاشىدۇ> دەپتۇ، ھەمدە ئۇ كۈنى ئۇنىڭ ئۆيىدە قونۇپ ئەتىسى مىسىرغا قايتىپتۇ ۋە بۇ ۋەقەنى كۆپ كىشىلەرگە سۆزلەپ بەرىپتۇ.http://nurman713.blogbus.com/logs/68073520.html
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 322
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 98
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە98دانە
ئۆسۈش: 2 %
مۇنبەر پۇلى: 530 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-16
ئاخىرقى: 2011-04-06

ئانىنىڭ رازىلىقى ...دۇئاسى ...........ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن پەرزەنتىنى  مانا مۇشۇ شەرەپكە ئىرىشتۈرگەن...............
قەيسەر يۈرەك
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5709
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 130
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە130دانە
ئۆسۈش: 230 %
مۇنبەر پۇلى: 1472 سوم
تۆھپىسى: 5 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-18
ئاخىرقى: 2011-04-18
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-01-21 17:17

كىم يازغان ئەسەر بۇ ؟   مەنبەسىنى ئەسكەرتسىڭىز  .....  
ئىتقاد جاندىنمۇ مۇھىم !!!
kalduk ibadat uqun,kaytimiz yisap uqun.mihmanbiz budunyada,ulimiz tirilix uqun.
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5388
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 486
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە486دانە
ئۆسۈش: 910 %
مۇنبەر پۇلى: 5513 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-01
ئاخىرقى: 2012-01-04
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-01-21 17:22

بۇ ئاتا-ئانىلارنى رازى قىلىشتىكى تەسىرلىك قىسسە،رەھمەت سىزگە.
ياردەم مەزمۇنى
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1191
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1119
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1119دانە
ئۆسۈش: 140 %
مۇنبەر پۇلى: 11834 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-26
ئاخىرقى: 2012-01-04
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-01-21 17:26

مەزمۇنىدىن پايدىلنىشقا بولدىكەن ......
كەچۇرۇڭلار ئۇرۇشمايمەن!!!!
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1700
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 64
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە64دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 660 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-09
ئاخىرقى: 2011-11-19
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-01-21 17:53

Re :جەننەتتىكى خوشنا

ئاللا ھەممىمىزدىن رازى بولسۇن،ھەقىقەتەن تەربىيىۋى ئەھمىيىتى بار ئىكەن.
KOXULIMAN