ئۆمۈر قىسقا ئىنساننىڭ دىگەن
ئۆمۈر قىسقا ئىنساننىڭ دىگەن،
بۇ دۇنياغا تۆت كۈنلۈك مىھمان .
شۇ ئۆمۈردە قالسا شانلىق ئىز ،
نامى مەڭگۈ ئۆلمەيدۇ ھامان .
تۇرمۇش سەھنە ئىنسانلار ئارتىس ،
رولنى ئۈزى تاللاپ ئالىدۇ .
ھاياتىدا قالسا سەلبى ئىز ،
ئۆلگەندىمۇ لەنەت ياغىدۇ .
ئۆز قۇلىدا بارچە ئادەمنىڭ ،
كەلگۈسى ھەم بەخت ئامىتى .
ۋەيرانلىقمۇ ھەم ئۆز قۇلىدا ،
بەلگىلەيدۇ باسقان قەدىمى .
ئازابىنى تەقدىردىن كۆرۈپ ،
زارلىغانلىق ناداننىڭ ئىشى .
ئۆزى ئېزىپ شەيتانغا ئارتىپ،
پايدا ئاپتۇ قايسى بىر كىشى .
يېتىرقايدۇ بەخىت ئامەتمۇ ،
ئەگەر ئادەم بولسا تىرىكتاپ .
ئۆزى ئۈچۈن ئويلاپ تۇرمىسا ،
بىر جېنىغا تەييار مىڭ ئازاپ .
ئېچىلمايدۇ بېغىدا گۈللەر ،
ئارمانلىرى قالسا بېسىقىپ .
غەيرىتىدىن تاپمىسا شەرەپ ،
قالار بىر كۈن غېرىپلىق بېسىپ .
ئۆمۈر دىگەن ئۆتكۈنچى يامغۇر ،
قەدىرلەيلى مىنۇت سىكونتنى .
غەيرەت ، غورۇر جۆر بولسۇن بىزگە،
دەرىت ئەلەمدىن غالىپ ياشايلى .
مەنبە : قەلىمىم