باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1295 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئامېرىكا ھاۋارايى ئۇرشى قورالى ياساۋاتىدۇ
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 627
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 229
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە229دانە
ئۆسۈش: 4623 %
مۇنبەر پۇلى: 5345 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-07-17
ئاخىرقى: 2011-10-20
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-01-20 19:46

ئامېرىكا ھاۋارايى ئۇرشى قورالى ياساۋاتىدۇ



يېقىندا گىرمانىيىنىڭ ھەپتىلىك « ئەينەك » ھەپتىلىك ژورنىلى گىرمانىيىلىك مۇھىت ئاسىراش خادىملىرىنىڭ سۆزىنى باستى ۋە ئامىرىكا ھۈكۈمىتى پۈتكۈل يەرشارىنىڭ ھاۋارايىنى باشقۇرۇشنى مەخپىي تەجىربە قىلماقتا، دەپ نەقىل كەلتۈردى. مۇھىت ئاسىراش ژورنىلىدىكى « بوشلۇق ۋە دەۋىر » دىگەن بىر ماقالىدا، ئامىرىكا ھازىر مۇناسىۋەتلىك «خىمىيىلىك تەجىربە» قىلىش ئارقىلىق پۈتكۈل يەرشارىنىڭ ھاۋارايىنى كونتىرول قىلىشنى ئۈمۈد قىلىدۇ، ئامىرىكىنىڭ رىئاكتىۋ ئايرۇپىلانى بوشلۇققا بىرخىل قېتىشما مىتالدىن ئىشلەنگەن زەرىچىلەرنى چاچماقتا، بۇخىل قېتىشما مىتال زەرىچىلەر يەرشارىنىڭ تىمپىراتۇرسىنى تۆۋەنلىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، ئامىرىكا ئۆزىنىڭ ئىلگىرىكى ھاۋارايى سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرىدۇ، دەپ كۆرسىتىلدى.ماقالىنىڭ ئاپتۇرى بۇ ئامىرىكىنىڭ ئاتۇم بومبىسى قۇرلىشىدىن كىيىنكى قىلغان « كۆلىمى ئەڭ چوڭ مەخپىي قۇرلۇشى» دەپ كۆرسەتتى. بەزى تەھلىلچىلەر بۇ ۋەھىمە تارقىتىش ئەمەس، چۈنكى ۋېيىتنام ئۇرشى مەزگىلىدە ئامىرىكا ئارمىيسى بۇلۇت ۇتمان بومبىسىدىن پايدىلىنىپ، بورانلىق پەسىلنى ئۇزارتىپ، دۈشمەن تەرەپنىڭ قاتنىشىنى قامال قلغانىدى، دەپ كۆرسەتتى.

ھارايى ئۇرۇشى ئىلگىرى ئەمەلىي ئۇرۇشتا ئىشلىتىلگەن

20- ئەسىرنىڭ 50- يىللىرىدا ئېيزىنخاۋىر زوڭتۇڭ ھاكىمىيەتتە تۇرغان مەزگىلدە، ئامىرىكا ھەربىي تەرەپدەرلىرىنىڭ بىر تەتقىقات دوكىلاتىدا « ھاۋارايى ئارقىلىق تىزگىنلەش ئاتۇم بومبىسىدىن مۇھىم» دىگەن كۆز قاراش ئېنىق ئوتتۇرغا قۇيۇلغان، جۈملىدىن ۋېيىتنام ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئامېرىكا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا رايۇنىدىكى غەرىبىي جەنۇپ پەسىللىك شامىلىنىڭ كۈچىيىشى، كۆپ يامغۇر يېغىشتەك پايدىلىق شەرىت- شارائىتتىن پايدىلىنىپ، مەخپىي ھالدا لائۇس، ۋېيىتنام ۋە كامبۇدىژالارنىڭ چىگىرىداش رايۇنىدا سۈنئىي يامغۇر ياغدۇرغاندى. بۇنىڭغا ئىلگىرى- كىيىن بۇلۇپ، جەمئىي 21 مىليون 600 مىڭ دوللار سەرىپ قىلىنغان، 1400 ئادەم قاتناشقان، 2600 دىن ئارتۇق ئايرۇپىلان ئىشقا سېلىنىپ، 41400 دىن ئارتۇق خىمىيىلىك بومبا تاشلانغانىدى؛ بۇنىڭ بىلەن قىسمەن رايۇنلاردا سۇ ئاپىتى يۈز بېرىپ، كۆۋرۈك، توغانلار ۋەيران قىلىنىپ، يوللار پاتقاقلىشىپ، «خۇجىمىڭ يولى » دا ئەسلىدىكى ھەپتىسىگە 9000 دىن ئارتۇق ماشىنا قاتناش مىقدارى ئاران 900 قېتىم قاتناشقا تۆۋەنلەپ، شىمالىي ۋېيتىنام ئەسكەرلىرىنىڭ قاتناش- تىراسىپورىت لىنيىسىگە ئېغىر دەرىجىدە زىيان سالغانىدى. مۇناسىۋەتلىك ئىستاستىكىلىق ماتىرياللارغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئەينى زاماندا سۈنئىي يامغۇر ياغدۇرۇشنىڭ ۋېيىتنامغا كەلتۈرگەن زىيىنى پۈتكۈل ۋېيىتنام ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئايرۇپىلان بىلەن بومباردىمان قىلىپ كەلتۈرگەن زىيىنىدىن ئېشىپ كەتكەن.

پۈتكۈل يەرشارىنىڭ ئللىپ كىتىشى بەزى مەملىكەتلەرنىڭ ھاۋارايى قورالىنى تەتقىق قىلىشىنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرمەكتە

بەزى مۇتەخەسىسىلەر ھاۋارايىنىڭ ئۆزگىرىشى بەزى مەملىكەتلەرنىڭ تىرىكچىلىك قىلىش مۇھىتىنى كۈندىن- كۈنىگە خارابلاشتۇرۇپ، ئۇلارنى سۇ ۋە بەزى قايتا پەيدا بولمايدىغان تەبىئىي بايلىقلارنى ئۆ ئارا تالىشىپ ئۇرۇش قىلىش ۋە قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىشقا يۈزلەندۈردى، دەپ كۆرسەتتى. ئامېرىكىنىڭ بۇرۇنقى قۇرۇقلۇق ئارمىيە قوماندانى شاليۋىن پۈتكۈل يەر شارىنىڭ ئىللىپ كېتىش ھادىسىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئۇرۇش تەييارلىقىغا ئېغىر دەرىجىدە خىرىس شەكىللەندۈر- ىدىغانلىقىغا تامامەن ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەلقىئارادىكى بەزى ئاخبارات ۋاستىللىرى ۋە مۇتەخەسىسىلەرمۇ ئامېرىكا ھەربىي تەرەپدەرلىرىنىڭ مۇنداق ئەھۋالغا نىسبەتەن پائال تاقابىل تۇرۇش تەدبىرى قوللىنىپ، بىرتەرەپتىن بۇخىرىسنىڭ زىيىنىنى يوقتىشنى مۇقامدا تەشۋىق قىلىۋاتقانلىقى، يەنە بىر تەرەپتىن ھاۋارايى ئامىلىدن قانداق قىلىپ پايدىلىنىشنى تەتقىق قىلىشقا كۆڭۈل بۆلۈپ، بىرنەچچە 10 يىل مەخپىي ساقلانغان ھاۋارايى قورالىنى ئېچىپ راۋاجلاندۇرۇش پىلانىنى تىزلىتىۋاتقانلىقى ئىسپاتلاندى.

يەنە « ۋاشىنگىتون پوچتا گېزىتى »، « نىيو يورىك ۋاقىت گېزىتى» نىڭ ئاشكارلىشىچە، ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئۇرۇش ئىنىستوتى 2007- يىلى 3- ئايدا « پۈتكۈل يەرشارى ھاۋارايى ئۆزگرىشىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىگە بولغان تەسىرى» ناملىق ئىككى كۈنلۈك مۇھاكىمە يىغىنىنى ئۆتكۈزگەن، 16- كۈنى ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى سالاھىيەتكە ئىگە، قۇشۇندىن چىكىنگەن 11 نەپەر ئەمەلدارى بىر دوكلات ئېلان قىلىپ، پۈتكۈل يەرشارىنىڭ ئىللىپ ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زور خىرىس شەكىللەندۈرگەنلىكىنى، ھەربىي تەرەپدارلارنىڭ بۇ تەھدىتگە دەرھال تەدبىر قوللىنىشنىڭ زۈرۈر ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

ھاۋارايى ئۇرۇشى رىئال تەھدىتكە ئايلانماقتا

بەزى مۇتەخەسسىلەر، ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ پۈتكۈل يەرشارىىنىڭ ئىللىپ كىتىشىدىن ئەنسىرشى كىچىك ئىشنى چوڭ قىلىۋەتكەنلىك، چۈنكى ئۇنىڭ ھاۋارايى مۇھىتىغا تەسىر كۆرسىتىشى ۋە ئۆزگەرتىش تېخنىكىسغا ئىگە بولغىنىمىزغا يېرىم ئەسىردىن ئاشتى، دەپ كۆرسەتتى، ئامېرىكا ئالىمى جونسون فېڭ نويمان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى بىلەن بىرلىكتە، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 40- يىللىرىنىڭ ئاخرىدىن باشلاپلا ھاۋاراينى ئۆزگەرتىش تەتقىقاتىنى ئېلىپ باردى. ھەمدە « تەسەۋۋۇر قىلىش تەس بولغان ھاۋارايى ئۇرۇشى شەكلى» نى ئالدىن تىلغا ئالدى. ئەنگلىيىنىڭ « فۇكۇس» ژۇرنىلىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، 20- ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىددىن بۇيان ئامېرىكا ئارمىيىسى پۈتۈن دۇنيادىكى1000 ئارتۇق ئايرىدۇرۇمنىڭ ھاۋا رايىغا ئائىت مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللارنى توپلاپ رەتلىگەن ھەمدە قەرەللىك ھالدا تۈرتىپ تۇرغان، ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئىلگىرى- كىيىن بۇلۇپ مەبلەغ سالغان ھاۋارايى تەتقىقات تۈرلىرى، يەر تەۋرەشنى پەيدا قىلدىغان « ئالگوس پىلانى»، چاقماق توكنى پەيدا قىلىدىغان « چاقماق يانغىن پىلانى» ۋە بوران ئەتىراپىدا دەشھەتلىك سۈنئىي يامغۇر ياغدۇرۇپ، بوراننىڭ يۆلىنىشىنى ئۆزگەرتىدىغان « بورن- چاپقۇن پىلانى»قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

