باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 4650 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: جۇڭگو پۇتبولى ........ قارايۇمۇر
رەھمەت ! ئۇلۇغ ئاللا بىزنى ئۇيغۇر قىلىپ ياراتقىن& ..
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2029
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 38
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە38دانە
ئۆسۈش: 120 %
مۇنبەر پۇلى: 500 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-17
ئاخىرقى: 2011-11-20
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-12-30 23:05

جۇڭگو پۇتبولى ........ قارايۇمۇر

گاۋخوپبو ئوغىلانىمىز مىرئەخمەتجاننى ئالمايدىغانلقىنى ئىلان قىلىغان ۋاقىتتا 2 يىل بۇرۇنقى بىر قارا يۇمۇر ئسىمىگە كىلىپ قالدى .

ئاۋىستىرالىيە-- ئوكئانىيە چىمپىيونى ، ئالدىنقى قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ ئالدىنقى 16كۇچلۇك كوماندىسىنىڭ
بىرى ، دۇنيا چىمپىيونى ئىتالىيە ئەڭ ئاخىرقى بىر مىنۇتتا ئۇتقان كوماندا.ۋاقىراپ ،جاقىراپ تىللاپ كەچتە باشقىلارنى ئۇخلاتمىغانلىقى ئۇچۇن خۇاڭ جىيەنشىياڭ نى ئىش ئورنىدىن ھەيدەتكۇزۋەتكەن كوماندا.
ئېراق --ئالدىنقى قېتىملىق ئاسىيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ چىمپىيونى . دۆلىتى ئۇرۇش ئىچىدە بولسىمۇ ، ئىزچىل خەلىقىنىڭ ئازراق مەنىۋى خوشاللىقى ، مىللى ئىپتىخارى ئۇچۇن تىرىشىۋاتقان كوماندا .
قاتار --ئالدىنقى قېتىملىق ئاسىيا تەنھەركەت يىغىنىنىڭ پۇتبول چىمپىيونى .
جوڭگۇ --نوپوس چىمپىيونى
نىمىدن قورقساڭ ،شۇنىڭغا ئۇچرايسەن دىگەندەك مۇشۇ تۆت چىمپىيون بىر گۇرۇپقا كىرىپ قالدى . شۇنىڭ بىلەن ئاخبارات ۋاستىلىرىدا ھالاكەت گۇرۇپىسى دىگەن بىر سۆز مودا بولۇشقا باشلىدى . ھەمدە جوڭگۇنىڭ تەقدىرىدىن گۇمانلىنىشقا باشلىدى ، دىمىسىمۇ بۇ تۆت چىمىيوننىڭ ئالدىدىكى ئۈچىغۇ پۇتبول مەيداندىكى چىمپىيونلار ، جوڭگۇچۇ ؟؟؟؟؟؟ مەيدانغا 11ئادەم چىقارماي ،قانچە ئادىمى بولسا شۇنى چىقارغىلى بولسىغۇ ،نوپوس چىمپىيونىنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرغىلى بولا ،
ئەينى ۋاقىتتا خۇاڭ ئاكىمىز بىكار چىقىرىمىغان ،ئاۋىستىرالىيەنى بىر مۇنچە تىللاپ ،قاغاپ ، ئىتالىيەنى ياخشى كۆرۇپلا قالماستىن يەنە نەچچە يىلدىن ئاۋىستىرالىيە جوڭگۇنىڭ رىسقىغا چاڭ سالىدىغانلىقىنى ئالدىن كۆرۇپ يەتكەن . خەق دۇنيانىڭ يەنە بىر تەرىپىدىن ئاسىياغا بىكارغا كەلمىگەن ، شۇ مۇشۇ جوڭگۇدەك كوماندىلار ئۇچۇرىشىپ ئاسانلا دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشالارمىكىن دەپ كەلگەن .
