باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1275 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: سىلكىمەڭ باشلىق (شېئىر)
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 461
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 76
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە76دانە
ئۆسۈش: 387 %
مۇنبەر پۇلى: 499 سوم
تۆھپىسى: 8 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-28
ئاخىرقى: 2012-01-25
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-07-01 21:49

سىلكىمەڭ باشلىق (شېئىر)


 سىلكىمەڭ باشلىق



قىلىپ قويسام بەزىدە خىزمەتتەياشلىق ،
چاقچاقنى قۇشۇپ ھەم قىپ قويسام شاشلىق .
ئۆزۈم ھەم ئۆزۇمدىن يىدىمغۇ ئاشلىق،
مىنى سىز بۇنچىلىك سىلكىمەڭ باشلىق.



سىز ئۈچۈن جېنىمنى بېرەلمىسەممۇ ،
ئائىلەم، بالامدىن كېچەلمىسەممۇ .
بەزى چوڭ سىرلارنى يېشەلمىسەممۇ ،
سىزنى كۆپ قوللىدىم، سىلكىمەڭ باشلىق .



ھاراقنى ئىچەلمەي ماڭا بەرسىڭىز ،
ئىش بولسا ئەڭ ئاۋال مىنى كۆرسىڭىز .
زەردە قىپ بەزىدە قاپاق تۈرسىڭىز ،
سىزنى دەپ چىدىدىم، سىلكىمەڭ باشلىق .



ئۇتۇقلارئەزەلدىن خاس بولدى سىزگە ،
"چاتاق"نى ئايىماي ئارتتىڭىز بىزگە .
شۇندىمۇ سۆز قىلماي بىر ئېغىز سىزگە ،
دەردىمنى يۈتتۈممەن ،سىلكىمەڭ باشلىق .



دىسىڭىز قارىنى "ماۋۇ دىگەن ئاق" ،
كىم دېدى "بۇ قارا، ئاق ئەمەسكەن ياق".
مەنمۇ ھەم دورىدىم شۇنداقلارنى ساق ،
ئايىدىم، سىز مىنى سىلكىمەڭ باشلىق .



"مەن سېنىڭ غىمىڭنى يىدىم " دىسىڭىز ،
ئىشەندىم "مەن سىنىڭ تېمىڭ "دىسىڭىز .
بەزىدە "سەن دىگەن مىنىڭ" دىسىڭىز ،
"ھە" دىدىم ، بۇنچىلىك سىلكىمەڭ باشلىق .



ئەزەلدىن ئۆزۈمگە تەۋە ئىدىممەن ،
سىز ئۈچۈن "مەن سىزنىڭ " دېدىم بۈگۈن مەن .
شۇنچىلىك يول قويسام بولار سىزگە مەن ،
سىز مىنى چۈشىنىڭ سىلكىمەڭ باشلىق .



سىز ئۈچۈن ھە دىسەم چىشىمنى چىشلەپ ،
ئويلاپمۇ قالغانسىز "غۇرۇر يوقكەن"دەپ .
بەك ئېشىپ كەتكەندە سۆزلەيمەن غەزەپ ،
بولدى قىپ سىز مىنى سىلكىمەڭ باشلىق .



مەندىمۇ غۇرۇر بار خاتا چۈشەنمەڭ ،
سىزنى مەن ئايىسام "قورقۇنچاق " دىمەڭ .
مەن ئۈچۈن ھەرگىزمۇ ئارتۇق غەم يىمەڭ ،
ئادەممەن ، ھايۋاندەك سىلكىمەڭ باشلىق .



"كۆڭۈللەر كۆڭۈلدىن سۇ ئىچەر" دەيدۇ ،
يېقىنلار ، يېقىنى ئۈچۈن غەم يەيدۇ .
ئىككىمىز سەتلەشسەك خەقلەر نىم دەيدۇ ؟
مىنىمۇ ئاياڭكى ، سىلكىمەڭ باشلىق .


مەنبە : ئجادىيەت
دەرىجە: *
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: *
ئومۇمىي يازما: *
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە*دانە
ئۆسۈش: * %
مۇنبەر پۇلى: * سوم
تۆھپىسى: * كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
گۇرۇپپا: kangsay
تىزىملاش: *
ئاخىرقى: *

مۇنبەرگە كىرىپ قالغان باشلىقلار،ياخشىراق كۆرۈڭلار بۇ تېمىنى ..
  رەھمەت juxkun-28 .ياخشى يېزىپسىز..
كەلگەن جايى: 新疆伊犁州伊宁市 چوققا
لەيلى
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 334
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 111
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە111دانە
ئۆسۈش: 237 %
مۇنبەر پۇلى: 639 سوم
تۆھپىسى: 2 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-17
ئاخىرقى: 2011-11-07
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-07-03 11:33

juxkun-28   قەلىمىڭىزگە يەنە  بىر  قىتىم بارككاللا  جۇمۇ .بۇنى ئوقوپ  كۇلۇپ  كىتىپىمەن ،راس ھازىرقى بەزى  باشلىقلار  شۇنداق.
تور ئوقۇۋاتقان باشلقلارنىڭ ھەمسىنى دىگەنلىلك  ئەمەس  جۇمۇ.جۇشقۇن  يەنىمۇ كۆپ ئىجادىيەتلەرنى يولۇشىڭىزنى ئۇمۈت قىلمەن.
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 511
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 48
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە48دانە
ئۆسۈش: 2 %
مۇنبەر پۇلى: 104 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-07-04
ئاخىرقى: 2010-07-30
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-07-04 09:26

باشلىق   بولماق  تەس  .  ھەممە يەردە  قازاننىڭ  قۇلىقى  تۆتمىدۇ    دەپ  قالىمەن  بەزىدە  ............
yikilgan jaydin das tur oglum!