ئۇنىڭدىن باشقا، ئاخبارات ۋاستىللىرىنىڭ ئاشكارلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ ھاۋا ئارمىيسى ۋە دېڭىز ئارمىيىسى مەبلەغ ئاجىرىتىپ ئامېرىكىنىڭ ئالياسكا يېرىم ئارىلىدىكى جاكىنادا « يۇقىرى چاستوتا مەنبەلىك قۇتۇپ تەتقىقاتى پىلانى» (HAARP) سىناق بازىسىنى قورغان. جاكىنادىكى پايانسىز قاقاسلىقتا سانسىزلىغان ئانتىنا ئاسمان پەلەككە يەتكەن، ئېگىزلىكى بىر نەچچە 10 مىتىر كېلىدىغان 180 ئانتىنا بۇلۇپ، 13گېكتار يەرنى ئىگىلىگەن ۋە ھەيۋەتلىك مىتال رىشاتكىسىنى شەكىللەندۈرگەن. بۇ بازا قاتتىق كوتىرول قىلىنىدىغان بۇلۇپ، ئاسماندىن ھەتتا خەلق ئايرۇپىلانلىرىنىڭ ئۇچۇپ ئۆتىشىگىمۇ يول قۇيۇلمايدىكەن. 11- سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كىيىن بۇ بازىنىڭ ئەتىراپىدا « ۋەتەن پەرۋەر» يۆلىنىشلىك بومبا سېستىمىسى ئورنىتىلغان. ئىگىلىنىشكە قارىغاندا، HAARP ئامېرىكىنىڭ ئىستىراتىگىيىلىك مۇداپىئە پىلانىنىڭ تەركىبى قىسمى ئىكەن. ھەربىي نۇقتىدىن قارىغاندا HAARP زور كۆلەمدىكى قىرغىنچىلىق خاركتىرىدىكى قورالدىن ئىبارەت بۇلۇپ، ھاۋا رايىنى ئۆزگەرتىپ، پۈتكۈل يەرشارى يېزا ئىگىلىكى ۋە ئىكولوگىيىلىك سېستىمىسنى بۇزىۋىتەلەيدىكەن. ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ بىر ماقالىسىدە، ھاۋا رايىنى ئۆزگەرتىشىنىڭ تەسەر كۆرسسىتىش دائىرسى سۇ تاشقىنى، دەشھەتلىك بوران، قۇرغاقچىلىق ۋە يەرتەۋرەش قاتارلىقلارنى پەيدا قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھاۋا رايىنى ئۆزگەرتىش دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىشتىكى بىرخىل ۋاستە. ئۇ ئارقىلىق ھۇقۇم قىلىشقا ياكى ئۆزىنى قوغداشقا بولىدۇ. سۇنئىي كىلىمات پەيدا قىلىش- بىرخىل ھەربىي پەن- ېخنىكىلىق ۋاستە ھىسابلىنىدۇ، دەپ كۆر سەتكەن.

ھالبۇكى، ئىش ئۇلارنىڭ ئويلىغىنىدەك بولمىدى. 1997-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىدا خەلقئارالىق توختامغا قول قۇيۇپ، كەڭ كۆلەمدە ئۇزاق مۇددەتلىك، ئېغىر كىلىمات ئۆزگەرتىشنى پەيدا قىلىدىغان ھەربىي ۋاستىلار ياكى باشقا ۋەھىمىلىك ۋاستىلەرنى قوللىنىش مەنئىي قىلىندى. ھەمدە مۇھىتنى ئۆزگەرتىدىغان ۋاستىلەر يەرئۈستى ھالىتى، تەركىبىي مىقدارى ۋە تۈزلۈشنى ئۆزگەرتىدىغان ھەرقانداق ۋاستىلەرنى كۆرسىتىدۇ، دەپ بەلگىلەندى. 1977- يىلىدىكى توختام 1992 يىلى « ب د ت كىلىمات ئۆزگىرىشنىڭ رامكىسى ئەھدىنامىسى» دا يەنە بىرقېتىم جەزىملەشتۈرۈلدى. كىلىمات ئۆزگەرتىشنى ھەربىي مەقسەت ئۈچۈن مۇھاكىمە قىلىش ئىلىم- پەندىكى مەنئىي قىلىندىغان مەز مۇن قىلىندى.

