كۆنۈپ قالدۇقمۇ ؟
ئەزىر قېرىنداشلار ، بەزى ئىشلار توغۇرلۇق ئويلۇنۇپ قالدىم ، شۇ سەۋەپلىك بۇ شېئىرنى ھەر قايسىڭلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندۇم . بەزى
سۆز ئىبارىلەر سەل ئېشىپ كېتىپ قالغان بولسا ئېغىر بېسىقلىق بىلەن پىكىر بىرىشىڭلارنى سورايمەن . رەخمەت !
ئۆزىمىزدىن ئۆزىمىز چېنىپ قالدۇقمۇ ؟
ئېسىل ئەخلاق ، خىسلەتىتىن تېنىپ قالدۇقمۇ ؟
ئۆزگىلەرگە ئەگىشىپ ئېزىپ قالدۇقمۇ ؟
ئارزۇ - ئىستەك ،غايىدىن تېزىپ قالدۇقمۇ ؟
يا مۇشۇنداق ياشاشقا كۆنۈپ قالدۇقمۇ ؟
بىر چاغلاردا ئەجدادىمىز بۇلۇپ تىرىشچان ،
ئىلىم-ھېكمەت،خىل مەدەنيەت سۈرگەنكەن دەۋران ،
بۇزماقتىمىز، بىز تۇرغان جاي ئىشرەتلىك ماكان ،
قاتار چايدا كېزىپ قاتار-قاتار رېستۇران ،
يا مۇشۇنداق ياشاشقا كۆنۈپ قالدۇقمۇ ؟
قەلبىمىزدە ھەسەتخورلۇق بۇلۇپ ھۆكۈمران ،
ئۈندىمەكتە بەختىمىزنى قىلىشقا ۋەيران ،
ئارمانلار كۆپ، يېتەرگە ھىچ قويمىدۇق دەرمان،
ئۆزگلەرنى دوراش ئۇدۇم بولماقتا ھامان ،
يا مۇشۇنداق ياشاشقا كۆنۈپ قالدۇقمۇ ؟
شۇ ئەسنادا يېقىنلىشىپ كەلگەندە ئىمان،
چىللاپ كەتتى كۆڭلىمىزنى ئىشرەتلىك ماكان،
قىزىقتۇرۇپ، ئاڭلانماقتا كۈلكە ھاياجان ،
ئۇنۇتتۇق بىز ئەسلىمىزنى، بۇ قانداق زامان،
يا مۇشۇنداق ياشاشقا كۆنۈپ قالدۇقمۇ ؟
ھەر يىقىلساق تۇردۇق بىر رەت، يىدۇق پۇشايمان،
قالدۇرماققا ئىزدەندۇق ھەم كىيىنگە ئىمكان ،
تۆۋە قىلدۇق ، تۆۋە قىلدۇق،تۆۋىمىز يامان ،
ئۇزاق ئۆتمەي روھىمىزنى ئەپقاچتى شەيتان ،
يا مۇشۇنداق ياشاشقا كۆنۈپ قالدۇقمۇ ؟
مەنبە : ئىجادىيەت