باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 7042 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: تۇغۇلغان كۈن ( زىياپىتى ) بەرمەكچى !!!....
دوستلىشىش
تاھىربەگ
تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم !!
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 11
ئومۇمىي يازما: 2473
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2473دانە
ئۆسۈش: 5440 %
مۇنبەر پۇلى: 30411 سوم
تۆھپىسى: 179 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2012-05-11
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-12-30 16:42

تۇغۇلغان كۈن ( زىياپىتى ) بەرمەكچى !!!....

ئەسكەرتىش: بۇ يازما ھەمزە تەرىپىدىن نادىرلاندى(2010-12-30)
            

  تۆۋەندە پېقىر تاھىرنىڭ  (تۇغۇلغان كۈن  زىياپىتى)دىن بەھىر ئالغايسىلەر ...







تۇغۇلغان كۈننى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىش



د. ئابدۇلۋاھھاب ئەتتەرىيرى


غەرپنىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرى مۇسۇلمانلارنىڭ ھاياتى پائالىيەتلىرىگە تەسىر كۆرسەتكەنلىكى ئانچە ھەيران قالارلىق ئىش بولمىسىمۇ ، مۇسۇلمانلارنىڭ  گاھىدا نادانلىق گاھىدا سەل قارىشىن خىرىستىيان ئەللىرىنىڭ دىنى ئېتقادلىرى ۋە پائالىيەتلىرىنى ئۆزىگە سىڭدۈرۋالغانلىقى ھەقىقەتەن ھەيران قالارلىق ئىش .

ئەنە شۇلار قاتارىدىن ئۇلارنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەش بايراملىرى ئەتراپىمىزدىكى تېلىۋزىيە قاناللىرى ئارقىلىق تېخىمۇ زور مەزمۇنغا ئىگە قىلىنىۋاتىدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭدا مۇسۇلمانلارنىڭ ئوغۇل – قىز پەرزەنتلىرىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىدىغان شەھۋانى مەزموندىكى ئويۇن – كۈلكىلەر بار. روشەنكى ، بىز بۇنىڭ دىنى ئارقا كۆرىنىشى ۋە ئۇنىڭغا نىسبەتەن دىنىمىز ( ئىسلام ) نىڭ شەرئى ئەھكاملىرىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىدىن غاپىل ھالدا يۈرىۋاتىمىز.

قىز – يىگىتلىرىمىز ئۆزلىرىنى پەرۋانە كەبى ئۇرۇۋاتقان تۇغۇلغان كۈننى تەبرىكلەش بايرىمى تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە خىل شەكىل ياكى جەريانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

1- بىر – بىرىنى قۇتلۇقلاش

2 – تەبرىك كارتىلىرىنى ئەۋەتىش

3- بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىر – بىرىگە ھەدىيە بېرىش

4- مەيلى چاي يىغىلىشى ياكى كەچلىك غىزا بولسۇن، يىلدا بىر قېتىم زىياپەت بېرىش

5- بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بالىلارغا ئويۇنچۇق ۋە تاتلىق – تۈرۈملەرنى بېرىش

6- بالىلارنىڭ ھەرخىل تۈردىكى ئويۇنچۇقلارنى ئوينۇتىشى

7- بىر كۈن ئىشلىمەسلىك ، مەكتەپكە بارماسلىق

8- بىۋاستە تارقىتىلىدىغان تېلىۋزىيە پىروگىرامملىرىغا تېلفون قىلىپ، يېقىن تۇققانلىرىغا ، دوستلىرىغا ناخشا – مۇزىكا ھەدىيە قىلىش

9 – تۇغۇلغان كۈننى تەبرىكلەپ كېچىسى ئۇخلىماي چىقىش

10 – مېھمانخانىلارغا، كەچلىك يىغىلىش زاللىرىغا بېرىش، ھەتتا بۇ خىل كۈن تېخىمۇ بەكرەك داغدۇغۇلۇق بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان دۆلەتلەرگە سەپەر قىلىش ، ( ئۆمرى ئۇزۇن بولىدۇ دەپ لەغمەن يېيىش).... قاتارلىقلار

بۇ پائالىيەتنىڭ ھەجىمىنىڭ چوڭ – كىچىكلىگى، قاتناشقۇچىلارنىڭ ئاز – كۆپلىگى بىلەن ھەر ئەللەردە قىسمەن پەرقلەر بولۇپ، بىر قىسىم ئىسلام ئەللىرىدە قىسمەن مۇسۇلمانلار تۇغۇلغان كۈننى تەبرىكلەش بايرىمىنى ئىسلامدىكى قۇربان ۋە روزا ھېيت بايراملىرىنىڭ ئالدىغا قويىۋالىدۇ. ئىسلامدىكى بايراملارنىڭ تەنتەنىسى تۇغۇلغان كۈن بايراملىرىغا قارىغاندا ئەرزىمەس بىر ئىشتەك نەرسىگە ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ ...  بۇ ئەھۋال ھەممە كىشىلەرگە مەلۇملۇق .