شۇ سەۋەبتىن، ئامېرىكا سىرىتقا نىسبەتەن HAARP نى ئىئونلۇق قاتلىمىنىڭ تىمپىراتۇرسىدا قىسمەن ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدىغان فىزىكىلىق رىئاكسىيە تەتقىقاتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى دىيىشكە مەجبۇر بولدى. لىكىن، بەزى مۇتەخەسسىلەر HAARP خۇددى زور ئىسسىتىش ئاپاراتىغا ئوخشاش ئاتمىسفرانىڭ ئىئونلۇق قاتلىمىدا غايەت زور ئۆزگىرىش پەيدا قىلالىشى مۇمكىن دەپ كۆرسەتتى. روسىيە ئالىملىرى مىتال شاتكىسى ئەمەلىيەتتە ھاۋارايى قورالىدىن ئىبارەت. بۇ يۇقىرى چاستوتىلىق ئىلىكتىر ماگىنىت دولقۇنى تارقىتىش قۇرۇلمىسى ئاتمۇسفىرادىكى زەرىچىلەرنى لېنزا ياكى فۇكۇسلاندۇرۇش قۇرۇلمىسىغا ئايلاندۇرۇپ، ئاتمۇسفىرانىڭ تىمپىراتۇرسى ۋە زىچلىقىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ئاخىرقى ھىسابتا كىلىمات ئۆزگىرىشنى پەيدا قىلىدۇ، دەپ كۆرسەتتى. يەنە روسىيە دۆلەت دۇماسىنىڭ بىر دوكىلاتىدا، ئامېرىكا HAARP ئارقىلىق چوڭ كۆلەمدە تەجىربە قىلىپ، رادىئو، ئالام كېمىسى ۋە راكىتاغا ئىشلىتىلىغان ئۈسكۈنلەرنىڭ سىگىنالىنى ئۈزىۋىتەلەيدىغان ئىقتىدار ھازىرلاپ، ئېلىكتىر ئېنىرگىيىسى يەتكۈزۈلىدىغان تور لىنيىسى ۋە نىفىت، گاز يەتكۈزۈلىدىغان تۇربىلاردا ئېغىر ۋەقە پەيدا قىلىپ تەسىرگە ئۇچىرغان رايۇندىكى خەلق ئامىسىنىڭ ساغلاملىقىغا سەلبىي تەسىر كۆرسەتمەكچى، دەپ كۆرسىتىلدى.

بۇلار ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ كەلگۈسىدە كىلىمات ئۆزگەرگەن مۇھىتتا ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغانلىقىنى، ھەتتا ھاۋارايى قاتارلىق ئامىللارنى « قورال »غا ئايلاندۇرۇشتەك ئىقتىدارغا ئىگە بولغانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىدۇ.



بىلىم-كۈچ ژورنىلى


دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2274
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 217
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە217دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 2225 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-24
ئاخىرقى: 2011-10-14

نەدىكى  ئىشلىنى  قىلىدىغان  خەقتە  بۇ .....
دوستلىشىش
xapkat0999
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5100
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 160
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە160دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 1647 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-22
ئاخىرقى: 2011-10-20
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-01-20 20:16

نىمە  بۇپ كەتى  ئەمدى ،  قىمايدىغان ئىشى  يۇقكە.  
قاراقاش
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2872
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1258
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1258دانە
ئۆسۈش: 19820 %
مۇنبەر پۇلى: 26398 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-11
ئاخىرقى: 2011-10-09
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-01-20 23:10

يالغان.....
ۋەتەندۇر بەخىت ،ۋەتەندۇر تەخىت .
ۋەتەنسىز ئامىتىڭ مازغاپ.
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 731
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 334
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە334دانە
ئۆسۈش: 330 %
مۇنبەر پۇلى: 3610 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-07-27
ئاخىرقى: 2011-09-26
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-01-21 21:40

بۇ زادى نېمىش ئەمدى؟
دوستلىشىش
samanyoli
ھەربىر قىيىنچىلىقنىڭ  كەينىدە بىر ئاسانچىل ..
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5487
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1230
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1230دانە
ئۆسۈش: 5590 %
مۇنبەر پۇلى: 16284 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-05
ئاخىرقى: 2011-10-20
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-01-22 23:09

قىسمەن نۇقتىدىن تەسىر كۆرسىتىشكە بولا ....ئەمما بۇگەپلەر تولىسى قۇرۇق ئاخبارات ۋەھىمىسى پەيدا قىلىشتىن ئىبارەت         
ھەر بىر قىيىنچىلىقنىڭ كەينىدە بىر ئاسانچىلىق  بار