رېستۇران
ئەمەتجان يۈسۈپ.
ئەقلىمىزنى لال قىلىپ، دىلنى تارتقان رېستۇران،
يەلكىمىزنى سال قىلىپ قەرزنى ئارتقان رېستۇران،
لېۋىمىزنى بال قىلىپ كۆپ ھىجايتقان رېستۇران،
قەددىمىزنى تال قىلىپ كۆمۈپ ئاچقان رېستۇران،
ئەمدى بىزنى چال قىلىپ كامال تاپقان رېستۇران.
مەي ئىچكۈمىز كەلمەيدۇ ئادەتتىكى قاۋاقتىن،
مۇزىكىسىز لەززەتنى تاپالمىدۇق ھاراقتىن،
يۈز ئۆرىدۇق يامىنى ئۆيدە ئەتكەن تاماقتىن،
چولىمىز يوق باشقىنى ئويلاشقا بۇ قورساقتىن،
بىزنى شۇنداق ھەر كۈنى ئالدىراتقان رېستۇران.
ئۇنىمايدۇ كۆڭلىمىز كۈندە بىررەت كەلمىسەك،
ئاچچىق ئۈچەي كۆيگۈدەك لازا - پازا يىمىسەك،
تاقىلدايدۇ نەپسىمىز بوتۇلكىنى ئەممىسەك ،
كەيپ ئىچەر غەيۋەتنىڭ قىرغىقىغا يەتمىسەك،
خۇمار قىلىپ جەزبىدىن كۆز چاقايتقان رېستۇران.
رېستۇرانغا باشلىماي باشلىققا سۆز ئاچماق تەس،
پۇلنى تېپىپ جايىدا ئۇنى بۇزۇپ چاچماق تەس،
ئۇلار شۇنداق كۆنگەندۇر، بىز كۆندۈرگەن قاچماق تەس،
يول باشلىنار شۇنىڭدىن كېلىشتۇرۇپ ماڭماق تەس،
‹‹خىسلەت›› كۆپتۇر سېنىڭدە سىھرى قاپقان رېستۇران.
پارىخورلۇق يەپ ئىچىش ئىسراپچىلىق جىنايەت،
يۇقىرىدىن تەكىتلەر قىلماسلىققا خىيانەت،
ئىدارىمىز تۈزىدۇ يەنىمۇ چىڭ سىياسەت،
گەر نۆۋىتى كەلگۈچە بىزدە شۇنداق قىياپەت،
شەيتاننىمۇ ئازدۇرۇپ كۆڭۈل ئۇتقان رېستۇران.
باھالاشتا‹‹ بىرىنچى›› بولالمايمىز كۈتمىسەك،
‹‹غاز بويۇن›› غا ئايلىنىپ مەي كۆلىدە ئۈزمىسەك،
‹‹ھاردۇقىمىزچىقىدۇ›› پۇلنى شۇنداق خەجلىسەڭ،
ئامال تېپىپ چىقىمنى ھۆكۈمەتكە يۈكلىسەك،
كۆكسىمىزگە شەرەپتىن ئوردېن ئاسقان رېستۇران.
‹‹ تۇغۇلغان كۈن››،‹‹ خەتنە توي››،‹‹ قاتار چاي››دىن قالمايمىز،
رېستۇراندا توي- تۆكۈن دىسە ئارام ئالمايمىز،
ئاتام- بوۋام يىمىگەن يىگۈلۈكنى يالمايمىز،
بىزچە ئادەم قايدا دەپ كوچا- كويدا قاترايمىز،
ھەر دوقمۇشتا كۆز قىسىپ، ئالداپ قاچقان رېستۇران.
ئۆزگەرمەيدۇ رەڭگىمىز پالان پۇلنى تۆلىسەك،
مەرتلىك بولماس نامايەن بۇ كۆۋرۈكتىن ئۆتمىسەك،
‹‹ بەس تالاشقان رەقىب›› نىڭ قورسقىنى ئەسمىسەك،
چاندۇرمايمىز قەرزنى، قايتۇرارمىز ئۆلمىسەك...
بىزگە شۇنداق رىقابەت تونى ياپقان رېستۇران.
ئەسلى بىزمۇ زىمىنغا باشقىلاردەك ياراشقان،
بارمۇ بىزدەك يولىدىن يەنە بىرسى ئاداشقان؟
دورامچىلىق، غەيۋەتتىن ئورىمىزنى كولاشقان،
شۇ سەۋەبلىك دەرد- ئىسە بوغۇزغىچە تاقاشقان،
بولغاچقا يات پەيلىمىز ئانىي تاپقان رېستۇران.
رېستۇرانغا چاپقۇدەك ئەسلىدە يوق ئالدىراش،
ئەھۋالىمىز قانچىلىك، ئويلاپ كۆرسەك ئەي ئاداش!
كۈلسەك زەئىپ كۈلىمىز، ياراشمايدۇ ھەم داتلاش،
‹‹ ئەسكى تامدا قۇشقاچ كۆپ، يېلىڭتۆشكە مىڭ پۇتلاش›› ،
يوتقان قىسقا، پۇت ئۇزۇن پالتا چاپقان رېستۇران.
ئويلاپ باقسام بۇرادەر بىز ئىكەنمىز ھاماقەت،
ئۇدۇم ئەمەس مەيخورلۇق، باسار بىركۈن پالاكەت،
ئەسلى راھەت بۇ ئەمەس، ئەمەس يەنە رىقابەت،
ئاغرىنمايلى ئۆزگىدىن قولدىن كەلمەي كارامەت،
نادانلىقنىڭ دەستىدىن ھالسىراتقان رېستۇران.
مەنبە
http://www.uyghurqq.com/bbs/simple/index.php?t1822.html