باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 2173 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: قىزلىرىمىزنى قوغداپ قالايلى ...
دوستلىشىش
gayrat828
ھامان بىر كۈنى .......
دەرىجە: كۇلۇب باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 10
ئومۇمىي يازما: 1420
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1420دانە
ئۆسۈش: 12000 %
مۇنبەر پۇلى: 12909 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-18
ئاخىرقى: 2012-03-30
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-01-03 22:48

قىزلىرىمىزنى قوغداپ قالايلى ...


- ئاداش ئەمىسە شۇنداق بولسۇن، كەچتە كۆرىشەيلى.-؛ پەرھات ئالدىراشلا تىلفۇننى قويۋەتتى. ئۇنىڭ سۆزلىرىنى يېرىم-ياتا ئاڭلىغاچقىمۇ ياكى پەرھات سۆزلرىنى ئىتتىكرەك ئىيتىۋەتكەچكىمۇ ئۇنىڭ سۆزلىرىنى تازا ئاڭقىرالمىدىم. لىكىن ئۇ مىنىڭ "ماقۇل" ياكى "ياق" دىيشىمنى كۈتمەستىنلا "ئەمىسە شۇنداق بولسۇن" دىگىنىچە تىلفۇننى قويۇۋىتىپ بولغانىدى. مەن ئىشلىرىمنى تۈگىتىپ بولغىچە قۇياشمۇ تاغ كەينىگە مۆكۈشكە ئالدىراپ قىلۋاتاتتى. شۇ ئەسنادا دەرۋازا ئالدىدا توختىغان ماشىنا سىگىنال بىرىپ كەينىدىنلا پەرھات كىرىپ كەلدى.
- تىخىچە تەييار بولمىدىڭمۇ ئاداش، كىممۇ ئىسمىڭنى تۇرسۇن قويايلى دەپتىكىن، پىسى پوق ئاداش. پەرھات خۇددى يىراق سەپەرگە چىققان يولۇچى "قاتناشتىن قالارمەنمىكىن" دەپ ئەنسىرەپ تىت-تىت بولۋاتقاندەك جىلە بولىۋاتاتتى.
- مانا ئادەش، ھازىرلا تەييار بولىمەن. نەگە باراتتۇق بۇنچە ئالدىراش. بايام قىلغان تىلفۇندىنمۇ ھىچ نىمىنى چۈشۈنەلمەي قالدىم.- دىدىممەن پەرھاتقا.
- نەگە بولاتتى، نۇرنىڭ ئۆيىگە بارىمىز، ئۇ بىزنى ئۆيىگە چىللاپتۇ.
- قايسى نۇر ئۇ؟
- سەن تونۇمايسەن، لىكىن سىنى تونۇيدىكەن بىرگە ئىلىپ كەل دىۋىدى.
مەن ھاپلا- شاپلا كىيملىرىمنى ئالماشتۇرۇپ، يۈز – كۆزلىرىمنى سىيپاپلا چالا – پۇلا يۇيۇپ مەن ئۈچۈن ناتونۇش بولغان ساھىپخاننى ساقلىتىپ قويماي دەپ ئالدىراپلا تەييار بولدۇم. ھەش – پەش دىگۈچە قوش قاناتلىق، تاملىرى ئىگىز سىلىنغان ھويلا ئىچىگە قەدەم باستۇق.
ئۆي ئىگىسى قارامتۇل، تەمبەل كەلگەن كىشى بولۇپ قويۇۋالغان بۇرۇتى خۇددى پاكىستان ھىكايە فىلىمى" مىراسخور " دىكى موللىداتنىڭكىدىن قىلىشماي، غورا يىگەندەك تۈرۈلۈپ تۇرىدىغان چىرايىنى تىخىمۇ سۈرلۈك كۆرسىتۋەتكەنىدى. نۇر بىزنى ئاددىيلا سەرەمجانلاشتۇرۇلغان مىھمانخانا ئۆيگە باشلىدى.
