باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1106 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئىچىۋەر، جان دوستۇم...    (ساتىرا)
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 461
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 76
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە76دانە
ئۆسۈش: 387 %
مۇنبەر پۇلى: 499 سوم
تۆھپىسى: 8 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-28
ئاخىرقى: 2012-01-25
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-07-01 20:27

ئىچىۋەر، جان دوستۇم...    (ساتىرا)

ئىچىۋەر، جان دوستۇم...
                       (ساتىرا)

                ئاپتۇرى: قامچا

سۆزۈمدە تەنە يوق،تەئەددىمۇ يوق،
ئىچىۋەر جان دوستۇم،ئىچىۋەرمەمسەن.
كىم دەيدۇ ئىچكەننىڭ يوللىرى تۇيۇق،
ئۆزۈڭنىڭ يولىدا كېتىۋەرمەمسەن.

رەقىبلەر خۇش كۈلسە كۈلىۋەرمەمدۇ؟
تۈگەشتى دەپ بىلسە بىلىۋەرمەمدۇ؟
سازىنى «ئالغا»غا چېلىۋەرمەمدۇ؟
ئىچىۋەر جان دوستۇم،ئىچىۋەرمەمسەن.

ئارزۇلار،ئارمانلار ئالامتى ھېساپ؟
غايىلەر يولۇڭنى تۇرامدۇ توساپ؟
قوي ئۇنى، شۇ تاپتا كەتتىڭ بەك ئۇسساپ!
ئىچىۋەر جان دوستۇم،ئىچىۋەرمەمسەن...

مەست بولساڭ نېمە غەم،ياتتىڭ ئۇخلايسەن،
ياتتىڭۇ خورەكنى تارتتىڭ ئۇخلايسەن.
مەست بولۇپ نومۇسنى ساتتىڭ، ئۇخلايسەن،
ئىچىۋەر جان دوستۇم،ئىچىۋەرمەمسەن؟

ئەجدادلار ئىزلىرى ئېچىشىپ ھازا،
يىغلىسۇن نەۋرەمگە كەلدى دەپ قازا.
ئىچكەنلەر سەنلىمۇ،تارتماستىن ئىزا،
ئىچىۋەر جان دوستۇم،ئىچىۋەرمەمسەن؟

خۇمارلىق يوللاردىن بولامدۇ يېنىپ،
كۈن كۈندەك ئۆتەمدۇ ئىچمىسەڭ قېنىپ؟
توسسا گەر خوتۇندىن كېتىۋەر تېنىپ!
ئىچىۋەر جان دوستۇم،ئىچىۋەرمەمسەن.

بېدىنى ئاتقا بەر ماڭسۇن چاناڭمۇ،
غەم يېمە،تېپ يېسۇن قويۇڭ-كالاڭمۇ.
تېپ يېسۇن ئاناڭمۇ،خوتۇن بالاڭمۇ،
ئىچىۋەر جان دوستۇم،ئىچىۋەرمەمسەن!

ھاراق قۇي ئۆزۈڭگە،نازىنىنغىمۇ،
پۇراپ كەت مەيلىلا،ئوخشاپ ژىنغىمۇ،
«ياشلىق » دەپ باھانە كۆرسەت دىنغىمۇ،
ئىچىۋەر جان دوستۇم،ئىچىۋەرمەمسەن!

ئويلىما ياشاشنى خوجىدەك،خاندەك،
ئويلىما ئۆزۈڭنى بىر تىرىك جاندەك.
ئويلىما قەۋمىڭنىڭ يۈرىكى قاندەك،
ئىچىۋەر جان دوستۇم،ئىچىۋەرمەمسەن!

سورۇنغا ئەپكەلگىن تېخى گۆدەكنى،
ئۈگەنسۇن، زەھەرلە سەبى يۈرەكنى.
قىزىڭنىڭ ئالدىدا كۆتەر قەدەھنى،
ئىچىۋەر جان دوستۇم،ئىچىۋەرمەمسەن!

ئىچ دوستۇم،خىيالغا جەزمەن پېتىپ ئىچ،
ھاراقنىڭ تەمىنى تېتىپ-تېتىپ ئىچ.
ئىچكىنكى،ئەقلىڭنى قېتىپ-قېتىپ ئىچ،
ئىچىۋەر جان دوستۇم،ئىچىۋەرمەمسەن!!!


مەنبە: خاتىرەم.
ياردەم مەزمۇنى
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 119
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 164
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە164دانە
ئۆسۈش: 80 %
مۇنبەر پۇلى: 1634 سوم
تۆھپىسى: 10 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-03
ئاخىرقى: 2010-12-16

ھەشقاللا   ئاپىرىن  بەكلا ياخشى يىزىلغان شېر كەن  ماڭا بەكلا  ياقتى