بۇنىڭدىن 700 يىللار ئىلگىرى ئىبىن تەيمىييە بۇ ئىشتىن قاتتىق ئاگاھلاندۇرغان، كېيىنكى مەزگىللەردە ئۇستاز مۇنتەسسىر ئەززىيات «ئەر رىسالە» دېگەن ژورنالدا (بايراملىرىمىز) دېگەن تېمىدا بىر پارچە ماقالە يېزىپ، بۇ ئەھۋالدىن ھەزەر ئەيلەشكە چاقىردى. ئۇ ماقالىسىدە ئەمىلى كۆرۈنۈشنى تەسۋىرلەپ مۇنداق يازىدۇ : « مىسىر خەلقى ئالەمچە شاتلىق ئىچىدە ئۆتكۈزىۋاتقان يېڭى يىل ۋە تۇغۇلغان كۈننى تەبرىكلەش پائالىيىتى ... چىركاۋلارغا قانچىلىك ئىپتىخار تۇيغۇسى بېغىشلاۋاتقاندۇ ؟ ! ....... »

ئۇستاز مۇنتەسسىر ئەززىياتنىڭ تۇغۇلغان كۈننى تەبرىكلەش بايرىمىنى تەسۋىرلىگەن بۇ ماقالىسى بۇنىڭ ئەللىك  يىللار ئىلگىرى يېزىلغان . ئەگەر ھازىرقىدەك تېلىۋزىيە، رادىئو ۋە ئىنتىرنىتخانىلاردىكى تۇغۇلغان كۈن ۋە يېڭى يىلنى تەبرىكلەش بايراملىرىنى كۆرگەن بولسا، نېمىلەرنى يازاتتىكىن ؟ !!

شۇڭا ، بۇ بايرامنىڭ ماھىيىتىنى ئېنىقلاش ۋە ئۇنى ئۆتكۈزۈش، قاتنىشىشلارنىڭ شەرىئەتتىكى ھۆكمىنى ئېنىق بەلگىلىۋېلىشىمىز لازىم، بۇنىڭ كەينىدىن چېپىۋاتقان كىشىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش ۋە قاتنىشىۋاتقان خېلى كۆپ ساندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ زېھنىدە ھازىرغىچە ئېنىق بولماي كەلگەن بۇ بايرامنىڭ ئېتقادى كېلىپ چىقىشىنى ئېنىقلىۋېلىشىمىز لازىم .

ئېيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنى «كىرىسماس بايرىمى» دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ ، ئۇ بارلىق خىرىستىيانلار نەزىرىدىكى دېكابىرنىڭ 25 – كۈنىدۇر. بۇ پائالىيەتنى خىرىستىيانلار ئېيسا ئەلەيھىسسالام تۇغۇلغانلىقىنى يېڭىدىن ئەسلەش بايرىمى دەپ قارايدىغان بولۇپ ،  بۇ بىر خىل دىنى ئەقىدە ۋە ئىبادەت ھىساپلىنىدۇ . ئۇلار بۇ كۈندە چېركاۋلارغا بېرىپ، ئۆزىنىڭ مەخسۇس دۇئا – ئىبادەتلىرىنى ئورۇنلايدۇ، يېرىن كېچە بولغاندا بايرام ئەڭ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرىلىدۇ، چېركاۋلارنى زىننەتلەيدۇ، قاتناشقۇچىلار تۇغۇلغان كۈن ناخشىسى توۋلايدۇ. بۇ بايرام بۇددىسلارنىڭ دىنى پائالىيەتلىرىدىن خېلى كۈچلۈك ئورۇق ئالغان ، رۇملۇقلار نۇر ئىلاھى ، ھوسۇل ئىلاھى ... دېگەنلەرنى تەبرىكلەيتى، خىرىستىيان دىنى رۇملۇقلارنىڭ رەسمى دىنىغا ئايلانغاندىن كېيىن، ياۋرۇپادىكى ئەڭ مۇھىم  دىنى بايرامنىڭ بىرى سۈپىتىدە ساقلىنىپ قالدى . پادىشاھ نىكۇلاس بۇ بايرامدا ھەدىيەلەرنى تارقىتىشنىڭ سىمىۋولىغا ئاڭلاندى، ئۇنىڭدىن ئاتا پوپ نويل نىكۇلاسنىڭ ئورنىدا باشقىلارغا – خۇسۇسەن كىچىك بالىلارغا – ھەدىيە تەقدىم قىلىشنىڭ سىمىۋولى بولۇپ قالدى. (كاپىرلارنىڭ بايراملىرى – ئىبراھىم ئەلھەقىل .41-42 بەتلەر )

شەرئى ھۆكمى

ئەمما بۇنىڭغا ھەر قانداق شەكىلدە قاتنىشىشنىڭ شەرىئەتتىكى قۇرئان، ھەدىس كۆرسەتمىلىرى ، ساھابىلەرنىڭ بايانى ۋە ئۆلۈمالارنىڭ بىرلىككە كېلىشى ... قاتارلىقلارغا تايانغان ھۆكمى ھارامدۇر .