- قېنى مىھمانلار ئېلىڭلار. قىنى تۇرسۇن ئېلىڭ. دوستىڭىز پەرھات مېنىڭ يىقىن دوستۇم، ئۇنىڭدىن سىزنىڭ گىپىڭىزنى تولا ئاڭلايتتىم. مانا بۈگۈن كۆرىشىش نىسىپ بولۇپتۇ. قىنى تاماققا مەرھەمەت.- ئۆي ئىگىسى نۇر ئالاھىتەن تەييارلاتقان تائاملارنى جوزا ئۈستىگە قويغاچ تاماققا تەكلىپ قىلدى. ئەتىگەندىن بىرى جاپالىق ئىشلىگەچكىمۇ كەچ كىرىشى بىلەن قورساقمۇ تازا كوركىراپ كەتكەنىدى. مەن جوزا ئۈستىدىكى تاماقلارنى تارتىنمايلا يىيىشكە باشلىدىم. تاماق يىيىلىپ تۈگەشكە ئاز قىلىۋىدى. ئۆي ئىگىسى نۇر پەرھاتنىڭ قۇلىقىغا يېقىن كېلىپ بىر نىمىلەرنى پىچىرلىدى. پەرھات كۈلۈمسىرەپ ماڭا قارىۋەتكەندىن كىيىن:
- چاتاق يوق. بىزمۇ كۆزىمىزنى ئېچىپ باقمامدۇق.- دىدى.
-ئۇنداقتا مەن يەنە بىرىگە تىلفۇن قىلاي.- دىدى نۇر پەرھاتقا.
- ئۇلار ئۆزلىرى قىلسۇن. دوستىدىن بىرنى ئۆزى تاپسۇن-:
مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بولۇپ ئۆتكەن ئاددىيغىنە بۇ سۆھبەتنىڭ تېگىنى بىلمەي گاڭگىراپ تۇرۇۋىدىم، نۇر ماڭا قاراپ.
- قىنى تۇرسۇنجان ماۋۇ ئۆيگە مەرھەممەت قىلىپ بىردەم ھاياتنىڭ پەيزىنى سۈرگەچ پاراڭلىشايلى:- دىگىنىچە مىھمانخانىنىڭ ئارقا تەرىپىدىكى ئىچكىرى ئۆيگە باشلاپ ماڭدى. ئۆينىڭ ئىشكى ئىچىلىش بىلەن سىسېق بىر پۇراق دىمقىمغا ئۇرۇلۇپ نەپسىمنى بوغۇپ قويدى. بۇمۇ بەس كەلمىگەندەك ئۆي ئىچىدىن چىققان قاڭسىق ئىس – تۈتەك كۆزلىرىمنى ئېچىشتۇرۇپ، باشلىرىمنى قايدۇرۇپ كۆز ئالدىمنى قاراڭغۇلاشتۇرۋەتتى. دىمىقىم سىقىلىپ پەقەتلا بولالماي قاتتىق يۆتىلىپ كەتتىم...
- تۇرسۇنجان قېنى كىرىۋىرىڭ. بىردەم ئولتۇرسىڭىز ئوڭشىلىپ قالىسىز.
- نىمە بۇ؟ نىمانچە سېسىقچىلىق؟- دىدىممەن ئاۋازىمنى ئارانلا چىقىرىپ. ئاڭغىچە پەرھات قولۇمنى يۆتىلەپ ئاللا بۇرۇنلا مېنى ئۆي ئىچىگە ئەكىرىپ بولدى. ئۆي ئىچىدە 19 – 20 ياشلار قارىسىنى ئالغان. كىيىنىشى، چاچ پاسونى ھازىرقى زاماندا "مودا" دەپ ئاتىلۋاتقان قىزلاردەك " ئالاھىدە" لىكى گەۋدىلەنگەن ئىككى قىزچاق ئولتۇراتتى. ئۇلارنى بىر كۆرۈپلا " غەربكە ساياھەت" فىلىمىدىكى جىن – شاياتۇنلار ئىختىيارسىز كۆز ئالدىمغا كېلىۋالدى. ئۇلارنىڭ چىرايىغا ماس كەلمىگەن گىرىمى، ئەخلاق ۋىجدانىنى دىمىسىمۇ لىكىن بوي تۇرققا ماس كەلمىگەن يىرىم – ياتا يالىڭاچ بەدىنىنى ئورىيالمىغان (يۆگىيەلمىگەن) كىيملىرى ئۇلارنى بەئەينى ئالۋاستىلارغا ئوخشىتىۋەتكەنىدى.
