سۇ كېلىدۇ
سۇ كېلىدۇ تاش ئۈستىدە،
ئۆركەشلەيدۇ قاش ئۈستىدە،
سەن يارىمنى ئويلاپ-ئويلاپ،
يىغلىۋەتتىم ئاش ئۈستىدە.
سۇ كېلىدۇ ئەگىپ ئەگىپ،
يار كېلىدۇ ئۆيدىن چىقىپ.
كۈلۈپ قويۇپ كىرىپ كەتتى،
يۈرۈگىمگە ئوتنى يېقىپ.
سۇ كېلىدۇ لاختا-لاختا،
ساندۇغۇمنىڭ تېگى تاختا.
كۆيۈك نېمە بىلمەپتىمەن،
كۆرمىگەندە سېنى باشتا.
سۇ كېلىدۇ گۈلدۈر گۈلدۈر،
سۆيگۈنۈم بىر قىزىل گۈلدۇر،
ئايرىلغىلى ئۈچ ئاي بولدى،.
چىرايىم سېرىق گۈلدۇر.
چىمەنگۈل
ھەممىدىن ئېگىز ئۈچۈن،
كۆزۈم چۈشتى تېرەككە.
جاندىن ئېزىز چىمەنگۈل،
ئوتۇڭ چۈشتى يۈرەككە.
خاتىرەڭنى جەمئىي قىل،
گەپ قىلمايمەن بۆلەككە.
ئاغرىمامدۇ ئىچىڭىز؟
ماڭا كەلگەن ئەلەمگە.
كۆيۈكنى خۇدا سالغان،
غېرىپ بىلەن سەنەمگە.
قىزىلگۈل
باغ ئىچىدە ئېچىلىپتۇ،
بىر تۈپ قىزىلگۈل.
يېنىڭىزدا سايرىشىپتۇ.
مەستانە بۇلبۇل.
پۇرۇغىلى خۇش پۇراقلىق
قىزىل گۈلۈمسىز.
قۇشلىغىلى قولۇمدىكى قۇرغۇيۇم سىز.
ھەر كىشىنىڭ يارى باردۇر
سىزنىڭچە يوق،
دەردەڭىزنى تولا تارتقان
مېنىڭچە يوق.
بوز ئات
ئېتىم بوز ئات،ئېتىم بوز ئات
يايلىڭنى ئۇزات.
بۈگۈن ئاخشام يار قېشىغا
يەتكۈزگىن بوز ئات.
بۈگۈن ئاخشام يار قېشىغا
يەتكۈزسەڭ بوز ئات.
باشكىنەڭدىن يۈگەن ئېلىپ
قىلىمەن ئازات.
قامچا
ئېگىز تاغنىڭ ئۇيانىدا
قامچام قېلىپتۇ.
قامچا بويلۇق زىلۋا يىگىت
بۇغداي تېرىپتۇ.
بۇغدىيىنى ئورا-ئورا
بېلى تىلىپتۇ.
ئوغىقىنى قىردا قويۇپ
ئۇخلاپ قېلىپتۇ.
ئويغىتايمۇ-ئويغاتمايمۇ
راسا ھېرىپتۇ.
ئويغاتمىسام دىمەسمۇ ئۇ-
«مەندىن چىنىپتۇ.»
ئاق ساراي
ئاق سارايغا ۋاسا تىزدىم
سانىمىدىم جۈپمۇ تاق،
ئاق سارايدىن يارى چىقتى
مەڭزى قىزىل يۈزى ئاق.
مەڭزى قىزىل يۈزى ئاققا
ئاشىنا بولسا كىشى،
قارچۇغىنىڭ بالاسىدەك
قولىغا قونسا كىشى.
ئاق سارايغا يارى كىردى،
زەيتۇنە توننى كىيىپ.
ئارقىسىدىن مەنمۇ كىردىم،
بىر تۇتام گۈلنى ئېلىپ.
ئەقلى بولسا گۈلنى ئالار،
پەمى بولسا غۇنچىنى،
غۇنچىدەك يارى تۇرۇپ
گۈلدىن بەتتەر قىلدى مېنى.
ئاق دادام،ئاپپاق دادام
قەشقەرغە بارغىم كېلىدۇ.
ئاق ساراينىڭ ئالدىدا
تاماكا تارتقىم كېلىدۇ.
ئاق ساراينىڭ قىزلىرى
لاچىنمىكىن،قۇرغۇيمىكىن،
قولىدا ئالتۇن ئۈزۈك
ئاشىقلرى زەرگەرمىكىن.
روچىۋىن
ئىككى ئېرىققا سۇ كەپرۇ،ئۈنچە-مارجان،ساي بىلەن
مېنىڭ يارىم قاچان كېلەر،يېڭى چىققان ئاي بىلەن.
ئاي چىقىپ پەيمانغا يەتتى،كۈن تېخى پەرمان بىلەن،
ئاشق بولساق تەڭ بولايلى ئىتتىپاق-ئارمان بىلەن.
ئىشتىياقنىڭ دەردىدە ھىچ مادارىم قالمىدى،
روچىۋىندەك سارغىيىپ ئۇچارغا ھالىم قىلمىدى.
روچىۋىن بولسا كىشى ئۇچسا قاناتىنى سۈزۈپ،
راست گېپىڭنى ئېيت يارىم ،مەن كېتەي ئۈمىد ئۈزۈپ.
تىللا
تىللا دەيدۇ،تىللا دەيدۇ
تىللا نەدىكەن؟
تىللادەك قىز نەدە بولسا
تىللا شۇ يەردىكەن.
تىللاسى بار مەخسۇت باينىڭ
چوڭ قىزى گالۋاڭ.
