باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1175 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: تاماكا،ھاراق،نېشە ئىستىمالچىلىرىغا(ھەمزە)
ھەق گەپ ئاچچىق بولسىمۇ ھەق سۆزلىگىن
دەرىجە: سەھىپە مەسئۇلى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 65
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 13
ئومۇمىي يازما: 1676
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1676دانە
ئۆسۈش: 5125 %
مۇنبەر پۇلى: 19322 سوم
تۆھپىسى: 29 كىشى
ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-05-31
ئاخىرقى: 2011-06-30
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-01-18 11:00

تاماكا،ھاراق،نېشە ئىستىمالچىلىرىغا(ھەمزە)

نەشە،تاماكا،ھاراقنىڭ ھۇكمى(ھەمزە)
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
بۇ توغۇرلۇق بىر تورداش سۇئال سورغانىكەن. مەن مۇنبەرگەئەزا بولمىغان مىھمانلارنىڭمۇ بۇنى بىلۋېلىشى ئۇچۇن تىما شەكىلدە يازدىم.
ئەسساللاممۇ-ئەلەيكۇم ئەزىز قېرىنداشلار !
ھاراق-تاماكنى ئىچىش ياكى چېكىش دىنىمىزدا قەتئى چەكلەنگەن ئىش، شۇڭا ئۇستىلىرىمىزنىڭ مۇشۇ ئۈستىدە ئىككى كەلىمە سۆزلىشىنى ئۈمد قىلىمەن!ھاراق-تاماكنى ئىچىش ياكى چېكىش قانداق گۇناھ؟نىشە چېكىشچۇ؟



ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام.
ھاراق ئىچىش چوڭ گۇناھلار قاتارىدىن. ئاللاھ ھاراق ئىچمەسلىك توغرىسىدا مۆئىمىنلەرگە خىتاب قىلىپ مۇنداق دىگەن{ئى مۆمىنلەر! ھاراق ئىچىش، قىمار ئويناش، بۇتلار (يەنى چوقۇنۇش ئۈچۈن تىكلەنگەن تاشلار) غا چوقۇنۇش، پال ئوقلىرى بىلەن پال سېلىش شەيتاننىڭ ئىشى، پاسكىنا قىلىقلاردۇر، بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن شەيتاننىڭ ئىشىدىن يىراق بولۇڭلار} (سۈرە مائىد 90.ئايەت)
پەيغەمبىرىمىزمۇ بۇتوغۇرلۇق ھاراق ئىچكۇچى بۇتقا ئىبادەت قىلغۇچىغا ئوخشاش دىگەن، يەنە پەيغەمبىرىمىز مۇنداق دىگەن:ھاراق ھەممە گۇناھنىڭ ئانىسىدۇر.يەنە بىر يەردە ھاراق ئىچكۇچى قۇرسىقىدا ھاراقنىڭ ھىدى ياكى قۇۋۋىتى(قايسى سۆز ئىكەنلىكى ئىنىق ئىسىمدە يوق) بار تۇرۇپ ئۈلۈپ كەتسە دەۋزەخكە كىرىدۇ دىگەن.
ھاراقنى چەكلەش توغۇرلۇق نۇرغۇنلىغان ھەدىس بار.يۇقارقى ئايەت ۋە ھەدىسلەر ھاراقنىڭ بارلىق زىيانلىرىغا كۇپايە.
تاما چىكىشمۇ ھەممە كىشىگە زىيانلىق بولغانلىقى ئۇچۇن شەرىئەت بۇنىمۇ چەكلىگەن. ئاللاھ قۇرئاندا مۇنداق دىگەن {ئۆزەڭلارنى ھالاكەتكە تاشلىماڭلار، } سۇرە بەقەر 195.ئايەتنىڭ بىرقىسمى

يەنە ئاللاھ قۇرئاندا{ئى مۆئمىنلەر! سىلەر بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن ھالال،پاكىز نەرسىلەردىن يەڭلار}دىگەن.