-ئوھوي، كىلىڭلار يىگىتلەر، بىزنى نىمانچە تەقەززا قىلىسىلەر؟-: قىزلار بىزنى كۆرۈپلا ئورنىدىن تۇرۇپ قىلىق چىقىرىشقا باشلىدى.
- بۇ يەردە يىڭى مىھماندىن بىرى باركەن بۇ مېنىڭ جۇمۇ؟
- داۋاملىق يىڭىسى سېنىڭ بولاۋىرەمدۇ، بۇ دورەم بۇ يىگىت ماڭا مەنسۇپ.
- ماڭاۋەي، نەپسى تويمىغۇر جالاپ، داۋاملىق مەندىن يىگىت تالىشامسەن.
ماۋۇ پىتلىق پاسكىنىنىڭ گېپىنى. بوپتۇ بۇ يىگىت ساڭا قالسۇن بولامدۇ جالاپ؟ كىيىنكى قېتىم ئۇنداق بولمايدۇ.
-خاتىرجەم بولە جالاپ:
-....
قىزلارنىڭ ئاخىرقى سۆزلىرى قۇلىقىمغا كىرمەيتتى. يۈزلىرىم قىزىرىپ كېتۋاتاتتى. ئۇلارغا سۆز قىلىشنى ئويلىدىم. لىكىن بوغۇزۇمغا بىر نىمە كەپلىشىپ قالغاندەك بولۇپ نىمە دىيشىمنى بىلەلمەي ئارانلا
- بولدى قىلىڭلار. مەن ھىچقايسىڭلارغا تەۋە ئەمەس.- دىيەلىدىم. سۆزۈمنى ئاڭلىغان قىزلار چۇرقىرىشىپ كەتتى.
- ۋىييەي نۇر، بۇ دوستىڭىز نىمانچە تارتىنچاق.
- نۇر بۇ دوستىڭىز بىزنى ياراتمايۋاتامدۇ نىمە؟
نۇر دولىسىغا ئەركىلەپ ئېسىلۋالغان قىزلارنىڭ يۈزىگە ئېغىزىدىن چىقىۋاتقان ھالقىسىمان ئسىنى پۈركىۋەتكەندىن كىيىن :
- ئۇنداق ئەمەس، بۇ دوستۇم تۇرسۇنجان بولىدۇ. ئۆزى تارتىنچاق. سىلەردەك كەيىپ-ساپادا يوق. ئۇ توغرا ئىيتىدۇ. ئۇ سىلەرگە مەنسۇپ ئەمەس. سىلەر ياخشىراق دوستۇڭلاردىن بىرىگە تىلفۇن قىلىڭلار. دوستۇم بىلەن تونۇشۇپ قالسۇن.
نۇرنىڭ سۆزى تۈگىشى بىلەن قىزلار بىر – بىرىگە قارىۋەتكەندىن كىيىن، تېلفۇننى قولىغا ئالدى.
- بولدى قىلىڭلار. مېنىڭ بىرسى بىلەن تونۇشقۇم يوق، تىلىفۇن قىلماڭلار.
- ۋىييەي تۇرسۇنجان. ئىككى قىز، ئۈچ ئوغۇل ئولتۇرامدۇق ھىلى بىزنى تالىشىپ ئۇرۇشۇپ قالماڭلار. ئەڭ ياخشىسى بىرسىنى چاقىرايلى.
- ئۇنداق ئىش يوق. مەن بىرىسى بىلەن قىز تالىشىپ ئۇرۇشۇپ....-: سۆزۈمنىڭ ئاخىرىنى پەرھات ئۈزۈۋەتتى.
- بولدى قىل تۇرسۇنجان، ئۇلار دوستىدىن بىرنى چاقىرسۇن بىزمۇ بىردەم پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ قايتىپ كېتىمىز. – ئۇ شۇنداق دىگىنىچە مېىنى سىرتقا سۆرەپ ماڭدى.
