باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1153 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: خارۋارد ئونۋرسىتىدىنىڭ نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى .
دوستلىشىش
gayrat828
قوللىرىنى شىلتىپ، بولۇپمۇ بىگىز بارمىقىنى تەڭلە ..
دەرىجە: كۇلۇب باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 8
ئومۇمىي يازما: 387
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە387دانە
ئۆسۈش: 10650 %
مۇنبەر پۇلى: 11210 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-18
ئاخىرقى: 2011-10-20
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-01-12 03:12

خارۋارد ئونۋرسىتىدىنىڭ نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى .



1636-يىلى قىشتا ، ئەنگىلىيە كامبرىچ ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن بىر كۆچمەن يېڭى قۇرۇقلۇققا كېلىدۇ . شۇ يىلى ئۇ 29 ياشتا ، توي قىلغىنىغىمۇ ئۇزاق بولمىغان ، بالىسىمۇ يوق ئىدى . ئۇنىڭ ئىسمى جون خارۋارد بولۇپ ، لوندوندىن كەلگەن ئىدى . ئۇ چارلىز كوچىسىدا تۇراتتى ، بۇ كوچا يېڭىدىن قۇرۇلغان ئىنىستىتوت (ئەينى ۋاقىتتا تېخى بۇ مەكتەپنىڭ رەسمىي نامى يوق ئىدى ) جايلاشقان كامبىرىج كوچىسى بىلەن بىر دەريا ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇراتتى ، خارۋارد چارلىز كوچىسىدىكى چىركاۋنىڭ ياردەمچى پوپى بولۇپ قىلىشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلاتتى.ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى ، ئۇ يېڭى قۇرۇقلۇقتا بىرەر يىلمۇ ياشىيالمىدى . 1638-يىلى 9 – ئايدا، ئۆپكە كېسىلى بىلەن چارلىز كوچىسىدا ئۆلۈپ كەتتى . ئۇ ئۆلۈش ئالدىدا ، ئۆزىنىڭ مال – مۈلكىنىڭ يېرىمى (780 فوند سىتىرلىڭ)ۋە بارلىق كىتابلىرى (تەخمىنەن 400 پارچە)نى قارشى قىرغاقتا يېڭىدىن قۇرۇلغان ئىنىستىتوتقا ئىئانە قىلىدىغانلىقىنى ۋەسىيەت قىلدى . بۇ مۇشۇ مەكتەپ قۇرۇلغاندىن بۇيانقى ئەڭ كۆپ ئىئانە ئىدى. مەكتەپ ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتىش يۈزىسىدىن مەكتەپ نامى بولمىغان بۇ مەكتەپنىڭ نامىنى خارۋارد ئىنىستىتوتى دەپ ئاتاشنى قارار قىلدى .خارۋارد ئىئانە قىلغان 780 فوند سىتىرلىڭ ئىئانە پۇلى ئەينى ۋاقىتتا مەكتەپنىڭ يىللىق مالىيىسىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە توغرا كېلەتتى . دىمەك ، بۇ ئەينى چاغدا خېلى كۆپ پۇل ھىساپلىناتتى ، ھازىرقى گېپىمىز بويىچە ئېيتقاندا ، مەكتەپ ئەينى ۋاقىتتا بۇ پۇل بىلەن مەكتەپنىڭ نۇرغۇن «قاتتىق ماتىرىيال » ۋە «يۇمشاق ماتىرىيال » لىرىنى تولۇقلىۋالغان ئىدى .




