ئوق ئۆتمەس كىيىم تىلغا ئېلىنسىلا نۇرغۇن كىشى ئاۋال ھەربىيچە ئوق ئۆتمەس جىلتىكىسىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرىدۇ ، ئەمىليەتتە تېخنىكىنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ ،بۇ خىل ئوق ئۆتمەس كىيىملەرمۇ بارغانسىرى تەرەققىي قىلدى . ئىلگىرىكى ئوق ئۆتمەس كىيمىلەر پەقەت باش ، قورساق ،مەيدە ،دۈمبە قاتارلىق مۇھىم قىسىملارنىلا قوغدىيالايىتتى . ھازىرقى ئوق ئۆتمەس كىيىملەر بولسا بويۇن ،ھوشۇق قاتارلىق جايلارغىچە كىڭەيتلىدى ، ئوق ئۆتمەس كىيملەرنىڭ ماتىريالىمۇ بۇرۇنقى پولات تاختا ،رەخىت قاتارلىقلاردىن <<سۇيۇق دۇبۇلغا-ساۋۇت>> قا قاراپ تەرەققى قىلدى .كەڭ ساي تورى .
ھازىرقى زاماندىكى ئوق ئۆتمە كىيىملەرنىڭ كۆپىنچىسى 20-ئەسىرنىڭ 70 -يىللىرى كەشىپ قىلىنغان كېۋلار تالاسىدىن ياسىلىدۇ ، ئۇنىڭ ئىلاستىكىلىقى ئادەتتىكى پولات-تۆمۈرنىڭ ئىلاستىكىلىقىدىن ئالتە ھەسسە يۇقۇرى ، ئىسسىققا بەرداشلىق بېرەلەيدۇ ۋە ئاسان ئېرىپ كەتمەيدۇ . كېۋلار ئوق ئۆتمەس كىيىمى بۇرۇنقى ئوق ئۆتمەس كىيمىدىن خېلىلا يېنىك .
كەلگۈسىدە <<سۇيۇق ئوق ئۆتمەس كىيىم >>نىڭ كەلگۈسىدىكى تەرەققىياتى تېخىمۇ پارلاق ئۇنىڭ ئاساسلىق ماتىريالى پولىۋىنىل خىلۇرىت سۇيۇقلىقىدىكى قاتتىقلىق دەرىجىسى يۇقۇرى بولغان ئارلاشما سېلتسىي كىرىستالى بولوپ ، بۇ ئارلاشما سۇيۇقلۇققا كېۋىلار ماتىريالى چىلىنىپ ئوق ئۆتمەس كىيىم تەييارلىنىدۇ . ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ ئىسپاتلىشىچە ، بۇ خىل ماتىريالدىكى ئوق ئۆتمە كىيىمنىڭ ئوقتىن ، پىچاقتىن مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارى ئادەتتىكى كېۋىلار ئوق ئۆتمەس كىيىمىدىن ئالتە ھەسسە يۇقۇرى ھەمدە تېخىمۇ يۇمشاق بولىدىكەن . <<ئۈ ك گ >>