-ئاداش تۇرسۇنجان ئۇزۇن بولدى، ئىشلەپ ھارغانسەن. بۇ قىزلار ئېغىزىدا ھەر نىمە دىگەن بىلەن كۆڭلى ياخشى، مېنىڭ يۈزۈمنى قىلىڭلار. مەنمۇ سېلىنى ھەرگىز ناچار كىشىلەر بار يەرگە ئىلىپ بارمايمەن.
- لىكىن ئاداش مەن....
- بولدى. ماقۇل دەڭلار. يۈرۈڭلار كىرىپ كېتىمىز.-: پەرھات قولۇمنى يۆتىلەپ يەنە ئۆيگە كىردى. ئۆي ئىچىگە كىرىشىمىزگە قىزلارنىڭ بىرىنىڭ قۇلاق تۈۋىدە تىلفۇن تۇراتتى.
- ئاداش. خاتىرجەم بول. بۇ بالا بەك يۇۋاش. ئەمما سەل ياۋايى ئىكەن. سەن ئۇنداقلارنى ئاسان كۆندۈرسەنغۇ؟.... ھە. شۇنداق. بولدى خاتىرجەم بول ... تىزرەك كەل ھە... ۋاي خاتىرجەم بولە مانا مەن بارغۇ... ئەمىسە سەل تۇرۇپ كۆرىشەيلى ھە .... خوش، بەي – بەي.
ئارىدىن 10- 15 مىنۇتلار ئۆتكەندىن كىيىن نۇر 17-18 ياشلار چامىسىدىكى چىرايلىق، پۇزۇر ياسىنۋالغان بىر قىزنى باشلاپ كىردى. ئۇ كىرىشى بىلەن بىردەم بولسىمۇ سۈكۈتتە تۇرغان قىزلار چۇرقىرىشىپ، ئىڭەكلىرىنى بىر – بىرىگە يېقىشىپ سالامغا چۈشۈشتى.
-ئاران كەلدىڭ ئاداش.- دىدى ھىلىقى ئىككى قىزنىڭ بىرى .
- قارا ئاداش بۈگۈن سېنى دىمىگەن بولسام ھەرگىز كەلمەيتتىم.
- مېنى ئەمەس بۇ ياۋايى يىگىتنى دەپ كەلگەنسەن ھە قاچان؟
- ماڭاۋەي قىلىن.
- يالغاندىن ئىزا تارتقاندەك بولۇۋالمىغىنەي پاسكىنا.
- ماۋۇ قانجۇقنىڭ گېپىنى.
-....
مەن تېخى كىيىن كەلگەن قىزنى خېلى ئەدەپ بىلەن سۆز قىلىدىغان ئوخشايدۇ دىسەم بۇمۇ بىردەمدىلا" پاسكىنا، قانجۇق" دىن ئېغىز ئىچىپ كەتتى.
سورۇندىكى مەندىن باشقىلارنىڭ ھەممىسى بىر تالدىن تاماكىنى قىيسىق چىشلەپ ئولتۇراتتى.( قىزلارمۇ بۇندىن مۇستەسنا ئەمەس ئىدى) ئۆي ئىچىنى يەنە تاماكىنىڭ ئىسى بىر ئالدى. مەن پەقەتلا تىنالماي يۆتىلىپ كەتتىم.
- تۇرسۇنجان يۆتىلىپ كەتتى. بىردەم تاماكىنى ئۆچۈرۋىتەيلى.-: دىدى نۇر.
- ئەمىسە بىر ئازدىن ئىچىشكەچ ئولتۇرايلى – قىزلاردىن بىرى شۇنداق دىيىشىگلا قالغان ئىككىسىمۇ
- بۈگۈن چىلاشقۇدەك تازا بىر ئىچىشمەيمىزمۇ؟
-قۇلاق مىدىرلىغۇدەك ئىچىشمىسەك ھىساپ ئەمەس –: دىگىنىچە دەسلەپتە" ئىچىش" گىپىنى قىلغان قىزنىڭ سۆزلىرىنى قۇۋۋەتلىدى.