ئەمما خارۋارد ئىئانە قىلغان 400 پارچە كىتابنىڭ تەقدىرى ناھايىتى ئېچىنىشلىق بولۇپ ، بىر قېتىملىق ئوت ئاپىتىدە كۈيۈپ كەتتى ، پەقەت بىر پارچە كىتابنى ئالدىنقى كۈنى كەچتە بىر ئوقۇغۇچى ئارىيەت ئېلىپ ، قايتۇرمىغان بولغاچقا ، مۇشۇ بىر پارچە كىتابلا بۇ بالايى –قازادىن ساقلىنىپ قالدى.بېراق كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان يېرى شۇكى ، 2- كۈنى ھېلىقى ئوقۇغۇچى بۇ بىر پارچە قىممەتلىك كىتابنى قايتۇرۇپ بېرىشكە كەلگەندە ، ئەينى ۋاقىتتىكى خارۋارد ئىنىستىتوتىنىڭ مۇدىرى ھىنرى دونىستىر بۇ ئوقوغۇچىنى «ئارىيەت ئالغان كىتابنى كۈتۈپخانىدىن ئېلىپ چىقىپ كېتىشكە بولمايدۇ » دېگەن قائىدىگە خىلاپلىق قىلغان دەپ قاراپ ، خارۋارد مەكتەپ تارىخى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشقان بۇ ئوقۇغۇچىنى مەكتەپتىن قوغلاندى قىلدى .




خارۋارد ئەنگىلىيىدە تۇغۇلغان بولۇپ ، دادىسى بىر قاسساپ ئىدى . ئۇنىڭ ئاكا-ئۇكا ، ئاچا-سىڭىللىرى بار ئىدى . 1625-يىلى ۋابا كېسىلى ۋابا كىسىلى تارقالغان ۋاقىتتا ، ئۇنىڭ دادىسى ، ئاكا – ئۇكا ئاچا – سىڭىللىرى ھاياتىدىن ئايرىلدى . خارۋارد ئۆزىمۇ ياش تۇرۇپلا ئالەمدىن ئۆتكەن بولغاچقا ، بىرەر پەرزەنتىمۇ يوق ئىدى ، پۈتكۈل ئامىرىكا قورۇقلۇقىدا خارۋارد فامىلىلىكلەر ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ ، ئەنگىلىيە زىمىنىدىمۇ بۇ فامىلە ناھايىتى ئاز.

ئېھتىمال ، ئەينى ۋاقىتتا جون.خارۋارد چارلىز كوچىسىدىكى كىچىككىنە ياغاچ ئۆيدە، ھاياتىنىڭ ئاخىرقى مىنوتلىرىنى ئۆتكۈزىۋاتقان ۋاقىتتا ، ئۆزىنىڭ يېڭى قۇرۇقلۇقتىكى ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمايدىغانلىقىدىن ئازابلانغان. ئۆزىنىڭ بىر-ئىككى ئەۋلاد قالدۇرالمىغانلىقىدىن چەكسىز قايغۇرغان بولۇشى ، يەنە بەلكىم قارشى قىرغاقتىكى ئەشۇ مەكتەپكە قاراپ ، ئۆزىنىڭ بۇ ئىئانىنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇققا قوشقان بىردىنبىر تۆھپىسى بولۇپ قالىدىغانلىقى قاتارلىقلارنى كۆڭلىدىن ئۆتكۈزگەن بولۇشى مۇمكىن .




ئەمما بۈگۈنكى كۈندە خارۋارد شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىگە تەسەللىي تاپالايدۇكى ، چارلىز دەرياسىنىڭ قارشى قىزغىقىدىكى ھېلىقى مەكتەپ ئۇنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتىلىپلا قالماستىن ، بەلكى ئۇ پۈتكۈل ئامىرىكا چوڭ قۇرۇقلۇقى ھەتتا پۈتكۈل دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئالىي بىلىم يۇتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى . تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى شۇكى ، پۈتكۈل دۇنيادىكى ياشلارنىڭ ھەممىسى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىدۇ ھەمدە بۇنىڭلىق بىلەن چەكسىز شەرەپ ۋە ئىپتىخارلىق ھېس قىلىدۇ .
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5562
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 17
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە17دانە
ئۆسۈش: 60 %
مۇنبەر پۇلى: 210 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-08
ئاخىرقى: 2011-03-18

مەنمۇ شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى .
ئانا تىلىمىزنى قوغدايلى،
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4814
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 236
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە236دانە
ئۆسۈش: 420 %
مۇنبەر پۇلى: 2655 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-14
ئاخىرقى: 2011-10-18
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-01-12 11:10

