باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 2065 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: مۇسۇلمان قانداق بۇلىدۇ(ھەمزە)
ھەق گەپ ئاچچىق بولسىمۇ ھەق سۆزلىگىن
دەرىجە: سەھىپە مەسئۇلى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 65
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 13
ئومۇمىي يازما: 1604
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1604دانە
ئۆسۈش: 5125 %
مۇنبەر پۇلى: 19322 سوم
تۆھپىسى: 30 كىشى
ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-05-31
ئاخىرقى: 2011-06-30
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-01-01 15:17

مۇسۇلمان قانداق بۇلىدۇ(ھەمزە)

مۇسۇلمان قانداق بۇلىدۇ

مۇسۇلمان قانداق بۇلىدۇ دىگەن بۇ سۇئالغا بەلكىم ھەيران قېلىشىڭىز مۇمكىن. چۇنكى بىزنىڭ نەزرىمىزدە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى مۇسۇلمان.بىزنىڭ نەزرىمىزدىكى <مۇسۇلمان>ئۇيغۇرچە سۆزلىسە،ۋاختى يەتسە ناماز ئۇقۇپ قويسا،ياكى ھەر كۇنى ئەتتىگەنلىكتە بىر ۋاخ ناماز ئۇقۇپ قويسا،يىلدا بىر كىلىدىغان رۇزىنى ئىرىنچەكلىك بىلەن تۇتۇپ قويسا،يولدا كىتۋېتىپ بەزى سائىللارغا‹سەدقە›بېرىپ قويسا،كىتابخاندىن ‹قۇرئان›دىن بىرنى سېتۋېلىپ ئۆيىدە ‹تەۋۋەررۇك› بىلىپ ساقلاپ قويسا،بوينىغا ئاللاھنىڭ ئىسمى،ياكى قۇرئان ئايىتىدىن بىرەسى پۇتۇلگەن تۇماردىن بىرنى ئېسۋالسا،دىنىمىزنىڭ ئىسمىنىڭ ‹ئىسلام›ئىكەنلىكىنى بىلسە مانا بۇ بىزنىڭ نەزىرىمىزدىكى ئاتالمىش مۇسۇلمان. ھەتتا بەزىلەر نامازنى پەقەتلا ئۇقۇماي ئىسلام شەرىئەتلىرىنى بىلمەي، بىلسىمۇ ئەمەل قىلماي پەقەتلا ئۇيغۇرئائىلىسىدە تۇغۇلۇپ ئۇيغۇرتېلىدا سۆزلىگەنلىكى ئۈچۈنلا مۇسۇلمانلىق دەۋاسى قىلىدۇ. بۇ قېرىنداشلىرىمىز ئىسلام توغۇرلۇق ھېچنەرسە بىلمەيدۇ.پەقەتلا بىلىدىغىنى ‹مۇسۇلمان،ۋە ئىسلام› دىگەن ئىسىم. تېخى بۇنداقلارنى سەن مۇسۇلمانمۇ دىسە ،بۇ سۇئالنىڭ سورالغانلىقىدىن ئۆزىگە خورلۇق ھىس قىلىپ ئادەمگە ھۆرپىيىدۇ.‹سەن مۇسۇلمان ئەمەس› دىگەن بىر جۈملە سۆزنى ئۇنىڭ يۈزىگىلا دىسىڭىز شۇ يەردە سىزنىڭ ئەدىپىڭىزنى بەرگىلى چاپىنىنى سالىدۇ.ۋە ئۆزىنىڭ‹مۇسۇلمانلىق›سالاھىيتنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن سىزگە جەڭ ئىلان قىلىدۇ.يەنە بەزىلەر بولسا ئسلام دىننى يامان كۆرىدۇ،شەرىئەت بۇيىچە كىيىم كەيگەنلەرنى كۆرسە مەسخىرە قىلىشىدۇ،ئورانغان قىزلارنى كۆرسە ئۇلارنى زاڭلىق قىلىدۇ،ۋە ئۇلارنى ‹مۇنداق كىيىنگەن بىلەن نىمە ئىشلارنى قىلۋاتىدۇ،يامان ئىشلارنى قىلىپ مۇشۇنداق ئورنىۋاغان گەپ › دەپ ئۇلارنى ھاقارەتلىشىدۇ. ئۇلار بىلمەمدۇكى ئۆزلىرى قوللىنىۋالغان مۇسۇلمان دىگەن بۇ تەخەللۇسنىڭ ھەقىقى ئىگىسىنىڭ شۇلار ئىكەنلىكىنى...

مانا بۇ نەۋبەتتىكى ‹مۇسۇلمان› قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئەھۋالى.

