بۇدۇنيادا بار ئىكەن نەچچە خىل بالا،
تاش سىياقى ئادەمدەك نىيىتى قارا.
ئاتا-ئانىسىنىڭ يۈرىكىنى قىلىدۇ يارا،
ئۇلار قىلغاننى قىلمايدۇ ھەتتا ئات كالا.
نىمىشقىمۇ تۇغۇلغاندۇ ئاشۇنداق بالا.
ئاتا-ئانىسى گەپ قىلسا قاپىقىنى تۈرەر،
بۇ يەردە چاقىرۋاتسا ئۇيەردە يۈرەر.
خىجىل بولماي ئاتا-ئانىسىغا تىل دەشنام بېرەر،
ھاي دىسە تۈپۈك چىچىپ مۇشتىنى تۈرەر.
پەيدا بولدى بۈگۈنكى كۈندە مۇشۇنداق بالا.
بەزىلەر يۈرۈيدۇ ھايۋان سىياقتا،
كۈن بويى ھاراق مەي ئىچىپ قاۋاقتا.
قۇسۇپ ياتىدۇ سېسېق يالاقتا،
بىلمەيدۇ تۇرالغۇ ئۆيى قاياقتا.
ئۆسۈپ چىقتى مانا شۇنداق ھاياسىز بالا.
بەزىلەر پۇل تاپسا ئوينايدۇ قىمار،
ۋە ياكى نەشىگە بولىدۇ خۇمار.
ھارام ئىشقا پۇل خەجلەشكە ئۇنار،
دادىسى پۇل دىسە بەرمەيدۇ زىنھار.
بار ئىكەن جاھاندا شۇنداقمۇ بالا.
بەزىلەر كۈيىدۇ ئۆزىنىڭ بالىسىغا،
كۆيمەيدۇ چوڭ قىلغان ئاتا-ئانىسىغا.
ئوخشايدۇ قىلمىشى ھايۋان بالىسىغا،
تۇغقاندۇ ئۇلارنى ئانا نىمىشقا.
كۆپ ھازىر مۇشۇنداق ۋاپاسىز بالا.
بەزىلەرگە سۆزلىسەگەر ئاتا ۋە ئانا،
پۇشۇلدايدۇ زۇۋان سۈرمەي بەئەينى كالا.
ئۆسۈپ چىقتى بۈگۈنكى كۈندە مۇشۇنداق بالا،
ئۇنداقتا خەق بالا بېقىپ نىمىمۇ قىلار.
ئۆتنە ئالەم ئۆتنىسىنى بالىسىدىن ئالا.
ۋە بەزىلەر ئۇلۇغ دەيدۇ ئانا ۋە دادا،
ئۆلۈپ كەتسە دۇئا تەگبىر قىلمايدۇ ئادا.
قەبرى بېشىدا ئەئۇزۇدىن چىقمايدۇ سادا،
يائۇلانى تاپقانمىدۇ ھاڭگۇ ۋە مادا.
پەيدا بولدى مانا شۇنداق بىۋاپا بالا.
يوق دەيدۇ ئۇ ئاتا-ئانىدىن ئۇلۇغ چوڭ مازا،
ئەمما ئۇلار ۋاپات تاپسا ئوينايدۇ بازا.
يوقلىمايدۇ قەبرىسىنى تۇتمايدۇ ھازا،
كەلمەيدىغاندەك ئۆزىگە بۇ كۈن-بۇ قازا.
بار ئىكەن مانا شۇنداق ئەقىلسىز بالا.
دەيدۇ تېخى قەدىردانىم ئانا ۋە دادا،
لېكىن ئۇلارنىڭ ھەققىنى قىلمايدۇ ئادا.
نەسىھەت قىلسا ھالىغا بويلىماس خادا،
ئىنساپ بەرگىن ئۇلارغا ياراتقان خۇدا.
ھىدايەت تېپىپ ئوڭشالسۇن شۇ ئازغۇن بالا.
مانا بۇلار ئاتا-ئانىنىڭ ھەسرەتلىك سۆزى،
بىزدىن زارلاپ ياشقا تولدى ئۇلارنىڭ كۆزى.
كۈيەنمىدۇق بولۇپ تۇرۇپ بىز ئوغۇل قىزى،
يازدىم شۇڭا قىزارسۇن دەپ دوستلانىڭ يۈزى.
ئويلاپ قويۇڭ بۇ ئىشلارنى چوڭ-كىچىك بالا.
‹‹ز ب ››