كىچىك قىزى چېكىدىن ئاشقان
ساراڭ ئەدىكەن.
كۆك بىيىتى*
قىشلىقى ئۈندۈردىلەر بىر دانە بۇغداينى،
سۇغارغىلى ئەر بارمىكىن شۇ دانە بۇغداينى،
سۇغارغىلى ئەر بولسىكەن شۇ دانە بۇغداينى،
كېچە كۈندۈز ياد قىلۇرمىز ئۈستۈن خۇدانى.
چىللى زىمىستاندائۈنەر سەبزەبىھارنىڭ ئەگىلى،
ياخشىلارنىڭ مىلىسىدىن سەبرە ئۈندى قىشلىقى.
قىشلىقى ئۈنگەن چېچەكنىڭ تەرىپى نازۇك تۇرۇر،
سۇغۇرۇپ گۈل چاچقىلى ئالغان كىشى ئاشۇق تۇرۇر.
تام چېچەك،تام سۇ چېچەك تامدىن ئېگىز بارمۇ چېچەك،
كۆرگىلى كۆكلىك چېچەك،كۆتەرگىلى ئېغىر چېچەك.
بۇ چېچەكنىڭ نامىنى موم بىلەن نام ئەيلىدۇق.
بۇ چېچەكتىن ئۆزلىرىگە بىزمۇ سوۋغا ئەيلىدۇق.
گۈل-چېچەكلەرگە ئوراپ كۆكنى تۇتتۇم خوش ئالسىلا،
دۇنيانىڭ كارى نىمە يىراققىنە تاشلىسىلا.
ئېگىز-ئېگىز ئۆيلىرىنى پىشقىن بىلەن ئاقلىسىلا،
كۆكنى قويۇپ ئۆيلىرىدە ئۆيدەككىنە ياتسىلا،
نەغمىچى لازىم بولۇر ھاپىزلارنى راسلىسىلا،
ئۇسسۇلچى لازىم بولۇر، جۇگگانلارنى راسلىسىلا،
غازنى ئوتتۇز ،قوينى توققۇز،ھەممىنى تەڭ راسلىسىلا.
بۇ ئويۇننىڭ شەنىگە مىۋە ھەمدە شاراپمۇ راسلىسىلا.
*كۆك مەشرىپىدە ئىتىلدىغان بىيىت
قەدىمدىن تارتىپ دېھقانلار قىش كۈنلىرى ئۆيىدە مايسا ئۈندۈرۈپ،كېلەر يىللىق مول ھوسۇلنىڭ سىموۋۇلى سۈپىتىدە كېچىلىك مەشرەپ ئتكۈزۈپ ،ئۆزىنىڭ يېقىن كۆرگەن كىشىسىگە توققۇز تەخسە مىۋە- چىۋە،بىر كىيىملىك رەخت بىلەن تۇتىدۇ.تا مايسا قېرىپ،ئەتىيازلىق تېرىلغۇ باشلانغۇچە بۇ مەشرەپ داۋاملىشىدۇ.كۆك مەشرىپى كۆپرەك قۇمۇل رايۇنىدا بىر قەدەر ئوموملاشقان .
ياخشى قال...
بىرگە كەتمەي قېپ قالدىڭ،
جۇدالىقىم ياخشى قال.
ھاياتىمنىڭ باھارى،
خۇمالىقىم ياخشى قال.
تولۇن ئايدەك چىرايىڭ،
زىبالىغىم ياخشى قال.
سۆزى شېرىن ،خۇما كۆز،
ئىپارلىقىم ياخشى قال.
جۇدالىقتىن دەرت چەككەن،
ۋاپالىقىم ياخشى قال.
بۇ ئالەمدە يىگانە
تۇمالىقىم ياخشى قال.
ئەل ئاغزىغا تېتىق،
بال شېكىرىم ياخشى قال.
يۈرۈگىمنىڭ پارچىسى،
جان-جىگەرىم ياشى قال.
ئامرىغىم سەن ئۆمۈرلۈك،
لېۋى ھەسەل سۆيۈملۈك،
كۆڭۈل خوشى كۆيۈملۈك،
ئاي نىگارىم ياخشى قال.
زىل كۆڭۈلنى خار قىلما،
كەڭ قوينۇڭنى تار قىلما،
ئۆزگىلەرنى يار قىلما،
دىل مادارىم ياخشى قال.
قارا قاش
ئېگىز ئاسماندىن چۈشۈپتۇ مۇشتەك ئالا تاش،
كۆيدۇرۇدۇ جىنىمنى زالىم قارا قاش.
قىزىلگۈللەر ئېچىلىپتۇ باغنىڭ ئىچىدە،
قارا قاش يار ئولتۇرادۇر ھوجرا ئىچىدە.
قارا قاشقا سىنچاي تۇتتۇم كۆڭلىگە بېقىپ،
ئىچمىسىمۇ ئىچكۈزەرمەن قەن-شېكەر قېتىپ.
كۈلمىسىمۇ كۈلدۈرەرمەن غىدىقلاپ بېقىپ،
گەپ قىلمىسا سۆزلىتەرمەن بىيىتلار ئېيتىپ.
قارلىغاچ
قارلىغاچ ئۆزى قارا، بوينى بىلەن تۆشى ئالا،
سەككىز ئاي ئوتۇڭدا كۆيدۈم بىلمىدىڭ كۆڭلى قارا.
قارلىغاچ ئۇچساڭمۇ ئۇچ،كەل مېنىڭ يانىمدىن ئۇچ،
قانىتىڭغا خەت يازاي،ئاپىرىپ يارىمغا تۇت.
سۇ كېلىدۇ
داۋامى تۆۋەندە ئىنكاس شەكلىدە