دوستلىرىمنىڭ ھەممىسى مېنىڭ ئىتالىيە ،مىلان ۋە مالدىنىڭ ھەۋەسكارى ئىكەنلىكىمنى بىلىدۇ ،ئۇنىڭ باشقا يەنە جوڭگۇ پۇتبولىغا ئالاھىدە قىزىقىدىغىنىمغا بەك ھەيران.ئۇقمايسىلەر ، جوڭگۇ پۇتبولى ئېنتىرغا يېتىشەلمىسىمۇ ،ئۇنىڭدىن قېلىشمايدىغان بىر يۇمۇر . ئەينى ۋاقىتتا مەۋھۇم ساننى قوشۇپ نامزات بەلگىلەپ ئاخىرىدا ئۇۇتۇرىۋەتسە دەرىجىدىن تاشقىرىغا چىقالايدىغان ۋەزىيەت شەكىللەنگەندە ئۇچەيلىرىنى تۇتۇپ كۇلۇپ يېتىپ قالغان جوڭگۇدا مەنلا بىر بولمىسام كېرەك .
بۇ قېتىم يەنە ھېلىقى ئادەم كۇلدۇرىدىغانلار يەنە مەيدانغا چىقتى ، دۇنيا لوڭقىسىغا قاتناشقاندا دۇنيا چىمپىيونى، دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ ئۇچىنجىسى بىلەن بىر گۇرۇپقا كىرىپ قالغاندىمۇ ،بىرازىلىيەگە ئۇتتۇرۋىتىپ ،تۇركىيە بىلەن تەڭلىشىپ ، كوستارىگانى يېڭىپ ئالدىنقى 16گە كىرىمىز دىگەن ھېلىقى ۋەتەنپەرۋەر كىىشىلەر يەنە ھاياجانىنى باسالماي قالدى . 
ئاۋىستىرالىيە ،ئېراق ،قاتارلار بىر بىرسى بىلەن تىركىشىپ ،تەڭلىشىپ قالسا ،بىز قاتارنى ئۇتۇپلا گۇرۇپتىن چىكىتىمىز ، بۇ بىزگە پايدىلىق ، بىز دىگەن كۇچلۇك كوماندىلاردىن قورقماي ،ئاجىز كوماندىنى يېڭەلمەيدىغان كوماندا ، بۇنداق كۇچلۇك كوماندىلارنى كۆرگەندە ، يوشۇرۇن كۇچلىرىمىزنى ئاشكارلاپ ، تىنىمىزدىكى كىچىك كائىناتلارنى پارتىلتىپ ، يەتتىنجى سەزگۇلىرىمىزنى ئېچىپ ،بۇ گۇرۇپتىن چىقىمىز يەي ، ئاۋىستىرالىيە ئېىسسقتىن قورقىدۇ ، قاتار بىز دىن قورقىدۇ ، ئېراق ئامرىكىدىن قورقىدۇ يەي دىگەندەك تىپىك AQچە ئانالىزلار يەنە جوڭگونى بىر ئېلىپ ،ھېلىقى چەكنى كۆرۇپ يۇرىكى قېپىدىن چىكەتكەنلەرنى يەنە ئابىھەيات سۇلىرى بىلەن ئەسلىگە كەلتۇردى . يەنە بىر دومىلاپتىمىەن ،بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ .
ئەمىلىرەك بولايلى ، ئالدىنقى قېتىم كۇۋەيىت ،شىياڭگاڭ ، مالايسىيا بىلەن بىر گۇرۇپقا كىرىپمۇ چىقالمىغان بۇ جوڭگۇ كوماندىسىدىن قانچىلىك ئۇمۇت كۇتكىلى بولار ، بۇنىڭدىنمۇ ئاجىز گۇرۇپ بولامدۇ ؟؟؟بۇنىڭدىنمۇ چىقالمىسا بۇ گۇرۇپتىن قانداق چىققىلى بولار .بۇ قېتىم ئەمدى ھاۋا ئىسسىق بولۇپ كەتتى ،چۇشتە ئويناپ قالدۇق ، كەچتە ئويناپ قالدۇق ، ئەتتىگەندە ئويناپ قالدۇق ، سوغاقتا ئويناپ قالدۇق دەپ باھانە ئىزدەپمۇ يۇرمەيدىغان بولدى ،چۇنكى چەك تارتىلغاندىلا كۆپ قىسىم ئادەم نىمىدەپ چىقالمىغانلىقىنى بىلىپ بولدى .بىرىنجى مەيدان مۇسابىقىنىڭ چاغاننىڭ ھارپىسىدا بولۇپ قالغىنىنى تېخى ، شۇڭا ئەڭ ياخشىسى ئېراقتا ئۇرۇش بولىۋاتىدۇ ،بىخىەتەرلىكىمىزدىن ئەنسىرەپ قالدۇق ،شۇڭا بارمىدۇق دەپ 3:0ئۇتتارغان بولاپلا ، ئۆيدە ئارامخۇدا جۇۋاۋا تۇگۇپ يىگەن ئەۋزەل ، بولمىسا يەنە پۇتۇن جوڭگۇ ھەۋەسكارلىرى يېڭى يىلغا كۆز يېشى بىلەن كىرىپ كىتىدۇ ،
جوڭگۇ كوماندىسى ،سېنىڭ دۆتلۇكىڭىدىن پۇتبول ئوڭشاپ ئوينىيالمىغىنىڭ سېنىڭ گۇناھىڭ ئەمەس ،لېكىن دۆتلىكىڭگە قارىماي ، يەنە پو ئېتىپ ئېراققا بېرىپ ئۇتتۇرۇپ چاغاندا بىرمۇنچە ئادەمنى بىئارام قىلغىنىڭ سېنىڭ گۇناھىڭ ،ئاھ خۇدا جوڭگۇ كوماندىسىنى كەچۇرۋەتكىن.چۇنكى ئۇلار ئۆزىنىڭ دۆتلۇكىنى ھېس قىلالمىغۇدەك دەرىجىدە دۆت................


