بۇيۇك برىتانىيە پايتەختى لوندون شەھەرنىڭ كوچىللىرىغا برىتانىيە ئىمپېرىيەسى دەۋرلىرىدە دۇنيادىكى نۇرغۇن شەھەرلەرنىڭ ئىسىملىرى خاتىرە قىلىنىپ قويۇلغان بولۇپ، بۇ كوچا ئىسىملىرى قاتارىدا ئافغانىستاننىڭ شەھەر ناملىرىمۇ ئورۇن ئالغان.
لوندوندىكى ئافغانىستان كوچىللىرى لوندون شەھىرىنىڭ غەرىبي-جەنۇبىدىكى ۋاندسۋورد، باتتېرسى بولىگىگە، تايمىس دەرياسىنىڭ جەنۇبى قېشىغا جايلاشقان بولۇپ، كىچىك ھىندىستان شەھىرى دەپ ئاتالغان بۇ يەرگە ئافغان كوچىسى، كابۇل كوچىسى، قەندىھار كوچىسى ۋە خىيبەر كوچىسى دەپ ناملار بېرىلگەن.
لوندون ئافغانىستان كوچا ئىسىملىرى ھەققىدە يەرلىك مەنبەلەردە كورسىتىلىشىچە ئافغانىستان ۋە بۇيۇك برىتانىيە ئىمپەرىيەسى ئوتتۇرىسىدا 1837-1838- يىللىرى يۈز بەرگەن ھېراتنى مۇھاسىرىگە ئېلىش ئۇرۇشى يەنى برىنچى قېتىملىق ئانگىلو-ئافغان ئۇرۇشى ۋە 1878 – يىلى ئافغان ئەمىرى ئەمىر شىر ئەلىنىڭ (ئەمىر دوست ماھوممەدخاننىڭ ئۈچىنچى ئوغلى) برىتانىيە ئەلچىللىرىنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلىشى سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن ۋە ئۇچ يىل داۋام قىلغان ئىككىنچى قېتىملىق ئانگىلو-ئافغان ئۇرۇشى نى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن ئافغانىستان شەھەر ئىسىملىرى قوللۇنۇلغانلىغى بايان قىلىنىدۇ.
ئافغانىستان 19- ئەسىردە بۇيۇك برىتانىيە ۋە رۇسىيە ئىمپېرىيەلىرى تەرىپىدىن ئوتتۇرا ئاسىيادا ئوينالغان كاتتا ئويۇن نىڭ يەنە بىر مەركىزى نۇقتىسى بولغان بولۇپ، ئافغانىستان رۇسىيە ۋە برىتانىيە ئىمپەرىيەلىرى ئوتتۇرىسىدىكى بىتەرەپ دۆلەت سۇپتىدە 20- ئەسىرگە كىرىدۇ ئەمما ئافغانىستاننىڭ تاشقى دىپلوماتىك ئالاقە ئىشلىرى بۇيۇك برىتانىيە ئىمپېرىيەسى تەرىپىدىن مونوپول قىلىنىپ كېلىدۇ. ئافغانىستان تۇلۇق مۇستەققىلىغىنى 1919- يىلى يۇزبەرگەن ئۈچىنچى قېتىملىق ئانگىلو-ئافغان ئۇرۇشى دىن كېيىن قولغا كەلتۇرۇدۇ.
لوندوندىكى قەندىھار كوچىسى
برىتانىيەنىڭ 19- ئەسىردىكى خاتىرلىرىدە ئافغانىستاننى كابۇل پادىشاھلىقى دەپ ئاتىغانلىغى كورسىتىلىدۇ ۋە بۇ نۇقتىنى شوتلاندىيەلىك تارىخشۇناس موۇنتستۇارت ئەلفىنستون ئەسەرلىرى ئىسپاتلايدۇ. غەرب مەنبەلىرىدە "ئافغانىستان" سۆزى تۇنجى قېتىم 1857- يىلى گېرمانىيەلىك كوممۇنىست نەزىريەچىسى، خەلقئارا كوممۇنىزم خىتاپنامىسىنىڭ ئاپتورى فېدرىخ ر ئېنگىلسنىڭ ئەسىرىدە تىلغا ئېلىنىدۇ.
ئافغان: سىياسىي مەنىدىن ئالغاندا ئافغان سۆزى ئافغانىستان پۇقرالىرىنى كۆرسىتىدۇ ئەمما مىللىي تەركىۋ جەھەتتىن ئافغانىستاندا فارىسى تىلىدا سوزلىشىدىغان مىللەتلەر ئافغانىستاننىڭ ئاساسلىق ئاھالىسى بولغان پاشتۇ مىللىتىنى ئافغان دەپ ئاتايدۇ.
كابۇل : ئافغانىستاننىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى ۋە سىياسىي، ئىقتىسادى پايتەختى، شەھەردە 3 مىللىيون ئاھالە ياشايدۇ (2005- يىللىق مەلۇمات). كابۇل شەھىرى ھىندىقۇش تاغلىرىنىڭ ۋادىسىغا جايلاشقان كابۇل دەرياسىنى بويلاپ جاي ئالغان.
قەندىھار: ئافغانىستاننىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى بولۇپ ئافغانىتاننىڭ شەرقى-جەنۇبىغا جايلاشقان. قەندىھار قەندىھار ئولكىسىنىڭ مەركىسى، ئاھالىسى 450،000 (2006 – يىللىق مەلۇمات). قەندىھار شەھىرى ئارغانداب دەرياسى قېشىغا جايلاشقان.
خىيبەر ئوتكىلى: ھىندىقۇش تېغىدىكى ئافغانىستان بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان تاغ ئوتكىلى بولۇپ، پاكىستان چېگرىسى ئىچىگە 5 كىلومىتىر سوزىلىدۇ. تارىختىن بۇيان خىيبەر تاغ ئۆتكىلىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئورنى ناھايىتى مۇھىم جاي بولغان بولۇپ ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن جەنۇبى ئاسىيانىڭ سودا ئالاقىللىرى بۇ تاغ يولى ئارقىلىق داۋام قىلغان.
‹‹uz..new››
كەڭ ساي تورى ..