باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 15561 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئابدۇللا ئابدۇرىھىم ئاكىغا كۆڭلۈمدىن ..................
دوستلىشىش
gayrat828
قوللىرىنى شىلتىپ، بولۇپمۇ بىگىز بارمىقىنى تەڭلە ..
دەرىجە: كۇلۇب باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 8
ئومۇمىي يازما: 387
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە387دانە
ئۆسۈش: 10650 %
مۇنبەر پۇلى: 11210 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-18
ئاخىرقى: 2011-10-21
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-01-08 02:00

ئابدۇللا ئابدۇرىھىم ئاكىغا كۆڭلۈمدىن ..................

ئەسكەرتىش: بۇ يازما kangsay تەرىپىدىن نادىرلاندى(2011-02-16)


ئەسسالاموئەلەيكوم ئابدۇللا ئابدۇرىھىم ئاكا ،! ياخشى تۇرىۋاتامسىز ؟ مەن ۋە بارلىق سىزنىڭ ناخشىلىرىڭىزنى سۆيۈنۈش ئىچىدە ئاڭلاپ كېلىۋاتقان ئاڭلارمەنلىرىڭىزدىن سىزگە ۋە سىزنىڭ ئائىلڭىزگە ئۇلۇغ ئاللادىن تىنىچ-ئامانلىق ۋە خاتىرجەملىق تىلەيمىز .....

بولوپمۇ مەن بولوش سۈپىتىم بىلەن سىزنىڭ ئۇزۇندىن  بېرى ئېيتىپ كېلىۋاتقان تۇرمۇشىۋى چوڭقۇرلۇققا ئېگە باي مول مەزمۇنلارغا تويۇنغان مۇھەببەت تېمىسىدىكى لېرىك كۈيلەرگە ھەمدەم بولغىنىمدىن ئىنتايىن مەمنون بولىمەن .سىز ھەر بىر ناخشىنى خۇددى يۈرىكىڭىزدىن سۇغۇرۇپ چىقىرۋاتقاندەك ئېيتامسىزكىن ياكى ئۆز ئاۋازىڭىزنىڭ تۇغما ئاھاڭلىق ياخشى چىققانلىقىدىن شۇنداقمۇ ،ئىشقىلىپ مەن ياقتۇرمىغان بىرمۇ ناخشىڭىز يوق دەپ ئويلايمەن . ئەلۋەتتە ھاياتىڭىزدىكى پەقەت بىرلا قېتىم ئىيتقان ۋە ياكى بىرلا قېتىم شۇنداق چىققان مەن ئۈزۈمگە بولغان جەھەتتىن ھېسسى دۇنيارىمغا سەل ئېغىر كەلگەن <<چۈمبىلىڭنى قايرىۋەت >> دېگەن ناخشىڭىزدىن بۆلەك ھەر قانداق بىر ناخشىڭىزنى تولىمۇ مۇۋەپپىقىيەتلىك دەپ ئويلايمەن . بۇ پەقەت مېنىڭ كۆز-قارىشىم بەلكىم باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشالماسمەن ،ئەمما مەن ئۈزۈم نامىدىن سىزگە چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن . سىزنىڭ ھەر-بىر ناخشىڭىز مېنىڭ يۈرەك تارىمدا ھېلىھەم تىتىرەپ تۇرۇپتۇ ... <<سۆيۈلمىگەن قىز >> <<ئۇۋالىم >> <<تۇنجى سۆيگۈ >> <<خىيالدىكى سۆيگۈ>> <<تاپارمەن >> <<شېرىن ئەسلىمە >> <<تەنھا سۆيگۈ>> <<سىزنى ئەسلىدىم >> ...........ۋايۋۇي ئىشقىلىپ قايسى بىرىنى ئاڭلىسا ئادەمىنىڭ يۈرەك تارى چېكىلىپ كىشىنى بىر ئاز بولسىمۇ دۇنيانىڭ قالايمىقانچىلىقلىرىدىن نېرى قىلىدۇ ...

مەن كونىسىدىن تارتىپ يېڭىسىغىچە بىردىن-بىر ياقتۇرۇپ ئاڭلاپ كېلىۋاتقان ئاڭلارمىنىڭىز ...