قىزلارنىڭ سۆزلىرى تۈگەپ بولغۇچە نۇر دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ ياندىكى تامغا قويۇلغان ئىشكاپنى ئېچىۋىدى بەئەينى بىر " ھاراق- تاماكا ماگىزىنى" كۆرۈنۈپ كەتتى. ئۇ ئىشكاپتا ھەرخىل ھاراق، ھەر تۈرلۈك تاماكىلار لىققىدە تىزىقلىق تۇراتتى.
- ۋاھ چاۋشىنىڭ ئۆزىغۇ بۇ.
- نۇر ئەجەپ پەيزىڭىز بار جۇمۇ جېنىم؟
- قېنى نىمە ئىچىسلەر؟
- تۇرسۇنجان يىڭى مىھمان، ئۇنىڭدىن كەلسۇن.!-
كىيىن كەلگەن قىز ھۆل تامغا ئىشەك تەپكەندەكلا مىنى چىشلەپ تارتىپ مېنى ئوڭايسىزلىقتىن تېخىمۇ جىلە قىلىپ قويدى. راست گەپنى قىلسام ھاراق، تاماكنىڭ گېپى چىقسىلا ئۇ خۇددى مېنىڭ كۈشەندەمدەك، ئولتۇرغان ئورنۇمدا تۇيۇقسىز مىخ پەيدا بولۇپ قالغاندەك ئورنۇمدىن چاچراپ تۇرۇپ كېتەتتىم. لىكىن ھازىر پەرھاتنىڭ كۆڭلىنى دەپ كاسىسىغا ھۆل كېسەك قويغان كىشىدەك تەخىر قىلىپ ئولتۇرۋاتاتتىم. بۇ گەپكە نىمە دەي، قاتتىق گەپ قىلسام مەن دىگەن يىڭى كەلداخۇن باشقىلار مىنى مىھمان قىلىمەن دەپ مەندىن رەنجىمىسۇن ياخشىسى ئۇلارنىڭ گىپىنى ئاڭلىمىغان بولۇپ ئولتۇرمايمۇ؟
- ۋىييەي تۇرسۇنجان گەپ قېلىڭە! ئاسىدەمنىڭ سىز بىلەن ئىچىشكۈسى بار ئوخشايدۇ. قىنى....
- نىمە قىنى؟ مەن ئىچمەيمەن، ئۆزۈڭلار نىمە ئىچسەڭلار مەيلى. ئاچچىغىمدا ماڭا ئەركىلەۋاتقان ھىلىق " جىن – ئالۋاستى" نىڭ گېپىنىڭ قاپ بىلىگە تەپتىم. ئۇنىڭ ئەركىلەشلىرى مىنى بىزار قىلغانىدى.
- تۇرسۇن بولدى چېچىلماڭلار. قىزلار سىلەرمۇ بولدى قىلىڭلار. تۇرسۇن ئەزەلدىن ھاراق ئىچمەيدۇ. ئۇنى خىجىل قىلماڭلار، قېنى ئۆزىمىز ئىچىۋىرەيلى... – پەرھات مېنىڭ چېچىلىپ قالغىنىمنى كۆرۈپ ئارىغا چۈشتى.
بىردەمدىلا داستىخان ئۈستىگە «ئىلى ئالاھىدە ھارىقى» دىن ئىككى بوتۇلكا سەكرەپ چۈشتى. سورۇندىكى كەيپىيات مىنى بىر قىسمىلا ھالغا كەلتۈردى. ئاتا – ئانام ماڭا كىچىكىمدىنلا تەكىتلەپ كىلۋاتقان پەزىلەت ۋە دىيانەتنىڭ نەلەرگە ئۇچۇپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلالمىدىم.«كېتىش كىرەك» تۇيۇقسىزلا كاللامدىن بۇ خىيال كەچتى. لىكىن پەرھات مىنى نۇرنىڭ ھاۋالىسى بويىچە چاقىرتقان ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتسەم بولمايتتى. پەرھاتنىڭ مىنى بۇنداق سورۇنغا باشلاپ كىلىشنى خىيالمۇ قىلمىغان ئىدىم. ھەي! دىيانەتسىزلىك، پەزىلەتسىزلىكنىڭ كىشىگە قاچان پايدىسى تەگكەن. پەرھات خەپ سېنى.......
- تۇرسۇن سىز بەكلا جىمغۇرغۇ؟- نۇر تۇيۇقسىز مەندىن سورىدى.
-ياقەي ئۇنداق ئەمەس.
- يۈرۈڭ. سىرتقا چىقىپ كاللىمىزنى سەگىتىپ كىرەيلى.
- بولدى. سىز ئولتۇرىۋىرىڭ . مەن ئۆزۈم چىقىپ كىرەي.
- بىرگە چىقايلى سىزگە دەيدىغان گەپ بار.
- كىيىن دەڭ. ھازىرچە جىق گەپ قىلىشمايلى. مەن چىقىپلا كىرەي.
- بولىدۇ. ئەمىسە تىزرەك كىرىڭ ھە!.
ھاراقنىڭ تەسىرى ئاللىقاچانلا نۇردا كۆرۈلۈپ بولغانىدى. سىرتقا چىقىپ ئۇنىڭ ماڭا مەستلىكىدە قالايمىقان جۆيلىشىنى خالىمىدىم.
- ئاداش تۇرسۇن تېخىچە ئولتۇرامسەن. يۈر كىرىپ كېتىمىز ئۆيدىكى مىھمانلار سېنى ساقلاپ قالدى.
- بولدى قىلە مېنى مۇشۇ يەرگىمۇ باشلاپ كەلدىڭمۇ؟
- خاپا بولما ئاداش، سېنى خۇشال بولامدىكىن دەپ....
- بىكار گەپ قىلما. مۇشۇنداق پاسكىنلار بار يەردە مەن خۇشال بولامدىكەنمەن. مەن ساڭا....
گېپىمنىڭ ئاخىرىنى يۈتىۋەتتىم. چۈنكى نۇر ھىلىقى قىزلاردىن بىرىگە يۆلەنگىنىچە پەرھات بىلەن ئىككىمىزنىڭ يېنىدا پەيدا بولغانىدى.
مانا كارامەت. ئۆي ئىچىگە كىرىپلا ھاڭ-تاڭ قالغىنىمدىن قېتىپلا قالدىم. بايىقى ئىككى، ياق ئۈچ ئالۋاستى ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى ئەپتى بەشىرىسىنى نامايەن قىلۋاتاتتى. خۇددى تورخانىدا تۇيۇقسىزلا ئېچىلىپ قالىدىغان سىرىق تور بەتلەرنى ئىختىيارسىز كۆرۈپ قالغاندەك بولۇپ قالدىم.
ھىلىقى ئۈچ ئالۋاستى ئۆزىنىڭ كىيىملىرىنى پۈتۈنلەي دىگۈدەك سېلۋەتكەن بولۇپ پەقەت مەيدىسىدىكى قىزىل، كۆك ۋە ھالرەڭدىكى بېغىردىقى بىلەن ئۇياتلىق ئەزاسىنى ئارانلا دىگۈدەك يېپىپ تۇرغان كالتە ئىشتانلا قالغانىدى. ھەر قايسىسىنىڭ قوللىرىدا بىردىن غاڭزا بولۇپ چەككەن نەشىنىڭ تەسىرىدىن ئاللا بۇرۇنلا پاڭ بولۇپ بولغانىدى. ئالدىدا ئىچكەن ھاراقنىڭ ۋە نەشىنىڭ تەسىرى بىلەن ئۇلار ئاللا بۇرۇنلا ئۆزىنىڭ ئادىمىيلىكىدىن چىقىپ كەتكەنىدى.
- ۋاي تۇرسۇنجان ئەمدى كىردىڭىزمۇ؟ ئاخىردا كەلگەن ئالۋاستى بىردىنلا ماڭا قاراپ ئېتىلدى. ھەش-پەش دىگۈچە قوللىرى دولامغا چىقىپ بولغانىدى.
-كېلىڭ بىرەر قاپاقتىن تارتىشايلى.
- مېنى قويۇۋىتىڭ. مەندىن نىرى تۇرۇڭ.- ئاچچىغىمدا ئۇنى سىلكىشلىدىم.
- ۋىييەي. بايام تېخى ئىچمەيسىز ئەمدى چەكمىسڭىز، بىردەمدىن كىيىن....
