كەتسەم ئويغىنىپ (ساتىرا)
خىزمەت دەپ تاڭ سەھەر ئويقۇغا قانماي،
ئىشلىرىم ئۇنۇتسام ئارقامغا يانماي .
ئىشلەيمەن ئالدىراش ناشتا قىلالماي ،
بۇ چۇشۇم بولسىچۇ، كەتسەم ئويغىنپ .
شەنبە ۋە يەكشەنبە ئارام كۈنىمىز،-
كەلگەندە خوشلۇقتىن كۆككە يېتىمىز .
بىر بۇيرۇق بىلەنلا ئىشلەپ كېتىمىز ،
بۇ چۈشۇم بولسىچۇ، كەتسەم ئويغىنىپ .
ئاتا-ئانا قېرنداش يولغا قارايدۇ ،
ھەپتىدە بولسىمۇ بىر كۆرسەم دەيدۇ .
ۋە لىكىن خىزمىتىم ئارام بەرمەيدۇ ،
بۇ چۈشۇم بولسىچۇ، كەتسەم ئويغىنىپ .
ھەر كۈنى ئەتىگەن ئاچقاندا يىغىن ،
ئاڭلايمەن ئولتۇرۇپ باشلىققا يېقىن .
كۈنۈم تەس بولمىسام ئۇنىڭغا بېقىن ،
بۇ چۈشۇم بولسىچۇ، كەتسەم ئويغىنىپ .
باشلىققا تىك قاراش ئەدەپسىزلىككەن،
چارچاشتىن كېچىكىش سەۋەپسىزلىككەن.
خاتانى قىلماسلىق جۈرئەتسىزلىككەن،
بۇ چۈشۇم بولسىچۇ ،كەتسەم ئويغىنىپ .
*****************************************
پات-پاتلا رەھبەرگە خوشەمەت قىلىپ ،
رەنجىگەن بولسا گەر كۆڭلىنى ئېلىپ .
كۆڭۈل غەش بولسىمۇ مەجبۇر ھىجىيىپ،
ئۈنۈم يوق ھەر قانچە ئىشلىسەم ھېرىپ.
بۇ چۈشۇم بولسىچۇ ،كەتسەم ئويغىنىپ .
چارچىسام بىر باشلق «ھورۇن سەن»دەيدۇ ،
دەرتلىرىم تۆكەلمەي كۆڭۈل غەم يەيدۇ .
دوستلىرىم بېرەر كۈن ئارام ئال دەيدۇ ،
رەھبىرىم «ئورنىڭغا ئادەم بار» دەيدۇ .
بۇ چۈشۇم بولسىچۇ، كەتسەم ئويغىنىپ .
خاتىمە
باشلىققا تىك قاراش ئەدەپسىزلىككەن،
چارچاشتىن كېچىكىش سەۋەپسىزلىككەن.
خاتانى قىلماسلىق جۈرئەتسىزلىككەن،
بۇ چۈشۇم بولسىچۇ، كەتسەم ئويغىنىپ .
2009.يىل29.ئاپىرىل
مەنبە: ئىجادىيەت