مەنبە: ھۇررا مۇنبىرى
دوستلىشىش
تاھىربەگ
تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم !!
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 10
ئومۇمىي يازما: 2427
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2427دانە
ئۆسۈش: 5210 %
مۇنبەر پۇلى: 28636 سوم
تۆھپىسى: 179 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2012-03-27
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2010-12-31 12:15

بىر كۈنى بىر ياپۇنيەلىك ، بىر كۇرىيەلىك ۋە بىر جوڭگولۇق ئۈچ پۇتبۇل مەستانىسى تەڭىرىنىڭ ئالدىغا بېرىپ سۇراپتۇ .
ياپۇنيەلىك مەستانە :_ ئى تەڭرى ، ياپۇنيە دۆلەت كوماندىسى قاچان دۇنيا لوڭقىسىنى تالشىش مۇسابىقسىنىڭ  چىمپىيونى  بولىدۇ ؟  دەپ سوراپتۇ .
تەڭرى : _ ياپۇنيە يانا يىگىرمە يىلدىن كىيىن چىمپيون بولىدۇ . دەپتۇ .
ياپۇنيەلىك مەستانە :_  كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ تۇرۇپ ھەرنىمە بولسا ئۆلۈپ كەتكىچە ياپۇنيەنىڭ چىمپىيون بولغىنىنى كۆرەلىگۈدەكمەن دەپ خۇش بوپ كىتىپتۇ .
كورىيەلىك مەستانە : ئى تەڭرى ، كورىيە كوماندىسى قاچان دۇنيا لوڭقىسىنى تالشىش مۇسابىقسىنىڭ  چىمپىيونى  بولىدۇ ؟  دەپ سوراپتۇ .
تەڭرى : _ يانا 50 يىلدىن كىيىن ، دەپتۇ .
كورىيەلىك مەستانە :_ ئاللا_توۋا كۆتۈرۈپ ، مەن كوريەنىڭ چىمپىيون بولغىنىنى كۆرەلمەي ئۆلۈپ كىتىدىغان بولدۇم دەپ يىغلاپ كىتىپتۇ .....
جوڭگولۇق مەستانە :_ ئى تەڭرىم ، جوڭگو كوماندىسى قاچان دۇنيا لوڭقىسىنى تالشىش مۇسابىقسىنىڭ  چىمپىيونى  بولىدۇ ؟  دەپ سوراپتۇ .
تەڭرى تۇيۇقسىز يىغلاپ كىتىپتۇ .
جوڭگولۇق مەستانە :_ تەڭرىم نىمىشقا يىغلايلا ، دەپتۇ .
تەڭرى: _ جوڭگو دۆلەت پۇتبۇل كوماندىسنىڭ دۇنيا لوڭقىسىنى تالشىش مۇسابىقسىادە چىمپىيون بولغىنىنى مەنمۇ كۆرەلمىگدەكمەن . دەپتۇ
ھا ھا ھا ھا .....
ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