ناخشا ساھەسىدە ئاز بىر قىسىم سىز سۈپەت ياكى سىزگە يانداش بولغان ناخشىچىلىرىمىزدىن بۆلەك تولىسىنىڭ  قاملاشمىغان ناخشىلىرىنى ئاڭلىماسلىق نىيىتىدە قۇلۇقۇمنى يۇپۇرۋالىمەن . چۈنكى ناخشا دېگەننى يۈرەكتىن سۇغۇرۇپ چىققاندەك ئېيتمىسا ئەلۋەتتە قارىشى تەرەپنىڭ يۈرىكىگە تەگمەيدۇ دەپ ئويلايمەن ..مۇشۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە سىزنىڭ <<ھېچقاچان >> دىگەن ناخشىڭىزنى ئاڭلاپ سىزگە تۇرۇپلا سالام ئېيتىپ يۈرەك سۆزۈمنى ئېيتىۋالغۇم كىلىپ قالدى ..ئەمىليەتتە مەن سىزنى دائىم ئۇچىرتىپ تۇرىمەن ، سىزنىڭ ئەخلاقى ساپاسى يۇقۇرى ، كىشىگە بولغان مۇئامىلىڭىزنىڭ شۇنچىلىك ئازادە ۋە يورۇق ئىكەنلىكىنىمۇ بىلىمەن .ھەم شۇنداقلا ئۆزىڭىزنىڭ يۈرەك پارىسى بولغان پەرزەنتىڭىزنى ھەم ئۆزىڭىز سۈپەت ھەم ئەخلاقى پەزىلەتكە ياراشقان ھەقىقى يۇسۇندىكى ئۇيغۇر پەرزەنىتلىرىنىڭ قاتارىدا تەربىيلەپ چىقالايدىغانلىقىڭىزغا  مەن ۋە بىزلەر بولغانلارنىڭ ئىشەنچى تولوپ تۇرۇپتۇ . چۈنكى ئازغانلار ئەلنىڭ ئاغىزىدا بۇلاقتەك كۈۋەجەپ تۇرغان مۇشۇ مىنۇتلاردا سىزگە كۆپلەپ تەششەككۆرۈمنى ئېيتقاچ تەشۋىشلىرىمنىمۇ ئالغاچ كىلىپ سىزگە بالدۇرراق سۇنىۋىلىشقا ئالدىراپ كەتتىم . خەلىق سۆيۈنگەن ۋە سۆيگەنلەرنىڭ شۇ سۆيىنىۋاتقان خەلىقىنڭ ئۈمۈدىنى يەردە قويماسلىققا پەقەت ساناقلىق سىز ۋە بىرنەچچيلەنلا قېلىۋاتقان بۇ كۈنلەردە ئىشەنچىمىزنى يەردە قويماسلىقىڭىزغا تىلەكداشمىز .

ئۇيغۇر دىمەك قېرىنداش دېمەك ، يامان يولدا مېڭىۋاتقان ، ياكى ياخشى يوللاردا كىشىلەرگە نەپ بېرىۋاتقان بارلىق ئاكا -ھەدىلىرىم ،ئىنى-سىڭىللىرىم مېنىڭ ۋە بىزنىڭ قان-قېرىنداش تۇققانلىرىم ،ۋۇجۇدۇم دەپ ئويلايمەن ..

ھەر -بىر ناخشىلىرىڭىزنىڭ تېگىدە يۇرتىڭىزغا ۋە خەلىقىڭىزگە چوڭقۇر مېھرى -مۇھەببىتىڭىز بارلىقىنى ھېس قىلىۋىلىش تەس ئەمەس . شۇڭا ناخشىڭىزنى چوڭمۇ ،كىچىكمۇ ،ھەممەيلەن ياقتۇرۇپ ئاڭلايدۇ ،قۇلىقىغا ياقىدۇ .  ئازىراق بولسىمۇ تۇرمۇشنىڭ يان تەرەپلىرىنى ھېس قىلىپ يىتەلەيدۇ  . بۇ مىنىڭ كۆز-قارىشىم بەلكىم مىنىڭدىنمۇ يۇقۇرى ئورۇندا ناخشىڭىزنىڭ مەزمۇنىغا چۆككەنلەر كۆپتۇ ...

