باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1184 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئىپپىتىڭنى يوقاتما  قىزچاق(مۇخەممەس)
سەھرانى سۆيىمەن!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5001
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1018
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1018دانە
ئۆسۈش: 2360 %
مۇنبەر پۇلى: 7298 سوم
تۆھپىسى: 2 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-19
ئاخىرقى: 2012-03-28
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-01-01 00:42

ئىپپىتىڭنى يوقاتما  قىزچاق(مۇخەممەس)

ئىپپىتىڭنى يوقاتما  قىزچاق
(مۇخەممەس)


دوغچىنىڭ ئالدىدا تەڭلىنەر ۋاشاق،
خاماندا قالمايدۇ سەن ئۈچۈن باشاق،
كاۋا دەپ كەلسەڭمۇ ئالىسەن قاپاق،
سۇنسا گەر سەندىكى شۇ"ئالتۇن تاۋاق"،
ئۆتۈنەي،ئىپپىتىڭ يوقاتما قىزچاق.


بەزىلەر باي بولۇپ ماڭسىمۇ پولدا،
مېڭىۋەر خاتىرجەم توپىلىق يولدا،
ھەۋەسلىك باقمىغىن ياتسا ھەم ئوڭدا،
ۋاپا يوق ھايانى يوقاتقان پۇلدا،
ئۆتۈنەي،ئىپپىتىڭ يوقاتما قىزچاق.


بەزىلەر ھوقۇققا بولاركەن سوۋغا،
بەزىلەر ئويۇنغا تىكىلەر دوغا،
بەزىلەر ئالتۇن دەپ يىقىلار روغا،
بەزىلەر گۈل دېسەك چىقتى شۇمبۇيا،
ئۆتۈنەي،ئىپپىتىڭ يوقاتما قىزچاق.


"ساتىراچ"كۆپەيدى كوچا-كويلاردا،
"توقاچلار ئېسىلدى"بەزى تويلاردا،
خەقلەرنىڭ نىشانى پەقەت پۇللاردا،
بولمىغىن ئاشۇنداق گۈدەك ئويلاردا،
ئۆتۈنەي،ئىپپىتىڭ يوقاتما قىزچاق.

زارلانما چۆللەردە قالساڭ پىيادە،
تاۋىقىڭ تولمىسا،ئىشلەت پىيالە،
يار بولسۇن ساڭا قىز جۈرئەت-ئىرادە،
بولغىن ھەم ئەخلاقلىق،ئەقلىڭ زىيادە،
ئۆتۈنەي،ئىپپىتىڭ يوقاتما قىزچاق.


بەزىلەر ئۆيىنى ياساپ رەڭمۇرەڭ،
قىلاركەن ئۆزىچە قونالغۇ-ئۆتەڭ،
بولاركەن ئۆيىدە ھاياسىز بىر جەڭ،
نېمە ئىش بۇ؟خۇدايىم يۈزمىڭ توۋا دەڭ،
ئۆتۈنەي،ئىپپىتىڭ يوقاتما قىزچاق.


ھايانى يوقۇتۇپ مىنسەڭمۇ پاسات،
ۋەياكى ئۇچساڭمۇ چىقىرىپ قانات،
يىگىتلەر ئالدىدا بازىرىڭ كاسات،
بىلسەڭ بۇ ئاددىيلا ئەقەللىي ساۋات،
ئۆتۈنەي،ئىپپىتىڭ يوقاتما قىزچاق.


مەنبە:ئۆزەم

1.يولۋاس يولۋاسنى يېمەيدۇ،پەقەت ئادەملا ئادەم بىلەن ئۆزىنى سەمرىتىدۇ. _تاگور
2.ئۆزىنى ئىپادىلىيەلمىگەن كىشى قۇل دېمەكتۇر._ئا.مۇھەممەتئىمىن
ustam
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2175
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 138
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە138دانە
ئۆسۈش: -10 %
مۇنبەر پۇلى: 1435 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-21
ئاخىرقى: 2012-03-31

دوس يىغلىتىپ .دۇشمەن كۈلدۇرۇپ ئېيتار .
all praise to allah , the lord of the worlds
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1232
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1340
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1340دانە
ئۆسۈش: 360 %
مۇنبەر پۇلى: 15240 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-27
ئاخىرقى: 2012-03-30
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-19 14:25

ياخشى شىئىركەن ،، ئىنكاس بىلەن ئىلگىرلىتىپ قوياي ،، كوزى پۇلغا تويمايدىغان ئادەمدە ئىپپەت بولمايدۇ ،، چۇنكى شۇ پۇل ئۇچۇن كارغا كىلىدىغاننىڭ ھەممىسىنى ساتىدۇ ،، تىنىنى ، مىللىتىنى ، ئاتىنى ،، شانۇ شەۋكىتى ، غورورىنى
دوستلىشىش
nazli0998
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4714
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1309
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1309دانە
ئۆسۈش: 140 %
مۇنبەر پۇلى: 7346 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-12
ئاخىرقى: 2012-03-28
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-19 15:16

سىز   شائىر مۇ؟   يازغان  شئىرلىرىڭىزنىڭ ھەممىسىنى  ئوقۇدۇم  بەك  ياخشى چىقىپتۇ .
دوستلىشىش
ئۇزتۇرۇك
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8987
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 28
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە28دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 280 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-09-17
ئاخىرقى: 2012-02-09
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-19 15:58

بەك ياخشى يىزىپسىز داۋاملىق يۇللاپ تۇرۇڭ