بۈگۈن CTIA (خەلقئارا سىمسىز ئالاقە جەمئىيىتى ) تۇنجى يانفوننىڭ 25 ياشقا كىرگەنلىكىنى جەزملىدى. ئەڭ دەسلەپ ئىشلىتىلگەن بۇ يانفون MOTOROLA شىركىتىنىڭ DynaTAC 8000X تىپلىق تېلفونى ئىدى.
تۇنجى ئەۋلاد ھەقىقىي ئىشلىتىشكە بولىدىغان بۇ « كېسەك »نىڭ ئېغىرلىقى ئىككى قاداق، ئىگىزلىكى 13 دىيۇم كېلىدىغان بولۇپ، باتارىيەسى يېرىم سائەت سۆزلىشىشكە يېتەتتى. شۇندىن ئېتىۋارەن Nokia ، Palm قاتارلىق يانفون ئىشلەپچىقىرىدىغان شىركەتلەر ئارقا-ئارقىدىن بارلىققا كەلدى. ھازىر بولسا ئىنسانلار سىمسىز ئالاقە ئىشلىرىدا LTE نى يېتەكچى قىلغان 4G دەۋرىگە قەدەم قويدى.