باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 906 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: شىنجاڭنىڭ قاتتىق پوستىلىق مېۋە بازىرىغا تەكىلىپ
دوستلىشىش
gayrat828
قوللىرىنى شىلتىپ، بولۇپمۇ بىگىز بارمىقىنى تەڭلە ..
دەرىجە: كۇلۇب باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 8
ئومۇمىي يازما: 385
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە385دانە
ئۆسۈش: 10590 %
مۇنبەر پۇلى: 11150 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-18
ئاخىرقى: 2011-10-19
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-01-19 17:26

شىنجاڭنىڭ قاتتىق پوستىلىق مېۋە بازىرىغا تەكىلىپ




 
ھۆكۆمەت شىنجاڭنىڭ قاتتىق پوستىلىق مېۋە بازىرىنى ئېچىشقا ياردەم بەرسە ......
ئۆز خەۋىرىمىز ؛
بادام ۋە پىستە '' دۇنيادىكى تۆت قاتتىق پوستىلىق مېۋە '' قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن بولوپ ،ئىنتايىن يۇقۇرى خەلىقئارا بازار قىممىتىگە ئېگە . شىنجاڭ مەملىكەت بويىچە بادام ، پىستە چىقىدىغان بىردىن -بىر رايۇن بولسىمۇ ،ئەمما دۆلەت ئىچى بازارلىرىدا سېتىلىۋاتقان بادام ۋە پىستىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئامېرىكىدىن كىرگۈزۈلگەن .
''3-مىزان '' ئىلمىي جەمىيىتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىغاندا ،خەلىقئارا بازاردا ھەر بىر توننا بادامنىڭ باھاسى 34مىڭ يۈۋەندىن 50مىڭ يۈۋەنگىچە ، ھەر توننا پىستىنى باھاسى 61مىڭ يۈۋەندىن 80مىڭ يۈەۋنگىچە ئىكەن . دۆلىتىمىز يىلىغا 10توننا بادام ،29مىڭ توننا پىستە ئىمپورىت قىلىدىكەن ، ئىمپورىت مىقدارى دۇنيا سودا مقدارىنىڭ 12% نى ئىگەللەيدىكەن . دۆلىتىمىز بۇ ئىككى خىل مېۋىنى ئەڭ كۆپ ئىمپورت قىلىدىغان دۆلەت بولوپ ،سودا سوممىسى 2 مىليارد 313 مىليۇن يۈۋەنگە يېتىدىكەن .


''3-مىزان'' ئىلمىي جەمىيىتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلوق كومىتېتى مۇنۇلارنى بىلدۈردى ؛ '' ئاپتونوم رايونىمىز قاتتىق پوستىلىق مېۋىچلىك تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ ، شىنجاڭنىڭ قاتتىق پستىلىق مېۋىلىرىنى سىرىتقا يۈزلەندۈرۈپ ، بۇ ساھەدىكى بازارنى ئېگەللەش كېرەك ''.
ھازىرقى ئەھۋال ؛
بادام ئاساسلىق قەشقەر ۋىلايىتىدىكى يەتتە ناھيە ،شەھەرگە تارقالغان بولوپ ، بادامزارلىق كۈلىمى 600مىڭ مو (بۇنىڭ ئىچىدە مېۋىگە كىرگىنى 200مىڭ مو ،مېۋىگە كىرمىگىنى 400مىڭ مو ) بولوپ ،يىلىغا 5000توننىدىن 7000توننىغىچە بادام چىقىدۇ ، پىستە ئاساسلىقى ،قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ كوناشەھەر ،يەكە قاتارلىق ناھيەلىرىدىن چىقىدۇ . پىستەزارلىق كۈلىمى 300 موغا (بۇنىڭ ئىچىدە مېۋىگە كىرگىنى 50 مو )يىتىدۇ .


تەكلىپ ؛
''3-مىزان'' ئىلمىي جەمىيىتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلوق كومىتېتى مۇنداق تەكلىپ بەردى ؛
'' بادامنىڭ بايلىق ئۈستۈنلىكى ئىقتىسادى ئۈستۈنلۈككە ئايلاندۇرۇلسا ؛ ئىشلەپچقرىش ۋە سېتىشتىكى باشلامچى كارخانىلار تەشكىلاتى قۇرۇلسا ؛ ھۆكۆمەت بادام ،پىستە ئىشلەپچىقىرىدىغان دېھقانلار ،ئورمانچىلىق مەيدانى ،پىششىقلاش كارخانىسى ،سېتىش شىركىتى قاتارلىقلار بىر گەۋدىلەشكەن باشلامچى كارخانىلارنى تەشكىللەپ ، پايدىنى مۇۋاپىق تەقسىملەپ ، ئىشلەپچىقىرىش زەنجىرىنى ئۇزارىتسا .


داڭلىق ماركىلىق مەھسۇلاتلارنى بارلىققا كەلتۈرۈش ، داڭلىق ماركىلىق مەھسۇلاتلارنىڭ ئىقتىسادى ئۈستۈنلىكىنى جارى قىلدۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلسا ، داڭلىق ماركىلىق يېشىل مەھسۇلاتلارنى رويىخەتكە ئالدۇرۇپ ، سورتلۇق مەھسۇلاتلار ئۈستۈنلىكىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ ، بازار رىقابەت كۈچى كۈچەيتىلسە .
ئۇنىڭدىن باشقا ،پىستە ئىشلەپچىقىرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ ،پىستە ئۆستۈرۈشتە يېڭىلىق يارىتىلسا ، يەنى 12- بەش يىللىق يىرىك پىلان مەزگىلىدە پىستەزارلىق كۈلىمىنى 200 مىڭ موغا يەتكۈزۈپ ،ئىلمىي يىتەكىلىك قىلىپ ،پىستە يېتىشتۈرۈش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىلسا .
ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى .

قېنى سىزمۇ تەكلىپ -پىكىرلىرىڭىز بولسا سۆزلەپ بېقىڭ ...
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2450
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 388
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە388دانە
ئۆسۈش: 890 %
مۇنبەر پۇلى: 4527 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-28
ئاخىرقى: 2011-07-27

كەڭساي ئەپەندى تېمىغا مۇناسىۋەتسىز گەپ قىلسام خاپا بولماڭلار. ماۋۇ مۇنبەرنىڭ لايھەلىنىشى بۇرۇنقىدىن كۆپ ناچار بوپقاپتۇ، مۇنازىرە مۇنبىرىنىڭ دائرسى كىچىگلەپ كېتىپتۇ، مۇنبەرنىڭ خەتلىرىمۇ چىمىلىدەك كىچىگلەپ كېتىپتۇ، كۆزئەينەك تاقىسىمۇ تەستە كۆرنىدىكەن. كەڭساينىڭ  باشقا مۇنبەرلەرگە قارىغاندا خەتلىرى ئوچۇق ۋە چوڭ ئىدى،  مۇشۇنى بىر ئويلۇشۇپ باقساڭلار. بۇ شەخسى كۆز قاراش.
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5106
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 10
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە10دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 100 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-22
ئاخىرقى: 2011-02-27
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-01-20 23:08

قۇرۇق مىۋە بازىرى دىسەكلا  بولمىدىمۇ