تاماكا چەككەن ئادەمنىڭ دىلى قارداپ كىتىدۇ. ئەللاھ بۇيرىغان ئىشلارنى قىلىشتا سوسلۇق قىلىشقا باشلايدۇ.تەدىرجى ئاللاھقا ئاسى بۇلىدىغان بىر بەدبەخت بەندىگە ئايلىنىپ قالىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا تاماكىنىڭ جەمىيەتكە ۋە شەخىسكە بولغان زىينى كۆپ بولغانلىقى ئۇچۇن تاماكا ھارام قىلىپ بىكىتىلگەن. دۇنيا سەھىيە ئۇرۇنلىرىمۇ ھەر بەش سىكونتتا بىر ئادەمنىڭ تاماكا چىكىش سەۋەبىدىن ئۈلۈپ كىتىدىغانلىقىنى ئىلان قىلماقتا.تاماكا يەردىن ئۇنىدىغان نەرسە. ئۇنى ئاللاھ ھالال ياراتقان. ئەمما كىشىلەر ھەددىدىن ئېشىپ ئۇنى ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ ئۆزىنى تۇگەشتۇرىدىغان ئۇسۇلدا ئىشلىتىۋاتىدۇ، تاماكا چەككەن ئادەم بىلەن تاماكا چەكمەيدىغان ئادەمنىڭ ئۆمۈر كۇرشىدە زور پەرق بار.سەھىيە ئالىملىرى تاماكا چىكىدىغان ئادەمنىڭ ئۆمرى ، تاماكا چەكمەيدىغان ئادەمنىڭ ئۆمرىدىن ئوتتۇر ھىساب بىلەن 20يىل قىسقا بۇلىدىغانلىقىنى تەتقىق قىلىپ چىقارغان.يەنە ئۇنىڭدىن باشقا تاماكا چىكىش ئۆپكە جېخىر،راك،يۈرەك زەئىپلىشىش،نەپسى سىقىلىش،جىگەر راكى قاتارلىق كىسەللەرگە سەۋەب بۇلىدۇ.تاماكا چەككەن ئادەم ئازراق ھەركەت قىلسىلا ھاسىراپ قالىدۇ.ھەرجەھەتتە تاماكا چەكمەيدىغان ئادەمدىن ئاجىز بۇلىدۇ. بۇلار بولسا تاماكنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان زىيىنىنىڭ بىر قىسمى.ئۇنىڭدىن باشقا ئىقتىسادى تەرەپلەردىنمۇ زىينى ئىنتايىن چوڭ.بىر ئادەم كۇنلىكى ئەڭ ئاز دىگەندىمۇ بەش تال تاماكا چەكسە (بىر قاپنىڭ ئىچىدىن قانچە تاماكا چىقىدىغانلىقىنى بىلمەيدىكەنمە. تەخمىنەن 20 دەيلى)4 كۇندە بىر قاپ تاماكا چىكىدۇ. بىر قاپ تاماكا ئەزان بولغاندا 8كوي بولسا يىلىغا 750كوي پۇلنى تۇتۇن قىلىپ چىقىرۋېتىدۇ.بىر ئادەم 20يىل تاماكا چەككەن بولسا 15000كويلۇق تاماكا چەككەن بۇلىدۇ.(بۇ ئەڭ ئەرزان ھىسابلاش) بۇ پۇل ھازىرقى جەمىيتىمىزدە ئاز پۇل ئەمەس.بۇ پۇل بىلەن نۇرغۇنلىغان ياخشى ئىشلارنى قىلغىلى بۇلىدۇ.بۇ پۇل بىلەن بىر تىجارەتنىڭ بېشىنى تۇتقىلى بۇلىدۇ.بەزى ئادەملەرنى كۇنىگە بىر قاپ تاماكا چىكىدۇ دەپ ئاڭلىغانمەن.بۇنداق بولغاندا ئۇ پۇل تېخىمۇ كۆپىيىدۇ.تاماكا چىكىش سەۋەبلىك ئوت كىتىش ئەھۋالىمۇ بىر قەدەر ئېغىر.بۇلار بولسا تاماكانىڭ ئىقتىسادىي زىيىنى.

