باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 2991 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: جۇڭگو پۇتبولى ........ قارايۇمۇر
رەھمەت ! ئۇلۇغ ئاللا بىزنى ئۇيغۇر قىلىپ ياراتقىن& ..
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2029
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 38
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە38دانە
ئۆسۈش: 120 %
مۇنبەر پۇلى: 500 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-17
ئاخىرقى: 2011-11-20
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-12-30 23:05

جۇڭگو پۇتبولى ........ قارايۇمۇر

گاۋخوپبو ئوغىلانىمىز مىرئەخمەتجاننى ئالمايدىغانلقىنى ئىلان قىلىغان ۋاقىتتا 2 يىل بۇرۇنقى بىر قارا يۇمۇر ئسىمىگە كىلىپ قالدى .

ئاۋىستىرالىيە-- ئوكئانىيە چىمپىيونى ، ئالدىنقى قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ ئالدىنقى 16كۇچلۇك كوماندىسىنىڭ
بىرى ، دۇنيا چىمپىيونى ئىتالىيە ئەڭ ئاخىرقى بىر مىنۇتتا ئۇتقان كوماندا.ۋاقىراپ ،جاقىراپ تىللاپ كەچتە باشقىلارنى ئۇخلاتمىغانلىقى ئۇچۇن خۇاڭ جىيەنشىياڭ نى ئىش ئورنىدىن ھەيدەتكۇزۋەتكەن كوماندا.
ئېراق --ئالدىنقى قېتىملىق ئاسىيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ چىمپىيونى . دۆلىتى ئۇرۇش ئىچىدە بولسىمۇ ، ئىزچىل خەلىقىنىڭ ئازراق مەنىۋى خوشاللىقى ، مىللى ئىپتىخارى ئۇچۇن تىرىشىۋاتقان كوماندا .
قاتار --ئالدىنقى قېتىملىق ئاسىيا تەنھەركەت يىغىنىنىڭ پۇتبول چىمپىيونى .
جوڭگۇ --نوپوس چىمپىيونى
نىمىدن قورقساڭ ،شۇنىڭغا ئۇچرايسەن دىگەندەك مۇشۇ تۆت چىمپىيون بىر گۇرۇپقا كىرىپ قالدى . شۇنىڭ بىلەن ئاخبارات ۋاستىلىرىدا ھالاكەت گۇرۇپىسى دىگەن بىر سۆز مودا بولۇشقا باشلىدى . ھەمدە جوڭگۇنىڭ تەقدىرىدىن گۇمانلىنىشقا باشلىدى ، دىمىسىمۇ بۇ تۆت چىمىيوننىڭ ئالدىدىكى ئۈچىغۇ پۇتبول مەيداندىكى چىمپىيونلار ، جوڭگۇچۇ ؟؟؟؟؟؟ مەيدانغا 11ئادەم چىقارماي ،قانچە ئادىمى بولسا شۇنى چىقارغىلى بولسىغۇ ،نوپوس چىمپىيونىنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرغىلى بولا ،
ئەينى ۋاقىتتا خۇاڭ ئاكىمىز بىكار چىقىرىمىغان ،ئاۋىستىرالىيەنى بىر مۇنچە تىللاپ ،قاغاپ ، ئىتالىيەنى ياخشى كۆرۇپلا قالماستىن يەنە نەچچە يىلدىن ئاۋىستىرالىيە جوڭگۇنىڭ رىسقىغا چاڭ سالىدىغانلىقىنى ئالدىن كۆرۇپ يەتكەن . خەق دۇنيانىڭ يەنە بىر تەرىپىدىن ئاسىياغا بىكارغا كەلمىگەن ، شۇ مۇشۇ جوڭگۇدەك كوماندىلار ئۇچۇرىشىپ ئاسانلا دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشالارمىكىن دەپ كەلگەن .
دوستلىرىمنىڭ ھەممىسى مېنىڭ ئىتالىيە ،مىلان ۋە مالدىنىڭ ھەۋەسكارى ئىكەنلىكىمنى بىلىدۇ ،ئۇنىڭ باشقا يەنە جوڭگۇ پۇتبولىغا ئالاھىدە قىزىقىدىغىنىمغا بەك ھەيران.ئۇقمايسىلەر ، جوڭگۇ پۇتبولى ئېنتىرغا يېتىشەلمىسىمۇ ،ئۇنىڭدىن قېلىشمايدىغان بىر يۇمۇر . ئەينى ۋاقىتتا مەۋھۇم ساننى قوشۇپ نامزات بەلگىلەپ ئاخىرىدا ئۇۇتۇرىۋەتسە دەرىجىدىن تاشقىرىغا چىقالايدىغان ۋەزىيەت شەكىللەنگەندە ئۇچەيلىرىنى تۇتۇپ كۇلۇپ يېتىپ قالغان جوڭگۇدا مەنلا بىر بولمىسام كېرەك .
