ھىجىران چوقانلىرى(2)
سەن ماڭا «خوش» دېگەن ئاشۇ دەقىقە ،
ياشلىرىم كۆزۈمدىن ئاقتى تاراملاپ .
گۈركىردى قەلبىمدە دەھشەتلىك بوران ،
بۇ سۆزنى ئېيتمىغىن ئەمدى قايتىلاپ .
سەن ماڭا «خوش» دېگەن ئاشۇ دەقىقە ،
تىلغىدى يۈرەكنى ئاچچىق شىۋىرغان .
ئىسمىڭنى زىكرى قىپ يۈرگەن چېغىمدا،
قايتىدىن قىينىدى يۈرەكنى ھىجران .
سەن ماڭا «خوش» دېگەن ئاشۇ دەقىقە ،
ياش تۆكتى،مۇڭ بىلەن بېشىمغا ئاسمان.
ئىچىمنى غاجلاپ ئون مىڭ تۈمەن قۇرىت،
مەڭزىمنى تىلغىدى ئاچچىق شىۋىرغان .
سەن ماڭا «خوش» دېگەن ئاشۇ دەقىقە ،
بوپ قالدىم بىر ئاچچىق زەھەر يۇتقاندەك .
تۇيۇلدى كاللام،ھەم ئىچىم قوپقۇرۇق ،
ئايرىلىش بېلىندى ئۆلىۋاتقاندەك .
سەن ماڭا «خوش» دېگەن ئاشۇ دەقىقە ،
بىر ئېگىز دەرەخكە ئېسىلدى تىنىم .
ئەگەر سەن سەزمىسەڭ مېنىڭ قايغۇمنى ،
ھەسرەتلىك ھالىمنى سەزمەيدۇ ھېچكىم .
سەن ماڭا «خوش» دېگەن ئاشۇ دەقىقە ،
ھەسىرتىم ئوت بۇلۇپ ياغدى ئاسماندىن .
يولىڭغا زارىقىپ ئۆتەرمۇ كۈنۈم ،
كېچەلمەي سەن ئۈچۈن قۇرغان ئارماندىن .
سەن ماڭا «خوش» دېگەن ئاشۇ دەقىقە ،
مەۋجۇدات بەك مۇڭلۇق سېزىلدى ماڭا .
تېنىمدىن ئايرىلىپ قالغاندەك روھىم ،
ماڭدىم مەن بىر قارا زۇلمەت قوينىغا .
سەن ماڭا «خوش» دېگەن ئاشۇ دەقىقە ،
قەلبىمدە شىددەتلىك ئاقتى كەڭ دەريا .
ھېچكىم يوق تارتارغا قولۇمدىن يۇلۇپ ،
داۋالغۇپ يۆرۈيمەن دولقۇنلار ئارا .
سەن ماڭا «خوش» دېگەن ئاشۇ دەقىقە ،
تويۇلدى كەڭ ئالەم پايانسىز قۇملۇق .
تەنھالىق چىرمىغان قەلبىملا ھەمرا ،
يوقالدى مەندىكى شىرىن كۈي، شوخلۇق .
سەن ماڭا «خوش» دېگەن ئاشۇ دەقىقە ،
ھېسلىرىم توڭلىدى قاتتىق مۇز بۇلۇپ .
كەتتىڭ سەن «خوش»دېدىڭ پۇللاڭلىتىپ قول ،
مەن قالدىم بەك ئېغىر ئاچچىق مۇڭ يۇتۇپ .