باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 929 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: غەزەل....قىزلار
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1115
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 248
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە248دانە
ئۆسۈش: 1040 %
مۇنبەر پۇلى: 3385 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-23
ئاخىرقى: 2012-02-14
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-01-11 22:06

غەزەل....قىزلار

غەزەل قىزلار (ئاپتورى ھۇشۇر ئبراھىم )
كۆزۈمنى مەن ئۈزۈپ تاشلاي سىلەرگە تەگمىسۇن قىزلار
تىلىم كۆيسۇن، خۇسۇمەتلەر سىلەرگە يەتمىسۇن قىزلار.

كۆزۈڭلار چاقنىغان چولپان قېشىڭلار ئايغا ئەندىزدۇر
لېۋىڭلارغۇنچىدەك يۇمران تۇزانلار قونمىسۇن قىزلار.

چېچىڭلار ئەۋرىشىم تالدەك بېشىڭلاردا چىمەن دوپپا
بۇيۇڭلار تىك چىنار يەڭلىغ شاماللار ئەگمىسۇن قىزلار.


قېلىشماي ئۇزۇن كۆڭلەك گۇيا شاھلار لىباسىدىن
گۈلى چاقنايدۇ يۇلتۇزدەك تۇمانلار توسمىسۇن قىزلار.


چىمەنلەر يەلپۈنەر نازۇك سەھەر-ئاخشام يېنىڭ يەلدىن
قەدەملەر شۇ كەبى لەرزان قۇيۇنلار بۇزمىسۇن قىزلار.


چىرايىدا ھۈر-پەرىلەردىن گۈزەل ھەم ئاي خىجىل ھەتتا
ئەقىل-زېھنى ئەزىم دەريا بىھۇدە ئاقمىسۇن قىزلار.

چېلىشتا ،ئىشتا -ئەمگەكتە،بىلىمدە كۆككە ئۆرلەڭلار
گۈزەل ياشلىق باھارىڭلار بىكارغا كەتمىسۇن قىزلار.

غەزەل رەنجىدىڭ(ئاپتورى ھوشۇر ئىبراھىم)
ئايىلىم قىز تۇغدى ،دەپ دوستۇم بىكاردىن رەنجىدىڭ
تۆھپىسى ئالەمشۇمۇل سەن دىلنىگاردىن رەنجىدىڭ.

يىلتىزى بولماي دەرەخنىڭ بەرمىگەي ئالتۇن مىيۋە
ئەسلى ئەجدادىڭ مۇنەۋۋەر سەن مۇماڭدىن رەنجىدىڭ.

قىز ھاياتلىقنىڭ گۈلى، گۈلدەك ھاياتلىق بۇلبۇلى
ئەس-ھۇشۇڭنى يۇقىتىپ تەكتى ئاناڭدىن رەنجىدىڭ.

بولمىسا قىز سەن قەيەردىن تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئىدىڭ
سەن ھاياتلىققا نىجاتكار قىز بالاڭدىن رەنجىدىڭ.

سۈيى يوق ئۆستەڭ قەيەردە،قىزى يوق گۈلگۈن ھايات
سەن ھاياتلىق باغۋىنى قەددى چىناردىن رەنجىدىڭ.
ئانا تىلىمىزنى قوغدايلى،
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4814
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 500
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە500دانە
ئۆسۈش: 420 %
مۇنبەر پۇلى: 2950 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-14
ئاخىرقى: 2012-03-19

قىزلار ھۇشۇڭلارنى يىغىڭلار جۇمۇ،مەن دەپ قوياي.
ئىشەنىچ ۋە ئۈمىد بىلەن ياشايمەنكى،ئاخىرقى ھىساپتا غەلبە بىزلەرگە مەنسۇپ.