بۇ قېتىم يەنە ھېلىقى ئادەم كۇلدۇرىدىغانلار يەنە مەيدانغا چىقتى ، دۇنيا لوڭقىسىغا قاتناشقاندا دۇنيا چىمپىيونى، دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ ئۇچىنجىسى بىلەن بىر گۇرۇپقا كىرىپ قالغاندىمۇ ،بىرازىلىيەگە ئۇتتۇرۋىتىپ ،تۇركىيە بىلەن تەڭلىشىپ ، كوستارىگانى يېڭىپ ئالدىنقى 16گە كىرىمىز دىگەن ھېلىقى ۋەتەنپەرۋەر كىىشىلەر يەنە ھاياجانىنى باسالماي قالدى . 
ئاۋىستىرالىيە ،ئېراق ،قاتارلار بىر بىرسى بىلەن تىركىشىپ ،تەڭلىشىپ قالسا ،بىز قاتارنى ئۇتۇپلا گۇرۇپتىن چىكىتىمىز ، بۇ بىزگە پايدىلىق ، بىز دىگەن كۇچلۇك كوماندىلاردىن قورقماي ،ئاجىز كوماندىنى يېڭەلمەيدىغان كوماندا ، بۇنداق كۇچلۇك كوماندىلارنى كۆرگەندە ، يوشۇرۇن كۇچلىرىمىزنى ئاشكارلاپ ، تىنىمىزدىكى كىچىك كائىناتلارنى پارتىلتىپ ، يەتتىنجى سەزگۇلىرىمىزنى ئېچىپ ،بۇ گۇرۇپتىن چىقىمىز يەي ، ئاۋىستىرالىيە ئېىسسقتىن قورقىدۇ ، قاتار بىز دىن قورقىدۇ ، ئېراق ئامرىكىدىن قورقىدۇ يەي دىگەندەك تىپىك AQچە ئانالىزلار يەنە جوڭگونى بىر ئېلىپ ،ھېلىقى چەكنى كۆرۇپ يۇرىكى قېپىدىن چىكەتكەنلەرنى يەنە ئابىھەيات سۇلىرى بىلەن ئەسلىگە كەلتۇردى . يەنە بىر دومىلاپتىمىەن ،بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ .
ئەمىلىرەك بولايلى ، ئالدىنقى قېتىم كۇۋەيىت ،شىياڭگاڭ ، مالايسىيا بىلەن بىر گۇرۇپقا كىرىپمۇ چىقالمىغان بۇ جوڭگۇ كوماندىسىدىن قانچىلىك ئۇمۇت كۇتكىلى بولار ، بۇنىڭدىنمۇ ئاجىز گۇرۇپ بولامدۇ ؟؟؟بۇنىڭدىنمۇ چىقالمىسا بۇ گۇرۇپتىن قانداق چىققىلى بولار .بۇ قېتىم ئەمدى ھاۋا ئىسسىق بولۇپ كەتتى ،چۇشتە ئويناپ قالدۇق ، كەچتە ئويناپ قالدۇق ، ئەتتىگەندە ئويناپ قالدۇق ، سوغاقتا ئويناپ قالدۇق دەپ باھانە ئىزدەپمۇ يۇرمەيدىغان بولدى ،چۇنكى چەك تارتىلغاندىلا كۆپ قىسىم ئادەم نىمىدەپ چىقالمىغانلىقىنى بىلىپ بولدى .بىرىنجى مەيدان مۇسابىقىنىڭ چاغاننىڭ ھارپىسىدا بولۇپ قالغىنىنى تېخى ، شۇڭا ئەڭ ياخشىسى ئېراقتا ئۇرۇش بولىۋاتىدۇ ،بىخىەتەرلىكىمىزدىن ئەنسىرەپ قالدۇق ،شۇڭا بارمىدۇق دەپ 3:0ئۇتتارغان بولاپلا ، ئۆيدە ئارامخۇدا جۇۋاۋا تۇگۇپ يىگەن ئەۋزەل ، بولمىسا يەنە پۇتۇن جوڭگۇ ھەۋەسكارلىرى يېڭى يىلغا كۆز يېشى بىلەن كىرىپ كىتىدۇ ،
جوڭگۇ كوماندىسى ،سېنىڭ دۆتلۇكىڭىدىن پۇتبول ئوڭشاپ ئوينىيالمىغىنىڭ سېنىڭ گۇناھىڭ ئەمەس ،لېكىن دۆتلىكىڭگە قارىماي ، يەنە پو ئېتىپ ئېراققا بېرىپ ئۇتتۇرۇپ چاغاندا بىرمۇنچە ئادەمنى بىئارام قىلغىنىڭ سېنىڭ گۇناھىڭ ،ئاھ خۇدا جوڭگۇ كوماندىسىنى كەچۇرۋەتكىن.چۇنكى ئۇلار ئۆزىنىڭ دۆتلۇكىنى ھېس قىلالمىغۇدەك دەرىجىدە دۆت................


مەنبە: ھۇررا مۇنبىرى
رەھمەت ! ئۇلۇغ ئاللا بىزنى ئۇيغۇر قىلىپ ياراتقىن& ..
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2029
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 38
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە38دانە
ئۆسۈش: 120 %
مۇنبەر پۇلى: 500 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-17
ئاخىرقى: 2011-11-20
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-01-11 21:06

    يولۋاسنى  ئۈيگە سۇلاپ قۇيۇپ ئىتتنى تالاشقا سالسا  چىقامتى ئەمسە