بىر پەلەستىنلىك ئايال ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ياش ئاققۇزۇش ئوقى ھۇجىمىدا قازا قىلدى

2010-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى، پەلەستىنلىكلەر ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا ئايرىش تېمى سېلىشىغا قارشىلىق كۆرسەتكەندە، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ئاتقان ياش ئاققۇزۇش ئوقىدا بىر پەلەستىنلىك ئايال قازا قىلغان.
پەلەستىن سەھىيە خادىمىنىڭ دېيىشىچە، 36 ياشلىق جاۋاھىر ئەبۇ راخمان راماللاھتىكى داۋالاش مەركىزىدە ھاياتىدىن ئايرىلغان. پەلەستىن ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ دېيىشىچە، جاۋاھىر بىلىن(Bilin) كەنتىدىكى قارشىلىق كۆرسىتىش يىغىلىشىدا كۆپلەپ ياش ئاققۇزۇش گازىدىن زەھەرلەنگەن.
سەھىيە خادىمىنىڭ دېيىشىچە، جاۋاھىرنىڭ ئىككى قېرىندىشىمۇ بۇرۇنقى ئايرىش تېمىغا قارشىلىق كۆرسىتىشتە زىيانكەشلىككە ئۇچراپ قازا قىلغان.
بۇنىڭدىن سىرت، خەلقئارالىق پائالىيەتچىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 10 ئادەم 31-دېكابىر راماللاھقا يېقىن يېزىدا يۈز بەرگەن قارشىلىق كۆرسىتىش يىغىلىشىدا، ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى ئاتقان ياش ئاققۇزۇش ئوقىدا يارىلانغان.
بۇ ئايالنىڭ ئۆلىمىدىن كېيىن، پەلەستىن ئەمەلدارى مۇستافا بارغوتى(Mustafa Barghouti) خەلقئارا جامائەتنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ ياش ئاققۇزۇش ئوقى ئىشلىتىشنى توختىتىشقا بېسىم قىلىشىنى مۇراجىئەت قىلغان.
مەنبە: ئوكيان تورى