يەنە ئۇنىڭدىن باشقا تاماكا چەككەن ئادەمدىن چىقىدىغان سېسىق پۇراقمۇ چوڭ بىر زىيان. تاماكا چەككەن كىشىدىن يېقىنلىرى،خوتۇن،بالا-چاقىلىرى،ئەل-جامائەت ھەممىسى بىزار بۇلىدۇ. ئۇنىڭدىن چىققان سېسىق پۇراق پەرىشتىلەرنىمۇ يىرگەندۈرىدۇ. بۇخارىينىڭ بىر ھەدىسىدە رەسۇلۇللە مۇنداق دىگەن«بىزنىڭ مەسچىتىمىزگە كۈدە،سامساق يىگەن ئادەم كىرمىسۇن»يەنە ئۇنىڭدىن باشقا 2.خەلىفە ئۈمەر  ئىبنى خەتتاب بىر كىشىنى سامساق يەپ مەسچىتكە كىرگەنلىكى سەۋەبىدىن مەسچىتتىن بەقىئ قەبرىستانلىقىغىچە قوغلاپ چىقىرۋەتكەن.(بۇ سامساق،پىياز،كۈدەقاتارلىق نەرسىلەرنى خام يىگۈچىگە قارتىلغان. پىشۇرۇپ پۇرقىنى ئۆلتۇرۇپ يىسە چاتاق يوق) ئاللاھ بۇ ئۈسۈملۈكلەرنى ھالال ياراتقان تۇرسا نىمىشقا ئۇنى يىگەنلەر مەسچىتكە كىرىشتىن تۇسىلىدۇ؟

بۇنىڭدىكى سەۋەب شۇكى سامساق كۈدە (يەنە بىر رىۋايەتلەردە پىياز نىمۇ تېلغا ئالغان) يىگەن ئادەملەردىن بىر خېل سېسىر پۇراق چىقىدۇ. ھەممىمىزگىمۇ ئايان سامساق يىگەن ئادەمنىڭ ئېغىزىدىن چىققان پۇراق ئادەمنى بەكلا يىرگەندۇرىدۇ.بۇ ھالال نەرسىلەرنى ئىستىمال قىلغان ئادەملەر شۇ چىققان سېسىق پۇراق(بۇ نەرسىلەرنىڭ پۇرقى تاماكاىنىڭكىدەك سېسىق ئەمەس ئەمەلىيەتتە) سەۋەبلىك مەسچىتكە كىرىشتىن چەكلەنگەن. چۇنكى ناماز ئۇقۇيدىغان ئادەم مەسچىتتە بىر-بىرىگە يېقىن تۇرغاچقا ئادەمدىن چىققان پۇراق يېنىدىكى قېرىندىشىغا پۇرايدۇ.شۇڭىمۇ مەسچىتكە بارغاندا ئەتىر چېچىپ بېرىش سۇننەت. تاماكا چەككۈچى ئادەمدىن چىقىدىغان پۇراقنى ئەتىرمۇ تۇسالمايدۇ.ئۇنىڭدىن چىققان پۇراق يېنىدىكى قېرىندىشىنى بىزار قىلىدۇ. ئادەم بالىسى بىزار بولغان نەرسىدىن پەرىشتىلەرمۇ بىزار بۇلىدۇ.شۇنىڭ بىلەن تاماكا چەككەن ئادەمنىڭ يېنىدىن پەرىشتىلەرمۇ قاچىدۇ.پەرىشتىلەر بىزار بولغان ئادەمدىنمۇ شەقى ئادەم بارمۇ؟

بۇلار بولسا تاماكىنىڭ مۇسۇلماندارچىلىققا كەلتۈرگەن زىينى.
ئىسلام دىنى كىشىلىك تۇرمۇشقا،ئىنساننىڭ مەنپەئەتىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىدىغان دىن بولغاچقا ھەممىدىن بىلگۇچى ئاللاھ يۇقارقى نەرسىلەرنىڭ ئىنسان بەدىنىگە،ئىقتىسدىغا،دىنىغا يەتكۇزىدىغان يامان تەسىرلىرىنى بۇرۇنلا بىلگەنلىكتىن ئۇنداق نەرسىلەرنى ھارام دەپ ھۇكۇم چىقارغان.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام ھەرقانداق مەست قىلغۇچى ھارامدۇر دىگەن. دىمەك نەشە چەككەندە ئادەم كونتۇروللىقىنى يۇقىتىپ مەس بۇلىدۇ. يەنە ئۇنىڭدىن باشقا ئادەم بەدىنىگە بولغان زىينى ئىنتايىن چوڭ. بۇنداق زىياننىڭ بارلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ قىلىۋەرسىڭىز بەدىنىڭىزگە زۇلۇم قىلغان بۇلىسىز . چۇنكى بەدىنىڭىزنىڭ سىزدە ھەققى بار.
ھەم نەشە نىجىس نەرسىدۇر. ھەم خۇمار قىلىدىغان نەرسىدۇر.ئىسلام دىندا ھەرقانداق خۇمار قىلىدىغان نەرسە ھارام  دەپ بەلگىلەنگەن.