ئسلام دىنى پەقەت ئېغىزىدىلا دەپ قويسا بۇلىدىغان دىن ئەمەس،ئىسلام- دىلىدا تەستىقلاش،تىلىدا ئىقرار قىلىش،ئەمەلى ھەركىتى ئارقىلىق زىننەتلەش. مانا بۇ مۇسۇلمانلىق.

قېنى مۇسۇلمان قېرىندىشىم. سىز مۇسۇلمانچىلىقنىڭ قانداق بۇلىدىغانلىقىنى راۋۇس بىلۋېلىڭ. خالىغان بىر دىن ئىگىسىدىن ياكى مەجۇسىيدىن،ۋە ياكى بىر خىرىستىياندىن ئۆزىنىڭ دىنى توغۇرلۇق سورسىڭىز بىردەمدىلا دىنىنىڭ ئاساسى مەركەزقانۇنلىرىنى سىزگە دۇدۇقلىماي ئېيتىپ بىرەلەيدۇ. سىزچۇ؟ ئەگەر سىزدىن غەيرى مۇسۇلماندىن بىرسى بىزنىڭ دىنىمىز بولغان ئىسلام توغۇرلۇق سورسا سىز قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بىرەلەمسىز؟ ئىسلام دىننىڭ مەركىزى قانۇنلىرىنى بىلەمسىز؟ ئەگەر خىرىستىيانغا ئىسلام دىننىڭ مەركىزى قانۇنلىرىنى دەپ بىرەلمىسىڭىز بۇ سىزگىلا ئەمەس،پۇتۇن مۇسۇلمانلارغا ھاقارەت.

بۇنداق بۇلىشىنى سىزمۇ خالىمايسىزغۇ دەيمەن؟؟؟!!!

قېنى ئۇنداقتا ئىسلام دىننىڭ مەركىزى قانۇنلىرى بىلەن تۇنۇشۇپ ئۈتەيلى. بۇ قانۇننى بىلسەك ۋە ئەمەلىيلەشتۇرۇپ ماڭساق كاتتا مۇكاپات يەنى جەننەتكە ئىرشىمىز.

قېرىندىشىم ئىسلام دىنى بىلەن قايتا تۇنىشىۋېلىڭ.ئەگەر بۇلارنى بىلسىڭىز سىزگە تەكرار بۇللىدۇ،بىلمىسىڭىز يىڭى بىلىمگە ئىرىشكەن بۇلىسىز.

ئىسلام دىگەن ئەرەپچە سۆز بۇلۇپ بويسۇنماق دىگەن مەنىدە. مۇسۇلمان دىگەن بويسۇنغۇچى دىگەن مەنىدە. بۇ بولسا لۈغەت  مەنىسى.

رەسۇلۇللە ئىسلامنى تۇنۇشتۇرۇپ مۇنداق دىدى. ئىسلام دىنى بەش نەرسە ئۇستىگە قۇرۇلغان.بۇلار 1.شاھادەت ئېيتىش.(يەنى ئاللاھنىڭ بارلىق بىرلىكىگە،مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ ئاللاھ تەرپىدىن ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بىرىش)2.(بىر كىچە كۈندەزدە بەش ۋاخ )نامازئۇقۇش،3.(پۇل-مېلى نىسابىغا يەتسە يىلدا)زاكات بىرىش4.(قۇدرىتى يەتسە ئۆمرىدە بىر قېتىم) ھەج قىلىش،5(يىلدا بىر كىلىدىغان رامزان ئېيىدا) بىر ئاي رۇزا تۇتۇش (بۇخارىي .ئىمان بابى )

مانا بۇ ئىسلامدۇر. بۇلارنى يادلىۋېلىڭ. بۇمۇ ئىلىم.ئىلىم ئالغۇچى ئاللاھنىڭ رەھمىتى ئاستىدا بۇلىدۇ،

تەلھە ئىبنى ئۇبەيدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ.نەجىد ئەھلىدىن بولغان بىر كىشى كەلدى.ئۇ كىشىنىڭ چېچى چۇۋۇق،ئاۋازىنى ئاڭلىغىلى بۇلىدىغان ئەمما نىمە دىگەنلىكىنى بىلگىلى بولمايتتى. ئۇ  رەسۇلۇللەقا يېقىن كەلدى ۋە ئۇشتۇمتۇت ئىسلامدىن سورىدى. رەسۇلۇللە-بىر كىچە كۈندۈزدە بەشۋاخ ناماز ئۇقۇش ئىسلامنىڭ ئەركانلىرىدىندۇر. دىدى

ئۇ كىشى- بۇنىڭدىن باشقىسى يوقمۇ؟

-يوق. لېكىن ئۇقۇي دىسەڭ نەفلە ناماز بار. يەنە رەسۇلۇللە يىلدا بىر ئاي روزا تۇتۇشمۇ ئىسلام قاتارىدىندۇر.دىدى

-بۇنىڭدىن باشقىسى يوقمۇ؟

-يوق.ئەگەر تۇتاي دىسەڭ نەفلە رۈزا بار.دىدى. ۋە يەنە يىل توشقاندا زاكات بىرىشمۇ ئىسلام قاتارىدىندۇر.دىدى.