- ئوغۇل بالىدەك بولۇڭە تۇرسۇنجان، بىز قىزلار جېندىمۇ ھاياتنىڭ پەيزىنى سۇرۋاتمايمىزمۇ؟
- كېلىڭ تۇرسۇنجان بىردەم بولسىمۇ خۇشال ياشايلى.
-......
ئۇلارنىڭ ئاغزىدىن ھايۋاننىڭ ئاغزىدىنمۇ چىقمايدىغان سۆزلەر چىقۋاتاتتى. تۇيۇقسىز ئاسىدەم دىگەن قىزنىڭ ئىككى قولىنىڭ دولامغا يەنە ھالقاسېلىشى بىلەن بايا يۇمۇۋالغان كۆزلىرىم ئىختىيارسىز ئېچىلىدى.
- يۈرۈڭ تۇرسۇنجان. ئاۋۇ ئۆيگە چىقىپ ئىككىمىز بىردەم....
-بولدى قىل مىنى قويۋەت....
- ئۇنداق قىلماڭ. ئانىڭىز سىزنى ئوغۇل بالا دەپ تۇغقاندۇ. پەقەت بولمىغاندا كەيىپ-ساپا قىلمىسىڭىزمۇ بىردەم بولسىمۇ ئويناپ كۆڭلىڭىزنى ئېچىپ قويمامدىم.
- ۋىيەي بۇ تازىمۇ كارغا كەلمەس ئىكەن جۇمۇ.
- قاراڭلار يۈزىنىڭ قىزىرىپ كەتكىنىنى.
- ھىلىقى بىر نىمىسى كارغا كەلمىسە كىرەك.
- مەن ئۇنىڭ بىر نىمىسىنى تۇتۇپ باقاي بارمۇ-يوق تېخى.
- ھەي بالاڭزا شىمىڭنى سېلىپ كۆرسىتىپ قويە.
- سەنمۇ ئوغۇل بالىمۇ؟
- ئوغۇل بولساڭ كېلە، قېنى ئەرلىكىڭنى كۆرۈپ باقايلى.
-......
ئۇلارنىڭ ھاھالاپ كۈلۈشلىرى تېخىمۇ غەزىپىمنى قوزغىدى.
دولامغا ھالقا سېلىپ تۇرغان قىزنى ئىتتىرىۋىتىپلا شاپلاق بىلەن كەلتۈرۈپ ئىككىنى سالدىم-دە:
- بولدى ئوغۇل بالا دىگەن سىلەر دىگەندەك بولىدىغان بولسا مەن بۈگۈن ئوغۇل بالا بولمايلا قوياي-: دىگىنىمچە ئالدى-كەينىمگە قارىماي ئۇدۇللا دەرۋازا تەرەپكە قاراپ ئۆزۈمنى ئاتتىم.

<<مەلىكە >>
<< قىزلىرىمىزنى قوغداپ قالايلى ،ئۇلار ئاجىز ، يامان يولغا باشچىلاپ كىرىپ كەتمىسۇن ، كۆڭۆللىرى داغدا يۈرمىسۇن ، قىزلارنىڭ قەلبى نازۇك ،ئۆزىمىزنىڭ ئالدامچى سۈيقەستىلىرىمىزنى نەيرەڭ قىلىپ مەڭگۈلۈك ئازابقا گىرىپتار بولمىسۇن .. شۇنداق يولغا ماڭغان ھەر قانداق بىر قىزنىڭ كەچمىشىنىڭ ئارقا كۆرىنىشىدە ئوغوللارنىڭ مەسئولىيىتى بار ،.. ئىشەنمىسىڭىز شۇنداق يولدىكى بىر قىزنىڭ كەچمىشىنى چىن يۈرىكىڭىز بىلەن تەپسىلى ئاڭلاپ بېقىڭ ... ھەممە بۇرىچ بىز ئوغوللاردا تۇرسا ،ئاجىزلار قانداق قىلىپ بېرەلىسۇن .. >>
خىيالپەرەس ئادەم
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4670
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 125
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە125دانە
ئۆسۈش: 180 %
مۇنبەر پۇلى: 767 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-11
ئاخىرقى: 2012-03-30

   قېرىنداشلار قاچانغىچە قوپمايسىلەر؟ قىززىق قانلىرىمىزنى قۇربان قىلساقمۇ، قىزلارنى قەدىرلەپ، قوغداپ، قىز قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قەدىر- قىممىتىنى قايتۇرىۋالايلى! قىلىقسىزلىققا قارشى قەتئىي قوزغىلايلى!!!