بۇنىڭدىن باشقا ئۆلۈمالارنىڭ بۇ بايرامنى ئۆتكۈزۈش ۋە قاتنىشىشنىڭ ھاراملىقىغا دائىر يېزىلغان كىتاپ  - رىسالىلىرى، پەتىۋالىرىمۇ ناھايىتى كۆپ. ھەنەفىي ئۆلۈمالىرىدىن مەشھۇر ئالىم ئەبۇ ھەفسىل بەستى مۇنداق دەيدۇ: «كىمىكى كاپىرلارنىڭ بايرىمىنى قۇتلۇقلاپ، مۇشرىكلەرگە تۇخۇم كەبى بىر نەرسە ھەدىيە قىلسا، ئاللاھقا كۇپۇرلۇق قىلغان بولىدۇ. » بۇ ھەقتە يەنە ئىبىن تەيمىييە، ئىبىن قەييۇم قاتارلىقلارنىڭ كىتاپلىرىدىكى مەخسۇس تېمىلاردىن باشقا، شەيخ ئىبراھىم ئىبىن مۇھەممەد ئەلھەقىيلنىڭ «كاپىرلارنىڭ بايراملىرى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇنىڭغا قارىتا مەيدانى » ناملىق كىتاپلىرىمۇ بۇ توغرىدا نۇرغۇن ھۆكۈملەرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ .

بىز بۇ كۆزنەكتە شەيخۇل ئىسلام ئىبىن تەيمىييەنىڭ سۆزلىرىنى خۇلاسىلەش بىلەن بىرگە، بۇ بايرامنىڭ ماھىيىتى ۋەشەرئى ھۆكمىنى بايان قىلىدىغان بىر قىسىم پەتىۋالارنى تاللاپ ھوزورۇڭلارغا سۇندۇق .

غايەت زور ھەجىمدىكى تېلىۋزىيە قاناللىرىنىڭ تەھتىدىگە، مۇسۇلمانلار ئارىسىدا خىرىستىيانلارنىڭ دىنى پائالىيەتلىرىنىڭ يۇشۇرۇن ئۆزلىشىۋېلىش دولقۇنىغا ئۇچراۋاتقان بىر پەيىتتە ياشاۋاتىمىز. مۇسۇلمانلار دۇنياسىنى دېگۈدەك ئۆز ئىلكىگە ئېلىۋالغان غەپلەت ئۇيقۇسى بىزنى تېخىمۇ جىددى ۋە سەمىمىيلىك بىلەن پەرزەنتلىرىمىزگە يۇقىرىدا بايانى كەچكەن ئىشلارنىڭ ئارقا كۆرۈنىشى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ قەلبىدە يەرلىشىپ قېلىش خەۋپى كۆرۈنۈپ تۇرۇۋاتقان بۇ خىل ھادىسىگە قەتئىي قارشى تۇرىشىمىز لازىم . مۇسۇلمانلارنىڭ قەلبىدە ھېيت – بايراملىرىنى قەدىرلەش، دىنىغا، ئەقىدە- ئېتقادىغا، ئۆرپ – ئادەتلىرىگە خاس بىر خىل ئالاھىدىلىك شەكىللەندۈرۈش زۆرۆرىيىتى بىزنىڭ نۆۋەتتىكى باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيىتىمىز ...

مۇسۇلمانلارنىڭ قۇرئان، ھەدىس ماھىيىتىگە مۇناسىپ چىن مۇسۇلمان بولۇشى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ دىننى قەدىرلەش تۇيغۇسىنىڭ ھەقىقىي رەۋىشتە ئەمەلگە ئېشىشى ئىنتايىن زۆرۆر.

ئاللاھ ھەممىمىزنى توغرا يولدا مېڭىشقا، دىنىمىزنىڭ كۆرسەتمىلىرى ۋە ئۇ ئارقىلىق ئۆزىگە قەدىرلەش قەدىرلەش پۇرسەتلىرىگە مۇيەسسەر قىلسۇن، ئامىن !


ئەسكەرتىش :بۇ ماقالە دوكتۇر ئابدۇلۋاھھاب ئەتتەرىيرىنىڭ شۇ ناملىق ماقالىسىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ تەرجىمە قىلندى


مەنبە : مەرىفەت مۇنبىرى

[ بۇ يازمىنىتاھىر 2011-02-18 19:53قايتا تەھرىرلىدى ]
ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 731
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 324
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە324دانە
ئۆسۈش: 330 %
مۇنبەر پۇلى: 3610 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-07-27
ئاخىرقى: 2011-09-26
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-01-29 19:40

ئىشلىتىش
引用第5楼jahanerkisi于2011-01-07 23:19发表的  :
بۇمۇ ئۇيغۇرلارغا ئۆرپ ئادەتتەك بىلىنىپ قالغىلى تۇردى   مۇسۇلمانلار ئىككى ھېيتنىلا تەبرىكلەيمىز  

نورۇزمۇ بارغۇ؟