ئاشنىڭىز كۈتىشىڭىزنىتەلەپ قىلدىغان ئايال، ئايالىڭىز سىزنىكۈتىدىغان ئايال.ئاشنىڭىزھەمىشە سېتىۋالغاننەرسىلىرىڭىزنىئەرزان كۆرۈپ ئاغرىندىغان ئايال، ئايالىڭىز ھەمىشەسېتىۋالغان نەرسىلىرىڭىزنى قىممەتكۆرۈپ رەنجىيدىغان ئايال. ئاشنىڭىزنەپىس گۈلدانغا سېلىپ قويغان گۈل، ئاشنىڭىزدەردىڭىزنىتۆكسىڭىز ئاڭلايدۇ،ئەممابىرەر سۆزىڭىزنى ئېسىدەساقلىمىغانبولسىمۇ،بېرىلىپ ئاڭلاۋاتقان يېقىملىق قىياپەتكە كىرىۋالىدۇ. ئايالىڭىز دەردىڭىزنى تۆكۈپ بولغىچەئالدى بىلەن ئېغىز ئېچىپ سىزنى<كىيىملىرىڭىز مەينەت بولۇپ كەتسىمۇيۆتكەشنى بىلمەيسىز، ناشتا قىلمىسىڭىز سالامەتلىكىڭىزگە تەسىر يىتىدۇ> دەپ ئەيىپلەيدۇ، كوتۇلداشلار ئەمىليەتتەسىزگە بولغان مۇھەببەتكەتۇيۇنغان بولىدۇ.*تۇغۇلغانكۈنىڭىزبولغان چاغدا، ئاشنىڭىز سىزگەگۈل تەغدىم قىلىدۇ. ئايالىڭىزئوزۇقلۇق قىممىتى مول بولغان يىمەكلىكلەرنىتولۇقلاپ بېرىدۇ، يەنە سىزگە ئىسسىق بىرپوپايكا ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن. شۇنىڭ بىلەنسىز<ئاشنا رومانتىك بولىدۇ، خوتۇن رىئال بولىدۇ>دىگەن قاراشقا كىلىسىز.
بىر كۈنى سىزئالتۇن ئۈزۈك سېتىۋىلىپتومۇچۇقتەك ئاشنىڭىزغا سوۋغا قىلدىڭىز، توساتتىنلا يەنە ئىنساۋىڭىز كىلىپئايالىڭىزغىمۇ ئوخشاش ئۈزۈكتىن بىرنى سېتىۋالدىڭىز، سوۋغىنى قوبۇل قىلغاندائاشنىڭىز سىزنى تاتلىققىنە بىرنى سۆيۈپ قويىدى. ھەتتا سىزدىن يوشۇرۇنچە ئۈزۈكنى ئالاقىدار ئورۇنغا ئاپىرىپ تەكشۈرتىدۇ. ئايالىڭىز بولسا <شۇنچە كۆپ پۇلخەجلەپ جانغا ئەسقاتمايدىغان نەرسىنى سېتىۋاپسىز>دەپ ئاغرىندۇ، ئارقىدىن قەلبى خوشاللىققاتولغان ھالدا تاقىۋالىدۇ.
ئەمما ئۇ بۇ ئۈزۈكنىڭراست-يالغانلىقىدىنگۇمان قىلمايدۇ. كۈنلەرنىڭ بىركۈنى ،ئەر بولغۇچى كىشى<يەنىلا ئايالىم ماڭا كۆيىندۇ>دەپبىردىنلائويغنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بەزى ئەر كىشىلەر رومانتىكلىقنىقوغلاشماي، ياۋاشلىق بىلەن رېىئاللىققا قايتىپ كىلىدۇ.
ئۇنىڭغا قارىسىڭىزراھەتلىنىپئاجايىپ ئامراق بولۇپ كېتىسىز، ئەمما بۇ گۈلنى پۇل ، ھوقۇق، مەرتىۋە ياكى شەھۋانى نەپىس دىگەندەك ئالاھىدەئوزۇقلۇقلار بىلەن پەرۋىش قىلىشقاتوغرا كېلىدۇ. ئايالىڭىزسېۋەتكە سېلىپ قويغان كۆكتات،ئۇ ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى، كۆيۈمچانلىقى ،ئىقتىساتچانلىقى بىلەنسىزنى ئوزۇقلاندۇرۇپ،چىرايىڭىزنى نۇرانە، كىيىملىرىڭىزنى رەتلىك ، يەيدىغاننى يەپ ،ئىچىدىغاننىئىچىپبولغاندىن كېيىن سىزنىئاشنىڭىز بىلەن كۆرۈشكىدەكروھلۇق ھالغا كەلتۈرۋىتىدۇ.