باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 841 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ھاياتىڭنى گۈللىتەي دىسەڭ (شېئىر)
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 461
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 76
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە76دانە
ئۆسۈش: 387 %
مۇنبەر پۇلى: 499 سوم
تۆھپىسى: 8 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-28
ئاخىرقى: 2012-01-25
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-07-04 15:28

ھاياتىڭنى گۈللىتەي دىسەڭ (شېئىر)

ھاياتىڭنى گۈللىتەي دىسەڭ

ھاياتىڭنى گۈللىتەي دىسەڭ،
تاشلا يامان خۇلۇقلىرىڭنى .
دۈشمىنىڭگە "مات" بولماي دىسەڭ،
چىڭ يۇشۇرغىن يۇچۇقلىرىڭنى .

زەرىچە نەپ يەتكۈزۈپ ئەلگە ،
كېرىلمىگىن ئۆزۈڭچە مەغرۇر .
كۆرەڭلىمە كىچىك شەرەپتىن ،
باشقىلاردىن ئىزدىمە قۇسۇر .

كەمتەر بۇلۇپ ياشىغىن مەڭگۈ ،
ھەشەمەتتىن تۇرغىن ھەم يىراق .
ھاياتىڭنى گۈللىتەي دىسەڭ ،
ۋىجدان بولسۇن قەلبىڭگە چىراغ .

مەنبە:ئىجادىيەت