باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 2173 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: يېشىل تور كۆرگۈچ GreenBrowser نى ئىشلىتىi
تىرىشقان ئۇزار!
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2882
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 53
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە53دانە
ئۆسۈش: 240 %
مۇنبەر پۇلى: 700 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-11
ئاخىرقى: 2012-03-21
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-01-18 17:00

يېشىل تور كۆرگۈچ GreenBrowser نى ئىشلىتىi

بۇ دىتال تور بېكەتتىكى ھۆججەتلەرنى تەھلىل قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، ئاۋازلىق ، رەسىملەر ھۆججەتلەرنى ۋە فىلەش ھۆججەتلەرنى ئايرىپ بېرەلەيدۇ. سىز بىرەر تور بېكەتكە كىرىپ ياقتۇرغان مۇزىكا ياكى ناخشىنى چۈشۈرەلمەي بېشىڭىز قېتىۋاتامدۇ قېنى بۇ دىتالنى چۈشۈرۈپ ئىشلىتىپ بېقىڭ.
دىتال نامى: GreenBrowser
چۈشۈرۈش ئادرىسى: http://www.onlinedown.net/soft/1781.htm

دىتالنى چۈشۈرۈپ پىرىستىن يېشىپلا ئىشلىتىشكە بولىدۇ. بۇ تور كۆرگۈچنى قوزغاتقاندىن كېيىن بىز خالىغان بىر تور بېكەتنى كىرگۈزىمىز. نۆۋەتتىكى تېمىمىزدا ئۆزىمىزنىڭ كەڭساي تور بېكىتىنى مىسالغا ئالايلى. باش بەتتىكى يېقىملىق مۇزىكىنى چۈشۈرۈپ ساقلىغىڭىز بارمۇ؟
ئەمىسە بىرلىكتە بۇ مەشغۇلاتنى قىلايلى. ئالدى بىلەن تور بېكەتنى ئاچايلى ئاندىن GreenBrowser ۋەزىپە سىتونىدىن تور بېكەت تەھلىل تاللانمىسىنى تاللايمىز. تۆۋەندىكى مەشغۇلات تەرتىۋىگە قاراڭ :
工具-扩展工具栏-view page 页面分析

يۇقارقى رەسىمدە بېرىلگەندەك مەشغۇلات قىلىڭ.
مەشغۇلاتىڭىز توغرا بولسا view page كۆزنىكىدىن يەنە بىرى ئېچىلىدۇ . ئاندىن شۇ بەت يۈزىدىن 媒体 نى تاللىسىڭىز سىز چۈشۈرمەكچى بولغان ناخشا مۇزىكىنىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسى كۆرىنىدۇ.

يۇقارقى رەسىمدىكىدەك مەشغۇلات قىلىڭ.
ئەگەر يۇقۇرىدا رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك مەشغۇلات قىلالىغان بولسىڭىز بۇ دىتالنى ئىشلىتىشنى ئۆگىنىپ بولغان بولسىز.
بۇ دىتال مۇشۇنىڭدەك ناخشا مۇزىكا ھۆججەتلىرىدىن باشقا يەنە كۆچۈرۈش ئىقتىدارى چەكلەنگەن رەسىم، فىلەش قاتارلىقلارنىمۇ بىمالال سىزگە تەھلىللەپ ئايرىپ بېرىدۇ. قېنى سىناب بېقىڭ.
مەزكۇر دىتال بىر قىسىم تور بېكەتلەرنىڭ ھوقۇق مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىش ئېھمتىماللىقى بولغانلىقى ئۈچۈن، بىر قىسىم چوڭ تور بېكەتلەر بۇ دىتالغا قارىتا توسۇش ئىقتىدارى قوشۇۋەتكەن شۇڭا بۇ خىل تور بېكەتلەردە بەلكىم بۇ يېشىل ئوغرىنى ئىشلىتەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن، ئەمما بۇنداق ئەھۋال كۆپ ئەمەس. شۇڭا بۇ تور كۆرگۈچنىڭمۇ يىڭى نەشرىگە داۋاملىق دىققەت قىلىڭ.
ئەسكەرتىش: دىتالنى ئۆگىنىش ۋە ئورتاق پايدىلىنىش يولىدا ئىشلىتىڭ. باشقىلارنىڭ شەخسىيىتىگە ياكى ئاپتورلۇق ھوقۇقىغا دەخلى يىتىدىغان تور بېكىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش مەقسەتلىرىدە ئىشلەتمەڭ، كېلىپ چىققان ئاقىۋەتكە مەن ۋە كەڭساي مۇنبىرى مەسئۇل بولمايدۇ.

ئېھتىرام بىلەن : قەلبداش
دوستلىشىش
ئاقئۇستەڭ
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7868
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە1دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 10 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-06-13
ئاخىرقى: 2011-06-14
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-06-13 22:50

مەنمۇ چۇشۇرۋالدىم بىراق http://www.podcastdirectory.com/podcasts/5183ماۋۇ ئادرىستىكى ناخشىلانى پەقەت چۇشۇرەلمىدىم