* * * * * * * *
قىزلارنىڭ قەدىر قىممىتىنى قوغداشقا قارىتا قاپىيە قىلىپ قويدۇم، قۇبۇل قىلغايسىزلەر!!!
ئى ئاللا بىر سلگە ئىبادەت قىلمىز ۋە بىر سلدىن ياد ..
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3898
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1123
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1123دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 6025 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-11-18
ئاخىرقى: 2012-03-30
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-01-03 23:19

تۇغرا دېدڭېز ئاغېنە  تمڭېزغا رەھمەت
adasdsadas
دوستلىشىش
تاھىربەگ
تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم !!
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 10
ئومۇمىي يازما: 2355
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2355دانە
ئۆسۈش: 5240 %
مۇنبەر پۇلى: 29036 سوم
تۆھپىسى: 179 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2012-03-31
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-01-03 23:22

قىزلىرىمىزنى ، جۈپتى_ھالالىمىزنى ھارامدىن ساقلىمىغاننىڭ ئاقىبىتى قانداق  ؟  ئەمسى تۆۋەندىكى فىلىمنى كۆرۈڭ !1

[56]http://you.video.sina.com.cn/api/sinawebApi/outplayrefer.php/vid=21846177_1614578935_bRiyGyE+BmXK+l1lHz2stqkP7KQNt6nkj2uwvlWsLA1cQ0/XM5GbY9UD5ijRB9kEqDhARpk3cfgn0Bo/s.swf[/56]
[ xukri_allaتەرىپىدىن2011-01-03 23:35قايتا تەھرىرلەن ]
ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2242
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 179
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە179دانە
ئۆسۈش: 150 %
مۇنبەر پۇلى: 1067 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-23
ئاخىرقى: 2011-07-12
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-01-03 23:25

توغرا قىزلارنىڭ بۇزىلىشىدا ئاكا-ئىنىلەرنىڭ.دادىلارنىڭ مەسئۇلىيتى ئېغىر
uganqi
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4021
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 18
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە18دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 100 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-11-24
ئاخىرقى: 2012-02-16
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-01-04 01:11

           ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  xukri_alla  قىرىندىشىم ئەجىرىڭىزنى ئاللا بەرسۇن  . مۇشۇنداق فىلىملەردن يەنە يوقمۇ..    
دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5351
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 611
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە611دانە
ئۆسۈش: 760 %
مۇنبەر پۇلى: 6913 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-31
ئاخىرقى: 2012-03-25
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-01-04 12:29

شۇكرى ئاللاھ قېرىندىشىم يوللىغا ن  فلىمىڭىز بەك ياخشى كەن كۆپرەك يوللاپ تۇرۇڭ ،
يۇقارقى فىلىمدىكى سۆزلىگەن قارىم  ناھايتى ھەق چۇشنۇشلىك سۆزلەپتۇ ئاللاھ رھمەت قىلسۇن،
سەھرانى سۆيىمەن!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5001
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1018
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1018دانە
ئۆسۈش: 2360 %
مۇنبەر پۇلى: 7298 سوم
تۆھپىسى: 2 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-19
ئاخىرقى: 2012-03-28
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-01-04 22:14

مۇشۇ تېمىنى يوللىغان دوستىمىز  شۇ ئوغول دوسلىرىنى بىر كاچاتتىن ئۇرالىغان بولسا -ھە!!!!!!!!!!!!!!!!
1.يولۋاس يولۋاسنى يېمەيدۇ،پەقەت ئادەملا ئادەم بىلەن ئۆزىنى سەمرىتىدۇ. _تاگور
2.ئۆزىنى ئىپادىلىيەلمىگەن كىشى قۇل دېمەكتۇر._ئا.مۇھەممەتئىمىن