قېرىنداشلار!ئارتۇق تالاشماڭلار،
12 مۇقامنى ئاۋۋال بىر ئاڭلاپ بېقىڭلار،ئاھاڭىنىلا ئەمەس بەلكى ئۇنىڭ تېكىستىنىمۇ ئاڭلاپ بېقىڭلار.ئەمگەكچان ئاقكۆڭۈل ئەجداتلىرىمىز ئۆزىنىڭ جاپا-مۇشەققەتلىرىنى،غەم قايغۇلىرىنى،خوشاللىقلىرىنى قىسقىسى شۇ دەۋىردىكى ئۆز تۇرمۇشىنى ئاشۇ مۇقامغا سىڭدۈرىۋەتكەن.ئۇنۇڭغا مۇڭلۇق كۈيلەرنى جۆر قىلىپ ، بىر تەرەپتىن كىشىگە مۇڭلۇق ئاھاڭلارنى ھېس قىلدۇرسا بىر تەرەپتىن بىزگە ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتلىرمىزدىن،ئۆرۈپ-ئادەتلىرىمىزدىن،مېھىر-مۇھەببەت،قېرىنداشلىق،جەمىيەت ئەخلاقى ،شەرمى-ھايا ،گۈزەللىك،غورۇر ۋە باشقا نۇرغۇن جەھەتلەردە بىزگە دەرىس بېرىدۇ.قېنى دەپ بېقىڭ:ئاددىسى شۇ مۇقامدا تەسۋىرلەنگەن ساپ مۇھەببەت،شەرمى-ھايا ،زۇلۇمغا قارشى باتۇرانە روھ ،غورۇر ھازىرقى قىز- يىگىتلىرىمىزنىڭ نەچچىسىدە بار. بۇ ئەجداتلىرىمىز بىزگە قالدۇرغان سەنئەت ئەسىرىلا بولماستىن بەلكى بىر تارىخ،بىزگە ئۆزىمىزنىڭ كىملىگىنى ئەسلىتىپ تۇرىدىغان مىللى مەدىنيەت مىراسىمىز.خەق قەدىرلەپ قىممەتلىك مەدەنىيەت ئەسىرى قىلىپ ساقلاۋاتسا ،بىز خارلامدۇق؟بىر كۈنلەردە ئۆز تىلىمىزنى مەدەنىيىتىمىزنى ئۇنتۇغان چاغدا،خەق بىزگە قويۇپ بېرىپ مۇشۇ سېنىڭ تىلىڭ،سېنىڭ كۈيلىرىىڭ دىگەندە ئاندىن يىغلاپ تۇرۇپ قەدرىگە يېتىمىز.ئىتتەك چىشلەشكەندىن ئۆزىمىزگە ئىنساپ تىلەيلى.