بىر كۈنى بىر كىشى بىر ئالىم كىشىدىن ئىنسان ئختىيارىمۇ ياكى ئىختىيارسىزمۇ؟ دەپ سوراپتۇ.ئالىم كىشى،ئىنسان ئىككى خىل بولىدۇ؛ بىر تۈرى شەرقتە، يەنە بىر تۈرى غەرپتە ياشايدۇ،بىرىنچى تۈردىكى ئىنسان ئختىيارسىز،يەنە بىرسى ئىختىيارى ھۆر ئىنساندۇر دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ.ھېلىقى سۇئالنى سورىغان كىشى بۇ جاۋاپنى چۈشىنەلمەي بۇ نىمە دىگەن گەپ؟مەن ئۆزلىرىدىن ئىنساندا ئەركىن ئىرادە،مۇستەقىل قۇدرەت بارمۇ؟ئىنسان ئىرادە ۋە قۇدرىتى بىلەن خالىغان نەرسىلەرنى قىلالامدۇ ياكى بىر ئىشلارنى قىلىشقا مەجبۇرلىنامدۇ؟دەپ سوراۋاتىمەن دەپتۇ. ئالىم كىشى؛مەن ساڭا غەرىپتىكى ئىنسان مۇستەقىل،شەرقتىكى ئىنساننىڭ روھى مۇستەملىكتە قالغان دەپ جاۋاپ بەردىمغۇ دەپتۇ.
چۈنكى غەرپتىكى ئىنساندا ئىرادە ۋە ئىقتىدار قۇدرەت تېپىلىدۇ،شەرقتىكى ئىنساندا ئۇ ئىككى نەرسىنىڭ ھېچ بىرسى تېپىلمايدۇ.
غەرپلىكلەر ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىل ئەقلى بارلىقىنى ھېس قىلىپ،ئەقىلىنى ئىشقا سېلىپ ئاجايىپ نەرسىلەرنى كەشىپ قىلىپ چىقتى،نۇرغۇن ئىجادىيەتلەرنى ياراتتى،ئىرادىسى بارلىقىنى ھېس قىلىپ،قەتئى ئىرادە باغلاپ باشقا مىللەتلەرنى ئۆز مەنپەئەتىگە بويسۇندۇردى.ئىقتىدار ۋە قۇدرىتى بارلىقىنى ھېس قىلىپ شەرق ۋە غەرپنى كېزىپ ئاجايىپ نەرسىلەرنى ياساپ چىقتى.ئىنسانىيەت مەدەنىيتىگە كۆز يۇمغىلى بولمايدىغان ھەسسىلەرنى قوشتى.
ئەمما بىزچۇ،ھازىرغىچە ئىنساننىڭ تەپەككۇر قىلالايدىغان ئەركىن ئەقلى بارمۇ؟ ئىرادە باغلىيالايدىغان ئىرادىسى بارمۇ؟ ھەركەتلىنەلەيدىغان كۈچ قۇدىرىتى بارمۇ
دەپ سوراپ يۈرۈيمىىز.
ھازىر شەرق ئەللىرىدىكى ئىنسان ئەركىن ۋە ئىختىيارى بولغان غەرپ ئەللىرىدىكى ئىنسانلار تەرىپىدىن ئىختىيارسىزلانماقتا. ئىككى خىل تۈر تۈردىكى ئىنسانىنىڭ
ئارىسىدىكى پەرق نىمە دىگەن يىراق ھە.،،،،
غەرپ ئەللىرىدىكى ئىنسان ھايات دولقۇنىغا دۇچ كېلىپ،ئۈزەلەيدىغان ئەزالىرىنىڭ بارلىقىنى بىلىپ،ھايات دولقۇنى بىلەن ماسلىشىپ قىرغاققا يەتتى.
ئەمما شەرق ئەللىرىدىكى ئىنسان ھايات دولقۇنلىرى قاينىمىدا ئۆز ئۆزىدىن؛مەن ھەقىقەتەن تىرىكمۇ ياكى سۈكۈتلۈككە چۆمگەن جەسەتمۇ؟دەپ سوراپ ئولتۇرماقتا.
شۇنى بىلىش كېرەككى ھايات دولقۇنى بۇ قۇرۇق سەپسەتىنىڭ نەتىجسىنى كۈتۈپ تۇرمايدۇ.ئۇنداق كىشىلەرنى ھايات دېڭىزى يەپ كېتىدۇ.
مەن ئىختىيارى ھۆرمۇ ياكى ئىختىيارسىز مەجبۇرمۇ؟دەپ يۈرمەي،ئاللاھ ساڭا ئاتا قىلغان ئىقتىدارنى غەنىمەت بىلگىن،ھاياتلىقتا سېنىڭ ھەقىقى ھوقۇقۇڭنىڭ بارلىقىنى،ھىس قىلغىن،
ئۈمىتسىزلەنمەي ئالغا ئىلگىرلەپ ئۆتكۈر ئىرادە بىلەن قەدەم تاشلىغىن،دىن ۋە دۇنياغا تولا يالغان سۆزلىمىگىن،دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ.
مەنبــــــــــە(تەقدىر) ناملىق كىتاپچىدىن
[ bugraتەرىپىدىن2011-01-11 15:10قايتا تەھرىرلەندى ]