ئاخىردا سىزگە ئىلتىجا قىلىدىغىنىم : ھەرگىز ئېزىپ قالمىغايسىز ، سىز ۋە ئايالىڭىز ،پەرزەنىتلىرىڭىز بولغان شۇ ئىناق-ئىجىل ئائىلىڭىزنىڭ خۇشپۇراق گۈللەرگە تېخىمۇ پۈركىنىپ شۇ گۈللەرگە پۈركەنگەن ئائىلىۋى مۇھىتىڭىزنىڭ جەمىيەتكە تېىخمۇ تەربىيىۋى مەزمۇنلارنى سوۋغا قىلىشنى ئۈمۈت قىلىمەن . بەلكى ھوقوق ،مال-دۇنيا كىشىنىڭ قەلبىنى  تاشقى جەھەتتىن رەڭگارەڭ ھەۋەسلەرگە رەھىمسىزلەرچە باشلاپ كېتىۋاتقان مۇشۇ رىئاللىقتا سىزگە  ئېزىش قەدەھلىرىنىڭ سۇنۇلماسلىقى  يىراق ئەمەس . ئەمما مەن ۋە بىز بولغان سىزنى ياخشى كۆرگۈچىلەر سىزنىڭ بۇ قەدەھلەرنى قولىڭىزغا ئالمايدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىدۇ ،شۇڭا بۇ تەرەپلەردىكى ئۈمۈدىمىزنى ھەرگىز يەردە قويمىغايسىز ...بىز ئىشەنگەن ۋە پەخىرلەنگەن پەخىرلەنگۈچىلىرىمىز ئۈمۈتلىرمىزنى يەردە قويوپ ئاز بولمىغان خاپىچىلىقلارغا سالغان كىشىلىرىمىزنىڭ ئەيىبى سىزگىمۇ يۇقۇپ قالمىسۇن .!! .. يات ئەللەرگە ياكى يات مىللەتلەرگە ياخشى ئىپادىمىز بىلەن تونۇلۇپ ئاز بولسىمۇ ئۆزىمىزدىن سۆيىنەيلى ياكى ئۆزىمىنى سۆيۈندۈرەيلى دەپ تىركىشۋاتقان مۇشۇ مىنۇتلىرىمىزدا يۈزىمىزگە كۈل چېچىۋاتقانلار چىققانلىقتىن سىزدىن ۋە سىزگە يانداش بولغان ۋە ياكى سىزدىنمۇ ئارتۇق بولغان سۆيۈنگۈچىلىرمىزدىن ئەنسىرەپ قالدۇق . مىللىتىمىزنى سىز ياكى مىللەت ئۈچۈن كۈچ چىقىرۋاتقانلار دۇنياغا تونۇتۇۋاتقانلىقى ئۈچۈن ياكى سىلەرنىڭ ئىش-پائالىيەتلىرىڭلار ئارقىلىق دۇنياغا تونىلىدىغانلىقى ئۈچۈن ، بۇ خەتنى سىز ئەمەس سىز بىلەن بىرگە ھەممەيلەنگە ئورتاق يېزىۋاتقانلىقىم ئۈچۈن سىلەرنىڭ بۇرچۇڭلار بەك چوڭ دەپ ئۈزۈم سىزدىن كىچىك بولساممۇ ئاتىكاچىلىق قىلىپ قويدۇم ..بەلكىم بۇ تېمامنى سىز كۆرىشىڭىز مومكىن ۋە ياكى كۆرەلمەسلىكىڭىز مومكىن ..ئەڭ بولمىغاندا ئاڭلاپمۇ قالارسىز ... ۋە يەنە مەن ۋە تور ساھەسىدىكى بارلىق پىكىر قىلغۇچى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ نىمە دىمەكچى بولغانلىرىنى بۇ يازمىلارنىڭ كەينىدىن ئۇچۇرتۇپ قېلىشىڭىز مومكىن ...ئاخىردا ...يەنە دىسەم يەنە تۈگىمەيدىغان ئاخىردا .سىزگە ۋە ئائىلىڭىزگە ۋە بارلىق قېرىنداشلىرىمىزغا ئۇلۇغ ئاللادىن تىنىچ ئامانلىق ۋە ئىسلامى ئېسىل ئەخلاقى پەزىلەت ، مەڭگۈ ئۆچمەيدىغان نۇرلۇق ئىماننى تىلەيمەن ...چۈنكى ئىمان  دۇنيادىكى ئەڭ ئەقەللى يۈكسەك ئەخلاق-پەزىلەتنىڭ بۆشىكى ،تىنىچ-ئامانلىقنىڭ يۇقۇرى نوقتىسى ، پاكلىقنىڭ ئەڭ سۈزۈك جۇلاسى .. ............

دەپ: غەيرەت 828


]
باھالاش خاتىرىسى:
  • مۇنبەر پۇلى:+3(sirik) مۇنەۋۋە ماقا ..
  • دەرىجە: رەسمىي ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 51
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 172
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە172دانە
    ئۆسۈش: 309 %
    مۇنبەر پۇلى: 1249 سوم
    تۆھپىسى: 1 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-05-30
    ئاخىرقى: 2011-10-13
    يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-01-08 09:48

    ياخشى يىزىپسىز سىز بىلەن پاراڭلاشقىم بار چ چ 1498843967