بىلىۋالدىم
يىمە نامەرت ئېشىنى ئاچلىق سېنى ئۆلتۈرسىمۇ،ئۆتمە نامەرت كۆۋرۈكىدىن سۇ سېنى چۆكتۈرسىمۇ.
قەيسەر يۈرەك
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5709
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 130
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە130دانە
ئۆسۈش: 230 %
مۇنبەر پۇلى: 1472 سوم
تۆھپىسى: 5 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-18
ئاخىرقى: 2011-04-18
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-01-18 04:42

مۇنبەر نەچچە ۋاقتتىن بېرى نىمە بولدى ؟؟؟   ئادەمنى سېغىندۇرۇپ!!!  
ئىتقاد جاندىنمۇ مۇھىم !!!
دوستلىشىش
maniwer2010
................
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2196
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 694
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە694دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 7329 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-22
ئاخىرقى: 2011-10-20
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-01-18 15:58

نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا ئامېرىكا ئوكلاخۇما شىتاتىدا ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇر ئائىلىسى پەرزەنتى
ھەزرەت ھوشۇر (14ياش) مەكتەپتىن قايتىش يولىدا بىر بولاق قەغەزنى ئۇچرىتىدۇ ،ئېچىپ
قارىسا توپتوغرا بەش يۈز دوللار نەخ پۇل، قانداق قىلىش كېرەك؟ دىگەنلەرنى ئويلاپ ئالدى
بىلەن ئۆيىگە بېرىپ ئاتا -ئانىسىغا مەسلىھەت سالىدۇ،تەقۋېدار مۇسۇلمان ھوشۇر ئاكا
ئوغلىغا :- دەرھال ئەتراپتىكى ساقچىخانىغا تاپشۇرۇپ بېرىشنى بۇيرۇيدۇ...بۇ خەۋەرنى
بىلگەن مۇخبىرلار گېزىتلاردا تەشۋىق قىلىۋېتىدۇ، بۇنىڭدىن تەسىرلەنگەن شىتات باشلىغى
ئۇيغۇر پەرزەنتى ھەزرەت ئېلىنى مەخسۇس قوبۇل قىلىپ ؛سېنىڭ بۇ ئىشىڭ شىتاتىمىز
تارىخىدا كۆرۈلۈپ باقمىغان  ،سەن نىمە سەۋەپ تىن بۇ پۇلنى تاپشۇرۇپ بېرىش قارارىغا
كەپ قالدىڭ ؟دەپ سوراپتۇ؛-ھەزرەت جاۋابەن «بىزنىڭ ئىسلامدا كىشنىڭ ھەققى ھارام
دىيىلىدۇ،ئاتا-ئاناممۇ ئەجىرقىلمىغان نەرسىگە كۆز قىرىڭنى سالما دەپ تەربىيە قىلىدۇ»
دەپ جاۋاپ بەرگەن ،بۇنىڭدىن قاتتىق تەسىرلەنگەن شىتات باشلىغى ھەزرەتكە باھا بېرىپ
«ئوكلاخوما نىڭ غۇرۇرى » دەپ نام بەرگەن !.....
ئۆتمۈشى ئادىللىق نۇرىدا يورۇتۇلمىغان مىللەتنىڭ ،كەلگۈسىمۇ
غۇۋا (گۇڭگا) بولىدۇ ....
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4547
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 58
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە58دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 590 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-08
ئاخىرقى: 2011-10-09
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-01-18 16:35

مەنمۇ سېغىندىم كەڭسايلىقلار!!!ياخشىمۇ سىلەر!
mp3
دوستلىشىش
uighur-biz
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2851
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 509
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە509دانە
ئۆسۈش: 120 %
مۇنبەر پۇلى: 5337 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-10
ئاخىرقى: 2011-10-20
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-01-18 18:17

ناھايتتى ئەھىميەتىلىك تىما بۇپتۇ.