ئامېىركا سىملىىق تېلىۋىزيە خەۋەرلىرى تورى (cnn) يىقىندا دۇنيادىكى ئامانلىقى ناچار 10 شەھەرنى باھالاپ چىقىتى .
ئېراقنىڭ پايتەختى باغدات ،ۋەزىيىتىنىڭ قالايمىقالىقى قانون ئىجىرا قىلغۇچى ئورۇنلارنىڭ ئۈنۈمىنىڭ تۆۋەنلىكى ۋە <<ئادەم بومبىسى >> بىلەن دۇنيادىكى ئامانىلىقى ئەڭ ناچار شەھەرلەر ئىچىدە 1- بولغان .
cnnشىركىتى <<فۇربىس>> ۋە <<دىپلۇماتىيە>> ژورنىلى قاتارلىق نوپوزلۇق ئورۇنلارنىڭ دوكىلاتىغا ئاساسەن ۋىنسۇئىلانىڭ پايتەختى كاراكاسنى بۇ تىزىملىككە كىرگۈزگەن .(قاتىللىق جىنايىتىنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتى بويىچە دۇنيا بويىچە 1- ئورۇندا تۇرىدىكەن ) كاراكاسمۇ دۇنيادىكى ئامانلىقى ئە ناچار شەھەرلەر قاتارىغا كىرگەن
ئامېرىكا فىدىراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنى ئىستاستىكىسىغا ئاساسلانغاندا ،دېترويىت ئامېركىدىكى ئەڭ خەتەرلىك شەھەر بولوپ ،ھەر يۈز مىڭ ئادەم ئىچىدە ئوتتۇرا ھىساب بىلەن 1220 قىتىم جىنايەت سادىر بولىدىكەن .
يېڭى ئورلىئان ،ئامېرىكىدىكى قاتىللىق دېلوسى ئەڭ كۆپ يۈز بېرىدىغان شەھەر بولوپ ،يۈز بېرىش نىسبىتى ھەر يۈزمىڭ ئادەم ئىچىدە ئوتتۇرا ھىساب بىلەن 64 قېتىم قاتتىلىق دېلوسى يۈز بېرىدىكەن .
5- خوئارىز -مىكىسىكىنىڭ خوئارىز شەھىرىدە مەسىلە زەھەرلىك بويۇم كۆپ ئىكەن پۇقرا نازارەت ئامانلىق جەمىيىتنىڭ سانىلىق مەلوماتىغا ئاساسلانغاندا بۇلتۇر خوئارىزدا 2600 ئادەم زەھەرلىك بۇيۇم سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغان .
6-كاراچى -پاكىستاننىڭ كاراچى شەھىرىدە دائىم <<ئادەم بومبا>> نىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچۇرغاچقا ،ئاسيا قىتئەسىدىكى ئەڭ خەتەرلىك شەھەرلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان .
7- كاپتېۋن : <<دېپلوماتىيە >> ژورنىلىدىكى سانلىق مەلوماتلارغا ئاساسلانغاندا ،جەنوبى ئافىرىقىنىڭ كاپتېۋون شەھىرىدە كۈندە ئالتە قېتىم ،يەنى ھەر تۆت سائەتتە بىر قېتىم ئېغىر ۋەقە يۈز بېرىدىكەن .
مۇسكىۋا: ياۋرۇپا دۆلەتلىرى ئىچىدە ئامانلىقى ئەڭ ناچار شەھەر ،قارا قوللار پارتىيەسى ۋە چېچىنيلىكلەر ھەر ۋاقىت ۋەھىمە ئېلىپ كىلىدۇ .
كىنشاسا : كونگو پايتەختى كىنىشاسا ، ئافىرىقا قىتئەسىدىكى ئامانلىقى ئەڭ ناچار شەھەرلەرنىڭ بىرى ،ئىچىكى ئۇرۇش ۋە قەبىلىلەر ئوتتۇرسىدىكى توقۇنۇش ئېغىر .
بېيروت : ئوتتۇرا شەرىقتىكى <<پارىژ>> دەپ نام ئالغان لىۋان پايتەختى بېيرۇت يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قالايمىقانچىلىق كۆپ يۈز بەرگەن شەھەرلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان .
يەرشاردىكى ئامانلىقى ئەڭ ناچار 10 شەھەرنى ئامېرىكا سىملىق تېلىۋىزيە ئىستانىسسى قەستەنگە تاللاپ چىققان بولماستىن ،بەلكى <<فوربىس >> <<دېپلوماتىيە ژورنىلى >> ،خەلىق نازارەت ئامانلىق جەمىيىتى ۋە موسى ئالاقە شىركەتلىرى تەمىنلىگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسەن بېكىتىپ چىققان ئىكەن ،.
ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى .