خەۋەرلەرگە قارىغاندا، جۇڭگو بىلەن شىمالىي كورىيە دائىرلىرى جۇڭگو ئارمىيىسى كۈچلىرىنىڭ شىمالىي كورىيەدە تۇرۇشىغا رۇخسەت قىلىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرلىشىۋېتىپتۇ. ئۇنداق بولغاندا بۇ جۇڭگو ئارمىيىسىنىڭ شىمالىي كورىيەدە 20 يىلدىن كېيىن تۇنجى قېتىم ئەسكەر تۇرغۇزىشى بولۇپ قالىدۇ.
جەنۇبىي كورىيە ھۆكۈمىتى كۆك ساراي ئەمەلدارىنىڭ سۆزى نەقىل قىلغان خەۋەردە دېيىلىشىچە، جۇڭگونىڭ بۇ قىسىملىرى « ياپون دېڭىزىغا يېقىن راسون ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونى پورتلىرىدىكى جۇڭگو ئەسلىھەلىرىنى قوغدايدىكەن».
ئىسمىنى ئاشكارلاشنى خالىمىغان بىر ئەمەلدار مۇخبىرغا:« جۇڭگو بىلەن شىمالىي كورىيە جۇڭگونىڭ كىچىك كۆلەمدىكى قىسىمىنى جۇڭگو مەبلەغ سالغان پورتلاردىكى ئەسلىھەلەرنى قوغداش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىۋاتىدۇ » دېگەن.
بۇ ئەمەلدار تولۇقلاپ:« جۇڭگو ئارمىيىسىنىڭ مەۋجۇتلىقى ئېنىقكى ئەسلىھەلىرىنى ۋە جۇڭگو پۇقرالىرىنى قوغداش » دېگەن.
2008-يىلى، بېيجىڭ راسوندىكى بىر پورتنى ئىشلىتىش ئارقىلىق ياپون دېڭىزىغا كىرىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
جۇڭگو ئارمىيىسى 1950-يىلدىن 1953-يىلغىچە بولغان كورىيە ئۇرۇشىغا قاتناشقان، 1994-يىلى شىمالىي كورىيەدىن چېكىنىپ چىقىپ كەتكەن ئىدى.
بىر قىسىم ئەمەلدارلارنىڭ قارىشىچە، جۇڭگو قوشۇنىنىڭ مەۋجۇتلىقى شىمالىي كورىيەدە يۈز بەرگەن ھەر قانداق مۇقىمسىزلىق ئامىللىرىغا ئارىلىشىش ئۈچۈن ئىكەن.
سېئۇلدىكى خەلقئارا بىخەتەرلىك ئەلچىخانىسىنىڭ خادىمى نام جۇخوڭ :« ئەڭ يامان ئەھۋالدا، شىمالىي كورىيە مۇساپىرلىرىنىڭ زور مىقداردا جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمال ئۆلكىلىرىگە ئېقىپ كىرىپ قالايمىقان ۋەزىيەت پەيدا قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن » دېگەن.
ئۇ :« جۇڭگو قوشۇنىنىڭ راسوندىكى مەۋجۇتلىقى جىددىي ئەھۋالدا جۇڭگونىڭ شىمالىي كورىيەگە ئارىلىشىشىغا پايدىلىق » دېگەن.
مەنبە: ئىران PressTV تورى(نەپرەت)
سېنگاپور « بىرلەشمە سەھەر گېزىتى » نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جۇڭگو دېپلوماتىيە مىنىستېرلىكىنىڭ باياناتچىسى خوڭ لېي 17-يانۋار « جۇڭگو شىمالىي كورىيەنىڭ راسون شەھىرىدە قوشۇن تۇرغۇزماقچى » دېگەن خەۋەرنى ئىنكار قىلغان.
خوڭ لېي شۇ كۈنى مۇخبىرلارنىڭ ئالاقىدار سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، جۇڭگونىڭ راسون شەھىرىگە قوشۇن تۇرغۇزماقچى بولغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر پۈتۈنلەي توقۇلما دېگەن.
يېقىندا، جەنۇبىي كورىيە ئاخبارات ۋاستىلىرى خەۋەر قىلىپ، جەنۇبىي كورىيە ھۆكۈمىتى ئەمەلدارىنىڭ جۇڭگو بىلەن شىمالىي كورىيەنىڭ راسون شەھىرىدە كىچىك كۆلەمدە قوشۇن تۇرغۇزۇپ، جۇڭگو مەبلەغ سالغان پورت ئەسلىھەلىرى ۋە جۇڭگو مۇھاجىرلىرىنى قوغدىماقچى بولىۋاتىدۇ دېگەن سۆزىنى ئېلان قىلغان.
[/td][/tr][/table]