-ئۇنىڭدىن باشقىسى يوقمۇ؟

-يوق . ئەگەر بىرەي دىىسەڭ نەفلە سەدقە بەرسەڭ بۇلىدۇ.دىدى.

-ئاللاھ بىلەن قەسەمكى مەن بۇنىڭدىن كەممۇ قىلمايمەن.زىيادىمۇ قىلمايمەن دەپ ئارقىسىغا قايتىپ كەتتى.

رەسۇلۇللە: ئەگەر بۇ كىشى راس ئېيتقان بولسا ئۇتۇق قازاندى(يەنى جەننەتكە كىرىدۇ) دىدى. (بۇخارىي .ئىمان بابى )

يۇقارقىسى ئىسلامدۇر.چوڭلارنىڭ ئاغىزىدا تىلغا ئېلىۋاتقان بەش پەرز مۇشۇدۇر. ئەگەر بىرسى سىزدىن ئىسلام دىگەن نىمە؟ ياكى بەش پەزر قايسى دەپ سورىسا يۇقارقى ئاسىتى سىزىلغان 5ئەركاننى دەپ بەرسىڭىز سىزگە 100نۇمۇر قۇيىدۇ.

ئىسلام دىنغا قانداق كىرگىلى بۇلىدۇ؟

ئىسلام دىنىغا كىرىدىغان ئادەم ئاۋۋال غۇسلى قىلىدۇ،ئاندىن كەلىمە شاھادەت (يەنى ئاللاھنىڭ بارلىق بىرلىكىگە،مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ ئاللاھ تەرپىدىن ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بىرىش)

بۇ كەلىمە شاھادەت ئىسلامنىڭ ئاچقۇچىدۇر.

ئەمدىكىسى مۇسۇلمان دىگەن نىمە؟

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۈمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلنىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دىگەن.مۇسۇلمان دىگەن ئۇنىڭ قۇلىدىن،تىلىدىن مۇسۇلمانلارسالامەت قالغان كىشى مۇسۇلماندۇر (بۇخارىي .ئىمان بابى ) بۇنداق دىگەنلىك مەن مۇسۇلمان دىگەن كىشى باشقىلارغا تىلى ئارقىلىق،قۇلى ئارقىلىق ئەزيەت يەتكۈزمىگەن كىشى مۇسۇلمان دىيلىدۇ.

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۈمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلنىدۇ. بىر كىشى رەسۇلۇللەتىن ئىسلامدىكى قايسى ئىش ياخشى ھىسابلىنىدۇ؟ دىگەندە رەسۇلۇللە-كىشىلەرگە تائام بىرىشىڭ،تۇنۇغان تۇنۇمىغانلارغا سالام قىلىشىڭ. دەپ جاۋاب بەردى. (بۇخارىي .ئىمان بابى )

يۇقارقى مەزمۇنلار مۇسۇلمانلىق دەۋاسى قىلىدىغان ھەربىر كىشى بىلمىسە بولمايدىغان مۇھىم مەزمۇندۇر.

بۈگۈنكى ئىسلام دىننى تۇنۇشتۇرىشىمىز مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن.

ئاخىرى داۋاملىق يوللىنىدۇ...

تەييارلىغۇچى -ھەمزە
دوستلىشىش
تاھىربەگ
تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم !!
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 10
ئومۇمىي يازما: 2343
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2343دانە
ئۆسۈش: 5240 %
مۇنبەر پۇلى: 28916 سوم
تۆھپىسى: 179 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2012-03-29
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-01-01 15:25

.ئاللاھ رەخمەت قىلسۇن ، ھەق يول ئۈچۈن تارتقان جاپايىڭىزنىڭ ئەجىرنى رەببىمىز ھەسسىلەپ بەرسۇن ....  
ئالى مەكتەپ ئوقۇچىللىرىنىڭ كۆپۈنچىسنىڭ نەزىردە چوشقا گۆشى يىمىسىلا مۇسۇلمان .  
ئاللاھ ھەممىمىزنى ھەقىيقىي مۆئىمىن بەندىلىردىن قىلغاي ، مۇسۇلمانلىق دەۋاسى قىلۋاتقان شۇ قېرىنداشلىرمىزنى ھەق يول ئۈستىگە قايتۇرۇپ ، ھىدايەت قىلغاي ...ئامىن !!!  
ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